ئاپرېل 03
نىزار قەببانىي 1923-يىلى 21- مارتتا سۈرىيە پايىتەختى دىمەشقتىكى باي، ئابرۇيلۇق بىرئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.
18 يېشىدا شۇ يەردىكى «بىلىم، ۋەتەن ئىنىستىتوتى»نىڭ ئەدەبىيات كەسبىنى ئەلا دەرىجىدە پۈتتۈرۈپ تۈنجى باكالاۋرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان. كىيىن دىمەشق ئۇنۋەرسىتىنىڭ قانۇن فاكولتىتىدا ئوقۇپ، ئۇنىمۇ 1945- يىلى باكالاۋرلىق ئۇنۋانى بىلەن پۈتتۈرگەندىن سۈرىيە تاشقى ئىشلار مېنىستىرلىكىدە خىزمەتكە چۈشۈپ ئىلگىرى- كىيىن بولۇپ سۈرىيەنىڭ مىسىر، تۈركىيە، لۇبنان، ئىسپانىيە، ئەنگىلىيەلەردىكى ئەلچىخانالىرىدا دىپلوماتىيە خىزمەتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ بۇ مەزگىللەردە يازغان سىياسىي لېرىكىلىرىدىن «نان، چىكىملىك، ئاي» ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن بۇ شېئىرى بىلەن سۈرىيە دىنىي ساھەسىدىكىلەرنىڭ قاتتىق چىشىغا تېگىپ قويغان. ھەتتا بۇ ئىش تۈپەيلىدىن دىنىي ساھەدىكىلەر سۈرىيە پارلامىنتىدىن نىزارنى دىپلوماتىيە خىزمىتىدىن بوشىتىۋىتىشنى تەلەپ قىلىش دەرىجىسىگە يېتىپ بارغان. سۈرىيەنىڭ پارلامېنت يىغىنىدىمۇ بۇ شېئىر توغرىلىق قاتتىق غۇلغۇلا قوزغالغان. بۇنىڭ بىلەن نىزار قەببانىي شېئرى پارلامېنتتا سۆز تىمىسى بولغان بىردىنبىر شائىر بولۇپ قالغان.
1959- يىلى سۈرىيە مىسىر بىلەن بىرلەشكەندىن كىيىن سۈرىيە- مىسىر بىرلەشمە جۆمھۇرىيىتنىڭ جوڭگودىكى ئەلچىخانىسىدا باش ئەلچى مۇئاۋىنى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ بۇ خىزمەتنى 1966- يىلىغا كەلگىچە ئىشلەپ شۇ يىلى باھاردا توساتتىن خىزمىتىدىن چىكىنگەندىن كىيىن، لۇبنان پايىتەختى(پايتەخت، ئەمەس پايىتەخت) بىرۇت شەھرىدە ئۆز نامىدا نەشرىيات قۇرۇپ، مەخسۇس شېئىر ئىجادىيەتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان.
1982 –يىلى قەدىردان ئايالى بىلىقىس ئىراقنىڭ بىرۇتتىكى ئەلچىخانىسىدا يۈزبەرگەن پارتلاش تا قازا قىلغاندىن كىيىن، بىرۇتنى تاشلاپ ياۋرۇپاغا كەتكەن ۋە ئىلگىرى- كىيىن بولۇپ جەنۋە، پارىژ شەھەرلىرىدە ياشىغان. كىيىن ۋاپاتىغا قەدەر بولغان ئون بەش يىلدا لوندوندا تەنھا ياشاپ، 1998- يىلى 30- ئاپرىل كۈنى شۇ يەردە ۋاپات بولغان ۋە مۇردىسى دىمەشىققە يۆتكەپ كېلىنىپ، شۇ يەردىكى«كىشىك ئىشىك» گورىستانىدا يەرلىككە قويۇلغان. ئۇ ئىككى قېتىم ئۆيلەنگەن، بەش پەرزەنت يۈزى كۆرگەن، ئىككىنجى ئايالى بىلىقىس ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن قايتا ئۆيلەنمىگەن. ئىجادىيەت بىلەن ئۆمرى بويى ئىزچىل شۇغۇللانغان بۇ شائىر 1944-يىلى ئۇنۋەرسىتتىكى پەيتىدە ئۆز خراجىتىگە نەشىر قىلدۇرغان تۈنجى شىېئىرلار توپلامى:«كىپىنەك ماڭا ماتەم مۇنارىدا شۇنداق دېدى»دىن باشلاپ ۋاپاتىغا قەدەر نەسرىي ۋە شېئرىي بولۇپ 41 توپلام ئەسەر نەشىر قىلدۇرغان. تولۇق ئوقۇيمەن »
مارت 05
شېئىر يېزىشنى ئويلاش ياكى …
شېئىر يېزىشنى ئويلاش بىلەن
يېزىشنىڭ ئارىسىدىكى جىملىقتا
بىر تال كەمتەر يۈرىدۇ دانلاپ.
