Drug preguntas

پوشكىننىڭ مەخپىي خاتىرىلىرى

ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن باھا يوق »

پوشكىننىڭ مەخپىي خاتىرىلىرى

ئايالىمغا بېغىشلايمەن

پۇشكىن

ئەركىن نۇر تەرجىمىسى

 

تەرجىمە قىلغۇچىدىن: ئۇيغۇر خەلقىگە خۇددى ئۆز شائىرىغا ئوخشاشلا تولىمۇ تونۇشلۇقبولغان تالانتلىق شائىر پۇشكىن 1799 – يىلى 6 – ئاينىڭ 6 – كۈنى دۇنياغا كەلگەن، 1837 – يىلى 2 – ئاينىڭ 8 – كۈنى دۇئىلدا ئېغىر يارىلىنىپ، 2 – ئاينىڭ 10 – كۈنىئالەمدىن ئۆتكەن، بۇ چاغدا ئۇ تېخى ئەمدىلا 38 ياشتا ئىدى. گەرچە، ئۇنىڭ ھاياتىقىسقا بولغان بولسىمۇ، ئۇ يېقىنقى زامان رۇس ئەدەبىياتىنىڭ سىمۋولى، شۇنداقلا دۇنيائەدەبىيات تارىخىدىكى ئۆچمەس نەمۇنە بولۇپ كەلمەكتە. دۇنيادىكى ھەرقايسىئەللەر ئارىسىدا پۇشكىن «رۇس ئەدەبىياتىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق شەخس» بولۇش سۈپىتىبىلەن چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. شۇڭا ئۇ دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر خەلقلەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، ئۇلارنىڭ قەلبىگە بۇ شائىرنىڭ بۈيۈك ئوبرازى مەڭگۈلۈك ئورناپ كەتكەن.
ھالبۇكى، پۇشكىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش مىنۇتلىرىدا، يەنى 1999 – يىلىئامېرىكا P.L.M نەشرىيات شىركىتى پۇشكىننىڭ «ئالېكساندېر پۇشكىننىڭ 1836  -   1837 يىللىق مەخپىي خاتىرىلىرى»نى نەشر قىلىپ تارقاتقان. بۇ كىتاب 1986 – يىلىئامېرىكىدا تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنىپ 1996 – يىلىغىچە بولغان قىسقىغىنا بىرنەچچەيىلدىلا ئىنگلىز، رۇس، ئىتالىيان، نېمىس، فرانسۇز، گرېك، ئىسپان تىلى قاتارلىق 16 خىل دۇنياۋى تىللاردا ئېلان قىلىنىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ بازارلىق كىتابلارنىڭ بىرىگەئايلانغان. بۇ كىتاب ھەتتا ئامېرىكىنىڭ ئۆزىدىلا ئىنگلىز ۋە رۇس تىلى بويىچە ئالتە – يەتتە قېتىمدىنقايتا – قايتىلاپ نەشر قىلىنغان. تولۇق ئوقۇيمەن »

ۋاسكو پوپا شېئىرلىرىدىن

چەتئەل ئەدەبىياتىدىن باھا: 2 »

ۋاسكو پوپا شېئىرلىرىدىن

  

(Vasko Popa, 1922-1991)

  ئەنقا تەرجىمىسى

  تولۇق ئوقۇيمەن »