ئۇنسىي ئەلھاج شېئىرلىرىدىن
(1937 – يىل لېۋاندا تۇغۇلغان)
ئەتىگەن يېرىمغىچە
1
ئىشىك ئالدىڭدا ئوچۇق، ئەتىگەندىن ئەتىگەنگىچە، ئەتىگەن يېرىمغىچە ئوچۇق.
2
كىيىمىڭ بىلەن دۆڭدەك ئولتۇرىسەن. يامغۇر يېغىپ ھۆل بولۇپ كېتىسەن. يىلان ئۆمىلەپ بېرىپ دۆڭدە بىر قىلىچتەك تىك تۇرىدۇ. ئىككىڭلار ئىچىڭلارغا تارتىپ كۈچلۈك نەپەس ئالىسىلەر.