سۆيۈشنىڭ تەمى ياكى رەڭگى
بەلكىم ئاۋۇ كۈندۈزنىڭ نۇرىدۇر
يالىڭاچ دەرەخلەردىكى.
خىيالنىڭ ئىسمى بولمايدۇ،
سېغىنىشتۇر نەمخۇش ھاۋا
يىراققا قاراپ ئولتۇرغان
بالكۇندىن بۇسۇغىغىچە تا
ئېھتىمال ئەمدى چېكىت ئۇرارمەن -
يوقلۇققا قارا، ئۇزۇن.
بىر ئاشىق ئۆتكەن ئىدى
ئۇ بىرسىنى كۈتكەن ئىدى
بىزدىن بۇرۇن.
2014- يىلى 4- فېۋرال
تولۇق ئوقۇيمەن »
مارت 05
بېشىم ئاغرىۋاتىدۇ
1
بېشىم ئاغرىۋاتىدۇ،
بىرسى بېشىمنى ئىككى تاش ئارىسىغا ئېلىپ ئىزىۋاتقاندەك،
كۆزلىرىمدىن جىمجىت قۇيۇلۇۋاتقان ياش
بېشىمنى ئەزگۈچىگە لازىم بولسا كېرەك.
بۇ باش مېنىڭ بولمىسا
مەن سىرتتىن مۇنداقلا قاراپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتكۈچى بولسام
ئىشىنىشىم مۇمكىن ئىدى
ئۇنىڭ باش ئىكەنلىكىگە ئاستا – ئاستا.
ئۇ بىر يەلكىدە تۇرىدۇ
خاتىرجەملىكنىڭ بەلگىسى بولۇپ كۆرۈنىدۇ.
چاچلىرى شالاڭ
مەلۇم بىر تەرىپىدە ئوت كۆيىدۇ.
باش ئاغرىسا دورا ئىچىش زۆرۈر،
ئاندىن ھېچنېمىنى ئويلىماسلىق ۋە
ئۆزىنى تاشلاپ
ئارام ئېلىش بىر يەردە.
…
بىلىمەن، بېشىم ئاغرىۋاتىدۇ،
سۆزلەشمۇ
سۈكۈت قىلىشمۇ
ئېغىر كېلىۋاتىدۇ.
تولۇق ئوقۇيمەن »
فېۋرال 02
شېئىر ئوقۇشتىن ئاۋۋالقى بىر سائەت
ئىزدىگىنىم تۈن ئەمەس
دېرىزىدىن سۇزۇلغان.
غۇۋا كوچا چىرىغى
بىر ئاشىقتۇر سېغىنىشقا لىق تولغان.
يىراقتىكى كۈلەڭگە
مېنىڭ باشقا بىر خىيالىمدۇر، بەلكىم…
كۈلداندىكى جىمجىتلىق
قالايمىقان ئەسلىمىلەر…
بىر نەرسىنى چۈشەندۈرمەكچى بولىدۇ ھەركىم.
قۇرساقنىڭ ئېچىشى
ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان خۇمار
كارىدوردىكى بىرسىنىڭ تېۋىشى…
بۇلارنى نېمە باسار.
