ئورۇقلاشتىكى بەزى خاتا ئۇسۇللار ئاياللارنى بالدۇر قېرىتىۋېتىدۇ
ۋاقتى: 2016-08-01
ئاۋاتلىقى: 987 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئاشقازان راكى. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر سىز بەدەن شەكلىڭىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن 25 ياشتىن باشلاپ تاماقنى ئاز يېگەن بولسىڭىز، 10 يىلدىن كېيىن سالامەتلىكىڭىز تەسىرگە ئۇچرايدۇ. تاماقنى ئاز يېگەندە، ئاشقازاننىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ، بۇ ھال ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشسا ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرىلايدۇ.
ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، قان ئازلىق، سۆڭەك بوشىشىش. گۆش ۋە ئاساسىي تاماقلارنى يېمەي، مېۋە-چېۋىلەرنى يېگەندە، ئورۇقلاشنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرەلەيمىز، لېكىن ئۇزاققا سوزۇلغاندا، بۇنىڭمۇ خەتىرى زور بولىدۇ. بەدەنگە كېرەكلىك ئېنېرگىيە ماي، كاربون-سۇ بىرىكمىسى ۋە ئاقسىلدىن كېلىدىغان بولغاچقا، گۆش ۋە ئاساسىي يېمەكلىكلەرنى ئاز يېگەندە، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، قان ئازلىق، سۆڭەك بوشىشىش، ئاقسىل كەم بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يۈرەك كېسىلى. تاماقنى ئاز يېيىش يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى ئورۇقلاش دورىلىرى يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، شۇنداقلا يۈرەك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.