29- باب زورلانغان ھەمكارلىق
2010-يىلى 7-ئۆكتەبىر، ئامېرىكا ئەلباشى فوبۇس ئەمدىلا جۇڭگوغا كېلىشىگە، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە دېڭىز ئاستى تەجرىبىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشالمىغانلىق خەۋىرى تارقالدى، جۇڭگو رەئىسى لى شياڭ ۋە روسىيە ئەلباشى گروزىن ئالدىراشچىلىقتىن باش قاشلىغۇدەك چول تاپالماي قالدى، ئۇلار ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئالاقزادە بولماسلىققا ۋە دەرھال قۇتقۇزۇش ئەترىتى تەشكىللەپ تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئۇ يەردە ھايات ئادەم قالمايدىغانلىقى ئايان ئىدى.
2010-يىلى 8-ئۆكتەبىر، فوبۇس جۇڭنەنخەيدە قىلغىلى ئىش تاپالماي زېرىكىپ ئولتۇراتتى، 20 مىنۇتلاردىن كېيىن لى رەئىس ھاسىراپ كىرىپ كەلدى. فوبۇس ئاچچىقلانغان ھالدا:
ــ ۋاي-ۋۇي، يېقىندىن بۇيان قارىغاندا بەك ئالدىراشكەنسىز-ھە!ــ دېدى. لى رەئىس تەرلىرىنى سۈرتكەچ دېدى:
ــ ئەلباشى فوبۇس ئەپەندى، بۈگۈن تۈزۈت گەپلىرىنى مەنمۇ كۆپ سۆزلىمەي! بىز گەپنىڭ پوسكاللىسىنىلا دېيىشەيلى.
فوبۇس سوغۇق كۈلۈمسىرىگىنىچە:
ــ ياخشى! مەنمۇ دەل شۇنى ئويلاپ تۇراتتىم،ــ دېدى. ئىككىيلەن ئەمدى ئولتۇرۇشىغا لى رەئىس سۆز باشلىدى:
ــ بىز پەقەت سىلەرنىڭ ئامېرىكا تېنچ ئوكيان فلوتىنىڭ «لېكىستون» ناملىق ئاۋېئاماتكا ئەترىتىنىلا قۇتقۇزالىدۇق، سىلەرنىڭ يۈتۈپ كەتكەن يەنە بىر ئاۋېئاماتكا ئەترىتى بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.