شېئىر ئوقۇغۇم كەلدى بىردىنلا
ئۇنىڭ ھېچنېمىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلسەممۇ ئەسلا.
تولۇق ئوقۇيمەن »
نويابىر 12
شېئىر يازغۇم يوقتى، بىردەم ئۇخلىۋېلىشىم تولىمۇ زۆرۈر ئىدى، تۈن بويى كىرپىك قاقمىغانىدىم، سۆزلەر مېنى ئېزىقتۇرۇپ ھارمىدى، نېمە دېسە ماقۇل دېدىم، نەگە يىتىلىسە شۇ يەرگە باردىم… ئۇ مېنى پۈتۈن بىر كېچە ئويناپ ھارمىغانمىدۇ؟ ئەجىبا ئۇنىڭ مەندە نېمە ئۆچى بولغىيدى؟!… ئۆچ بولدۇم، ئۆچ بولدۇم!…
كەچۈر تېنىم مەن شەپقەتسىزنى
پىشانەمنى سىلايدۇ شامال
ئارامبەخىش قوللىرى بىلەن.
ئېيتقىن مەندە بار نېمە ئامال
ئۇيقۇ تۇتۇق بەرمەيدۇ قەستەن.
تاتىلايمەن تاملارنى ئاچچىق
ئېقىپ بولدى كۆزنىڭ قارىسى.
لەۋلىرىمدە سۆزلەر لىپمۇ لىق،
ئاھ، ئالدىمدا دىلدار سايىسى…
تۈن قەيەردە، دېرىزەمدە تاڭ
شادىيانە ئوينايدۇ ئۇسۇل.
شەلۋەرەيدۇ قەدىمقى يارام،
كەچۈر تېنىم، مەن ناتىۋان قۇل!
2013- يىلى 10- ئۆكتەبىر
نويابىر 12
خوشال شېئىر
شېئىر يېزىڭ، شېئىرىڭىزدا
باھار خۇشال ئوينىسۇن ئۇسۇل.
يارىڭىزغا بېقىڭ ھەم قىيا
كۆزلىرىگە تىكىلىپ ئۇدۇل.
ئۇ ئورنىدىن تۇرسۇن گىياھتەك
ۋە ئىشىكنى ئاچسۇن شادىمان؛
جىمجىتلىقنى كۆرۈپ بۇ يۈرەك،
چۆچىكىنى باشلىسۇن شۇئان.
ئاڭلاڭ ئۇنى ياغسۇن يامغۇرلار
دېرىزىلەر چېقىلسۇن يەنە.
ناخشا ئېيتسۇن تەنھا كوچىلار
ئىككىمىزگە قىلىپ تەنتەنە.
2013- يىلى 9-ئۆكتەبىر
تولۇق ئوقۇيمەن »
نويابىر 12
ئاي نۇرلىرى ئەسلىتەر گۇيا
غازاڭلارنى تۈكۈلۈۋاتقان.
بەلكىم ئۇ بىر قايغۇلۇق ناخشا
ئېيتقۇچىسى ئاھ، ئۆلۈۋاتقان.
ئۇ يورۇتار يالغۇزلۇقۇمنى
قاراڭغۇلۇق ئىچىدە جىمجىت.
قۇراشتۇرۇپ چىقىمەن سېنى
نەچچە پارچە بولىسەن، ئېسىت!
سېغىنىشنىڭ نەمخۇش شامىلى
يوشۇرغانمۇ سېنى يوقلۇققا.
سەن ئۇ يەردە ھېلىدىن – ھېلى
يۈرىكىڭنى تۇتامسەن ئوققا؟…
ئارىمىزدا نۇرغۇن زامانلار
ياكى مەڭگۈ پۈتمەيدىغان خەت.
مەن كۈتۈشنىڭ چېكى ئېھتىمال
سەن چۈشتۇرسەن كۆرمىگەن پەقەت.
2013-يىلى 4-ئۆكتەبىر