قەۋزىيەت ساۋاتلىرى يانبىلوگى

  • خانىم-قىزلاردىكى قەۋزىيەتنىڭ سەۋەبى

    خانىم-قىزلاردىكى قەۋزىيەتنىڭ سەۋەبى

  • قەۋزىيەت ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە

    قەۋزىيەت ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە

  • قەۋزىيەت بولغۇچىلار كۈتۈنۈشتە

    قەۋزىيەت بولغۇچىلار كۈتۈنۈشتە

  • قەۋزىيەت كېسەللىكمۇ؟

    قەۋزىيەت كېسەللىكمۇ؟

  • قەۋزىيەتنىڭ ھامىلىدارلارغا بولغان تەسىرى

    قەۋزىيەتنىڭ ھامىلىدارلارغا بولغان تەسىرى

  بەزىلەر قەۋزىيەت كېسەل ئەمەس، ئالايىتەن داۋالاپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ. لېكىن بۇ قاراش خاتا، قەۋزىيەتنىڭ خەتىرىگە قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدۇ.
ئادەمنىڭ ئۈچىيىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىرغا يېتىدۇ، يەنە كېلىپ قات-قات بولىدۇ، كۈندە قىلىدىغان ئادەتتىكى چوڭ تەرەت ئۈچەي ئىچىدىكى يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى پاكىز چىقىرىۋېتەلمەيدۇ، ھامان بەزى قالدۇقلار ئۈچەي ئىچىدە قېلىپ قالىدۇ. بۇ قالدۇقلار باكتېرىيەنىڭ رولى ئاستىدا يىغىلىۋېلىپ، قارا رەڭلىك، سېسىق، زەھەرلىك ماددا ھاسىل قىلىپ، ئۈچەي دىۋارىغا چىڭ چاپلىشىۋالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بۇ يىغىلىۋالغان ماددىلارنىڭ خەتىرى بارغانسېرى زورىيىدۇ، ئۇلار داۋاملىق ئېچىپ، چىرىپ، ھەرخىل زەھەرلىك ماددا، زەھەرلىك گازلارنى توختىماي پەيدا قىلىپ، ئۈچەي ئىچىدىكى مۇھىتنى يامانلاشتۇرۇپ، ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ-دە، ۋاقىت ئۇزارغانچە، بىر قاتار كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بىلوگ ھەققىدە
بەزىلەر قەۋزىيەت كېسەل ئەمەس، ئالايىتەن داۋالاپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ. لېكىن بۇ قاراش خاتا، قەۋزىيەتنىڭ خەتىرىگە قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدۇ.
ئادەمنىڭ ئۈچىيىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىرغا يېتىدۇ، يەنە كېلىپ قات-قات بولىدۇ، كۈندە قىلىدىغان ئادەتتىكى چوڭ تەرەت ئۈچەي ئىچىدىكى يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى پاكىز چىقىرىۋېتەلمەيدۇ، ھامان بەزى قالدۇقلار ئۈچەي ئىچىدە قېلىپ قالىدۇ. بۇ قالدۇقلار باكتېرىيەنىڭ رولى ئاستىدا يىغىلىۋېلىپ، قارا رەڭلىك، سېسىق، زەھەرلىك ماددا ھاسىل قىلىپ، ئۈچەي دىۋارىغا چىڭ چاپلىشىۋالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بۇ يىغىلىۋالغان ماددىلارنىڭ خەتىرى بارغانسېرى زورىيىدۇ، ئۇلار داۋاملىق ئېچىپ، چىرىپ، ھەرخىل زەھەرلىك ماددا، زەھەرلىك گازلارنى توختىماي پەيدا قىلىپ، ئۈچەي ئىچىدىكى مۇھىتنى يامانلاشتۇرۇپ، ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ-دە، ۋاقىت ئۇزارغانچە، بىر قاتار كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

