بەزىلەر قەۋزىيەت كېسەل ئەمەس، ئالايىتەن داۋالاپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ. لېكىن بۇ قاراش خاتا، قەۋزىيەتنىڭ خەتىرىگە قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدۇ.
ئادەمنىڭ ئۈچىيىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىرغا يېتىدۇ، يەنە كېلىپ قات-قات بولىدۇ، كۈندە قىلىدىغان ئادەتتىكى چوڭ تەرەت ئۈچەي ئىچىدىكى يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى پاكىز چىقىرىۋېتەلمەيدۇ، ھامان بەزى قالدۇقلار ئۈچەي ئىچىدە قېلىپ قالىدۇ. بۇ قالدۇقلار باكتېرىيەنىڭ رولى ئاستىدا يىغىلىۋېلىپ، قارا رەڭلىك، سېسىق، زەھەرلىك ماددا ھاسىل قىلىپ، ئۈچەي دىۋارىغا چىڭ چاپلىشىۋالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بۇ يىغىلىۋالغان ماددىلارنىڭ خەتىرى بارغانسېرى زورىيىدۇ، ئۇلار داۋاملىق ئېچىپ، چىرىپ، ھەرخىل زەھەرلىك ماددا، زەھەرلىك گازلارنى توختىماي پەيدا قىلىپ، ئۈچەي ئىچىدىكى مۇھىتنى يامانلاشتۇرۇپ، ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ-دە، ۋاقىت ئۇزارغانچە، بىر قاتار كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
غىزا تالاسىنىڭ رولى
-
غىزا تالاسىنىڭ رولى
ۋاقتى: 2016-08-15 ئاۋاتلىقى: 1887 قېتىم1. قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇيانفوندا كۆرۈش
غىزا تالاسىنىڭ ھەجىمى چوڭ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېمەكلىكنىڭ ئۈچەيدە تۇرۇپ قېلىش ۋاقتىنى قىسقارتىدۇ. غىزا تالاسى تەركىبىدىكى سۇ ئاسانلىقچە قوبۇل قىلىنمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، غىزا تالاسى چوڭ ئۈچەيدە باكتېرىيە تەرىپىدىن ئېچىتىلىپ، بىۋاسىتە تالا تەركىبىدىكى سۇ قوبۇل قىلىنىپ، چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولىنى ئۆتەيدۇ.
2. ئورۇقلاشقا پايدىلىق
ئومۇمەن سېمىزلىكنىڭ ھەممىسى يېمەكلىكتىكى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى كۆپ قوبۇل قىلىش ياكى جىسمانىي ئەمگەك ئاز بولۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. غىزا تەركىبىدىكى غىزا تالاسىنىڭ مىقدارىنى ئۆستۈرگەندە، قوبۇل قىلىنغان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ، ئۈچەيدىكى ئوزۇقلۇقنىڭ ھەزىم قىلىنىشىمۇ تۆۋەنلەيدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا بەدەندىكى ماينىڭ سەرپ قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورۇقلاش رولىنى ئوينايدۇ.
3. سەي-كۆكتات تەركىبىدىكى زور مىقداردىكى غىزا تالاسى بوغماق ئۈچەي ۋە تۈز ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
بۇ ئىككى خىل راك ئاساسلىقى يېمەكلىكنىڭ ئۈچەيدە توختاپ قېلىش ۋاقتى ئۇزۇن، ئۈچەي دىۋارىغا ئۇزاق مۇددەت يېپىشىپ تۇرغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. غىزادىكى تالانىڭ مىقدارىنى ئاشۇرغاندا، راك پەيدا قىلغۇچى ماددىنىڭ قويۇقلۇقى نىسبەتەن تۆۋەنلىگەندىن سىرت، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى غىدىقلاشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ ئۈچەينىڭ دىۋارى بىلەن تىگىشىش ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقىرايدۇ. تەتقىقاتچىلار بىردەك: ئۇزاق مۇددەت ھايۋانات ئاقسىلىنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلغاندىن سىرت، يەنە تالانىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق بۇ ئىككى خىل راكنىڭ مۇھىم سەۋەبى دەپ قارايدۇ.
4. گېموروينىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
گېموروي چوڭ تەرەتنىڭ بوغۇلۇپ قېلىشى ۋە قاننىڭ ئۇزۇن ۋاقىت توسۇلۇپ قېلىشى ۋە ئۇيۇپ قېلىشىدىن پەيدا بولىدۇ. غىزا تالاسىنىڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بولغاچقا، مەقئەت ئەتراپىغا بولغان بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ، قان ئايلىنىش راۋانلىشىدۇ. شۇ ئارقىلىق گېموروينىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئۆتەيدۇ.
5. قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىپ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
غىزا تالاسىنىڭ تەركىبىدىكى بەزى ماددىلار مەسىلەن پېكتىن خولېستېرول بىلەن بىرىكىدۇ، لىگنىن ئۆت كىسلاتاسى بىلەن بىرىكىپ، ئۇلارنى بىۋاسىتە چوڭ تەرەتتىن چىقىرىپ، بەدەندىكى خولېستېرولنى سەرپ قىلىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىدىن سەرپ قىلىنغان خولېستېرولنى تولۇقلايدۇ. شۇ ئارقىلىق خولېستېرولنى تۆۋەنلىتىپ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ.
6. دىيابېت كېسەللىكىنى ياخشىلايدۇ
غىزا تالاسى تەركىبىدىكى پېكتىن يېمەكلىكنىڭ ئۈچەيدە تۇرۇپ قېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، گىلوكوزىنىڭ قوبۇل قىلىنىش سۈرئىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. بۇنداق بولغاندا، تاماقتىن كېيىن قان شېكىرى جىددىي ئۆرلەپ كەتمەيدۇ، بۇ دىيابېت بىمارلىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىغا پايدىلىق. يېقىنقى يىللاردىكى، تەتقىقات نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، غىزا تالاسىنىڭ قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى بولىدىكەن.
7. ئۆتكە تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
ئۆتكە تاش چۈشۈش ئۆت سۇيۇقلۇقىدىكى خولېستېرول مىقدارىنىڭ زىيادە كۆپىيىپ كەتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. غىزا تالاسى خولېستېرول بىلەن بىرىكىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۆتكە تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
8. ئاياللاردىكى ئەمچەك بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمىدە بايقىلىشىچە، ئەمچەك بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇشى غىزادىكى يۇقىرى ماي، يۇقىرى شېكەر، يۇقىرى گۆش تىپىدىكىلەرنىڭ غىزا تالاسىنى قوبۇل قىلىشنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. چۈنكى بەدەندىكى زىيادە ماي بەزى ھورمۇنلارنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھورمۇنلار ئارا تەڭپۇڭسىزلىقنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەمچەكتىكى ھورمۇن مىقدارىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
قەۋزىيەتنىڭ ئاياللارغا بولغان زىيىنى
2015-08-06 04:47:48791قەۋزىيەت مەزى بېزىغا زەخمە يەتكۈزەمدۇ؟
2016-01-04 18:21:351444نىتتا قەۋزىيەت دەملىمىسىنىڭ 6 چوڭ ئۈنۈمى
2015-08-06 05:26:571248بالىلاردا ئىشتاھا تۇتۇلۇش ۋە قەۋزىيەت ئالامەتلىر
2015-08-06 13:14:222918قەۋزىيەتنىڭ چوڭلارغا بولغان تەسىرى بەكلا چوڭ
2015-08-06 20:42:283120قەۋزىيەتنىڭ بالىلارغا بولغان زىيىنى
2015-08-06 04:43:32828بالىلار ساغلاملىقىنى قوغدىغۇچى قالقان: نىتتا قەۋ
2015-08-06 05:24:351628قەۋزىيەت بولغۇچىلار كۈتۈنۈشتە
2015-08-06 04:57:473478
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-