15-باب قانغا قان، جانغا جان
تەيۋەن ھەربىي رايونىنىڭ گېنرالى ۋاڭ تيېخېڭ تەيۋەن جىنمېن ئايروپورتىنى كۆزدىن كەچۈرىۋاتقاندا، ئىككى نەپەر ياپونىيە قارا ئەجدىھا گورۇھىنىڭ ئادىمى كىشىلەر توپىغا قارىتىپ ئىككى دانە گرانات تاشلىدى، قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ گېنرال ۋاڭ تيېخېڭغا قارىتىپ ئالتە پاي ئوق ئۈزدى، گېنرال ۋاڭ تيېخېڭغا تۆت پاي ئوق تېگىپ، ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قالدى. قارا ئەجدىھا گورۇھى بولسا، ياپونىيىدىكى قارا گورۇھ تۈسىنى ئالغان تەشكىلات ئىدى! شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ گورۇھ ياپونىيە ھۆكۈمىتى پۇل چىقىرىپ يۆلەيدىغان قاتىللىق تەشكىلاتى ئىدى، ئۇلار ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پۇلىنى ئېلىپ، ھۆكۈمەت ئۈچۈن ھەر قايسى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە مۇھىم سىياسىي ئەربابلىرىنى ئۆلتۈرەتتى! ھازىر ياپونىيىدىكى ئەڭ چوڭ قارا گورۇھ بولۇپ، يېقىنقى نەچچە يىلدىن بېرىقى ھەر قايسى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ قەستكە ئۇچرىشى ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى!
جۇڭگو ئەلباشى(دۆلەت رەئىسى) لى شىياڭ ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جوۋ تيەنخۇا شەخسەن تەيۋەنگە كېلىپ ۋاڭ تيېخېڭنى يوقلىدى، تەيۋەن تەيبېي دوختۇرخانىسىدا تېخىغىچە ھۇشسىز ياتقان ۋاڭ تيېخېڭنى كۆرۈشتى، لى ئەلباشى ئاچچىقى بىلەن تىللىدى:
ــ ياپونىيە قارا ئەجدىھا گورۇھىنىڭ ئادەملىرى تەيۋەنگە قانداق سوقۇنۇپ كىرىۋالغاندۇ؟