قەۋزىيەتنىڭ چوڭلارغا بولغان تەسىرى بەكلا چوڭ

قەۋزىيەتنىڭ چوڭلارغا بولغان تەسىرى بەكلا چوڭ

ۋاقتى: 2016-08-10 ئاۋاتلىقى: 3102 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئاستا خاراكتېرلىك قەۋزىيەت ئادەتتە چوڭ تەرەت قېتىم سانى ئاز بولۇش، ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىمدىن ئاز چوڭ تەرەت قىلىش، چوڭ تەرەت راۋان بولماسلىق، كۈچەش، چوڭ تەرەت قۇرغاق بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنىڭ كۆرۈلگىنىگە 6 ئاي بولۇش ۋە يېقىنقى 3 ئايدا ئۈلۈكسىز كۆرۈلىشىنى كۆرسىتىدۇ. 
قەۋزىيەتنىڭ سەۋەبى 
ياشانغانلارنىڭ فىزىيولوگىيەلىك خىزمىتى ئاجىزلىشىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىدىمۇ چېكىنىش بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ياشانغانلار ھەر خىل ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، بەدىنى ئاجىزلىشىدۇ، تامىقى، ھەرىكەت مىقدارى ئازلايدۇ، ياكى بولمىسا ئۇزۇن مۇددەت كارىۋاتتىن چۈشەلمىگەنلىك سەۋەبىدىن ئۇلاردىكى ئاشقازان-ئۈچەينىڭ خىزمىتى ئاجىزلاپ، ئۈچەيدىكى قالدۇقلار تۇرۇپ قېلىپ، ئۈچەيدىكى سۇنى سۈمۈرىۋېلىپ، چوڭ تەرەت قۇرغاق بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ياشانغانلارنىڭ چىشى چۈشۈپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىدۇ، شۇڭا بەدەنگە قوبۇل قىلىنىدىغان تالا مىقدارى ئازلاپ، ئاشقازان-ئۈچەي خىزمىتى قالايمىقانلىشىش، ئۈچەيدىكى زەمبۇرۇغ تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن قەۋزىيەت كېلىپ چىقىدۇ.
قەۋزىيەتنىڭ خەتىرى 
 ئاستا خاراكتېرلىك قەۋزىيەت قىسمەن قىسىم ۋە پۈتۈن بەدەنلىك ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چوڭ تەرەت بەكلا قاتتىق بولغانلىقتىن مەقئەت ئاغرىش، مەقئەت ئىششىش، مەقئەت يېرىلىش، مەقئەت ئەتراپى قىزىرىش، قانلىق چوڭ تەرەت، گىمىروي قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. چوڭ تەرەتنىڭ قىسمەن ئورۇنلارنى غىدىقلىشى ئۈچەي يىپىشقاقلىقىنى بۇزۇپ، چوڭ تەرەت جاراھىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۈچەي يولىدىكى مېتابولىزم قالدۇقلىرى ۋە زەھەرلىك ماددىلار بەدەن سىرتىغا ۋاقتىدا چىقىرىلماي، پۈتۈن بەدەنلىك ئالامەتلەر، مەسىلەن ئېغىز قۇرۇش، ئېغىز پۇراش، قورساق قىسمى كۆپۈش، ئىككى بېقىن ئىششىپ ئاغرىش، ئىشتىھا ئاجىزلاش، روھىي جەھەتتىن بىئارامسىزلىنىش، باش قېيىپ، ماغدۇرسىزلىنىش، پۈتۈن بەدەن ئاغرىش، باش ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
   ياشانغانلارنىڭ كۆپىنچىسىدە يۇقىرى قان بېسىم، ئارتېرىيە قېتىشىش، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەر بولىدۇ، ئەگەر قەۋزىيەت بولسا، پۈتۈن كۈچى بىلەن چىڭقىلىپ تەرەت قىلىش ھالىتىگە چۈشۈپ قىلىپ، قورساق بېسىمى ئېشىپ، قان بېسىم شىددەت بىلەن ئۆرلەيدۇ، يۈرەك رېتىمى تېزلىشىپ، يۈرەم مۇسكۇلىنىڭ ئوكسىگېن ئىشلىتىش مىقدارى ئېشىپ، يۈرەك خىزمەت بېسىمى ئارتىپ كېتىدۇ. ياشانغان قەۋزىيەت بىمارلىرى تەرەت قىلغاندا ئولتۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇن، ئۇنىڭدىن باشقا بەك كۈچىگەنلىكتىن ماغدۇرسىزلىنىپ، يۈرەك سالىدۇ، نەپەس قىسىلىپ، تەرلەش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، تەرەت قىلىشتىن ھوشىدىن كېتىش، قان