Drug preguntas

كۈز

نەسر-خاتىرىلەر باھا يوق »

 كۈز  

بىر تال غازاڭ دېرىزەمگە ئۇرۇلىدۇ-يۇ بىر خىل جىمجىتلىقنى ھېس قىلىمەن. ئاۋازلار يەنىلا ئاينىڭ سۇغۇق نۇرلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئەينەكتە ئەكىس ئېتىدۇ.
     بۇ كۈز ئاخشىمى، دەيمەن غازاڭلارغا. تەنھالىق ھەققىدىكى باشقا بىر ئويلىرىمدا سېنىڭ غۇۋا كۈلەڭگەڭ، خاتىرەمنىڭ بىرىنچى بېتىدە سېنىڭ شەكلىڭ، كۈزىتىمەن قاراپ يوقلۇققا. سەن بۇرۇنلا شەكلىڭدىن ئازاد بولغان، شۇڭا بىز خەيرىلەشكەن. بىز خەيرىلەشكەن دەقىقىلەردە قارا تېرەك يۇپۇرماقلىرى لەرزان تەۋرىنەتتى… كۈن چۈش بولغانىدى… ئەمدى ئۇ دەملەر ئاۋۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن. سۇس قاراڭغۇلۇق بىردىنلا دېرىزەمگە ئۇرۇلدى. بىر تال غازاڭ دېرىزەم سىرتىدا لەيلەپ قالدى. تولۇق ئوقۇيمەن »