بېسىمى ئۆرلەش، ھەتتا قان تومۇرلار يېرىلىش قاتارلىق ئېغىر ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يۈرەك سانجىقى، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، يۈرەك رىتىمسىزلىقى، ئارتېرىيە ئۆسمىسى ياكى يۈرەك كىلاپان ئۆسمىسى يېرىلىش سەۋەبىدىن ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مانا بۇ قەۋزىيەتنىڭ ياشانغانلارغا بولغان خەتىرى، بۇنىڭدىن پەخەس بولۇپ، چوڭ تەرەت قىلغاندا بەك كۈچەشتىن ساقلىنىش كېرەك.
   تاماق قالدۇقلىرى ئىچىدىكى باكتېرىيە ئېچىپ، كۆپ مىقداردا زەھەرلىك گاز ۋە توكسېن پەيدا قىلىدۇ، بەدەن سىرتىغا ۋاقتىدا چىقىرىلمىسا، قان ئارقىلىق سۈمۈرۈلۈپ، ساغلاملىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بۇ زەھەرلىك گاز ۋە توكسېن جىگەرنىڭ زەھەر بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتسە، قان ئايلىنىش ئارقىلىق مېڭىگە يەتكۈزۈلۈپ، مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، مېڭە-نېرۋا سىستېمىسى ئىقتىدارى بىنورمال بولۇش، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر چوڭ تەرەت چىقىرىش ۋاقتى بەك ئۇزىراپ كەتسە، تەرەت خاراكتېرلىك ئۈچەي توسۇلۇش ياكى ئۈچەينىڭ پۈتۈنلەي توسۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قۇرغاق بولغان چوڭ تەرەتتىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار ئۈچەي يولى شىلىمشىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، بوغماق ئۈچەي، تۈز ئۈچەي راكىنى پەيدا قىلىدۇ. دىيابېت بىمارلىرى قەۋزىيەت بولغاندا، ئاشقازان تولۇشتىن تاماقنى نورمال يىيەلمەي، قان قەنتى تەۋرىنىشى كونتروللۇقىنى يوقىتىدۇ. ياشانغان ئەر قەۋزىيەت بىمارلىرى تۈز ئۈچىيىدە چوڭ تەرەت يىغىلىپ قالغانلىقتىن، مەزى بېزى ئىششىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سۈيدۈك قىستاش، كىچىك تەرەت قىيىن بولۇش، ئۇزۇن ۋاقىت شۇنداق بولسا، دوۋساق ھەجىمى چوڭىيىپ، سۈيدۈك يىغىلىپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 
   يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاستا خاراكتېرلىك قەۋزىيەت كۆپ خىل كېسەللكىلەرنى پەيدا قىلىپ، ياشانغانلار پىسخىكا ۋە فىزىيولوگىيەسىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەمدە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا نۇرغۇنلىغان ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا ھوشيارلىقىمىزنى ئۆستۈرۈپ، قەۋزىيەت ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان باشقا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بايقالغان ھامان ۋاقتىدا داۋالىنىپ ساغلام تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. 

بايانات

قەۋزىيەت دەملىمىسى كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ كۆپ خىل ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلات بولۇپ، دانىيەدىن ئەسلى ئورالمىلىق ۋە دۆلىتىمىزدە قاچىلانغان ئىككى خىلى كەڭ ئىتېمالچىلارغا تەمىنلەندى.
بالىلار، چوڭلار، ياشانغانلار ئۈچۈن رېتسىپلاشتۇرۇلغان، ئەكىس تەسىرى يوق، ئۈنۈمى ياخشى. ئەگەر قەۋزىيەت دەملىمىسىنى سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 13139888273 گە تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى