دۇنيادىكى ئالتە سىرلىق ئارال
1.ئەزرائىل ئارىلى
كاناداغا جايلاشقان بۇ ئارالنىڭ ئىسمى شىبەر ئارىلى ،بۇ ئارالدا ھېچقانداق ئوت چۆپ ئۆسمەيدۇ ،بىر تالمۇ گىياھ يوق ،ھەتتا بۇ ئارالدا بىرەر جانلىقنىڭ ئىزناسىمۇ يوق ،ئەڭ غەلىتە يىرى شۇكى ،كىمە مۇشۇ ئارال يېنىغا كەلگەندە كىمىنىڭ كومپاسى تۇيۇقسىز كونتىرولىقىنى يوقۇتىدىكەن ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارالغا يېقىنلاشقانلىكى كىمىنى ئارال پۈتۈن يۇتۇپ كىتىدىكەن ،شۇنىڭ بىلەن بۇ ئارال ئادەمگە خۇددى ئەزرائىل ھەركەت قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بىرىدۇ .شۇڭلاشقا كىمە باشلىقلىرى بۇ ئارالغا ئەزرائىل ئارىلى دەپ نام بەرگەن .. تولۇق ئوقۇيمەن »
ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ئىشلارنى قىلىڭ
سىتېۋ جۇبىس
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى ئالما شىركىتىنىڭ ئىزچىل ھالدا دۇنيانى زىلزىلىگە سېلىپ كەلگەن باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ستېۋ جوبس (Steve Jobs) ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ زات ھايات ۋاقتىدا دۇنيانى قانداق زىلزىلىگە كەلتۈرگەن بولسا، ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ يەنە دۇنيانى شۇنداق زىلزىلىگە سالدى.
تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن ـــــــ دۇنيا سودا تەشكىلاتى بىناسىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن باھا يوق »تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن ـــــــ دۇنيا سودا تەشكىلاتى بىناسىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى
2001-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى دۇنياغا مەشھۇر قوشماق بىنا ـــــ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بىر جۈپ سىمۋۇل خاراكتېرلىك بىناسى بازا تەشكىلاتىنىڭ ئايرۇپىلان ھۇجۇمىغا ئۇچراپ يەر يۈزىدىن غايىپ بولدى. بۇ قېتىملىق دەھشەتلىك تىررورلۇق ۋەقەسىدە 3000 غا يېقىن بىگۇناھ ئامما تالاپەتكە ئۇچرىدى. ئۇلىنىش تورىدىكى بۇ خەۋەردە مۇشۇ ۋەقەنىڭ ئالدى كەينىدىكى ئىشلار ئەسلەپ ئۆتۈلگەن.
ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتىدىغان 20 ھېكمەت
ئالما مەھسۇلاتلىرىدا كۆكچىشنى ئىشلىتىش
كۆكچىش(BlueTooth)نى(خەنچە 蓝牙) نۇرغۇنلىرىمىز ئاڭلاپ باققان. شۇنداقلا بازاردىكى 20 سوملۇقتىن 20000 سوملۇققىچە بولغان تېلفونلاردا ئاساسەن ئوموملاشتى، باشقا ھەركەتچان ياكى بىقىندى ئۈسكىنىلەرمۇ بۇ خىل مۇھىت
نى ئىشلىتىۋاتىدۇ. لىكىن ئالما مەھسۇلاتلىرىدىكى كۆكچىش(BlueTooth) بىر قەدەر ئالاھىدە بولغانلىقتىن يىڭى ئۆگەنگۈچىلەر تۈگۈل پىشقان ئالمىچىلارمۇ تولۇق پايدىلىنىپ بولالمىدى.
پوشكىننىڭ مەخپىي خاتىرىلىرى
ئايالىمغا بېغىشلايمەن
پۇشكىن
ئەركىن نۇر تەرجىمىسى
تەرجىمە قىلغۇچىدىن: ئۇيغۇر خەلقىگە خۇددى ئۆز شائىرىغا ئوخشاشلا تولىمۇ تونۇشلۇقبولغان تالانتلىق شائىر پۇشكىن 1799 – يىلى 6 – ئاينىڭ 6 – كۈنى دۇنياغا كەلگەن، 1837 – يىلى 2 – ئاينىڭ 8 – كۈنى دۇئىلدا ئېغىر يارىلىنىپ، 2 – ئاينىڭ 10 – كۈنىئالەمدىن ئۆتكەن، بۇ چاغدا ئۇ تېخى ئەمدىلا 38 ياشتا ئىدى. گەرچە، ئۇنىڭ ھاياتىقىسقا بولغان بولسىمۇ، ئۇ يېقىنقى زامان رۇس ئەدەبىياتىنىڭ سىمۋولى، شۇنداقلا دۇنيائەدەبىيات تارىخىدىكى ئۆچمەس نەمۇنە بولۇپ كەلمەكتە. دۇنيادىكى ھەرقايسىئەللەر ئارىسىدا پۇشكىن «رۇس ئەدەبىياتىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق شەخس» بولۇش سۈپىتىبىلەن چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. شۇڭا ئۇ دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر خەلقلەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، ئۇلارنىڭ قەلبىگە بۇ شائىرنىڭ بۈيۈك ئوبرازى مەڭگۈلۈك ئورناپ كەتكەن.
ھالبۇكى، پۇشكىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش مىنۇتلىرىدا، يەنى 1999 – يىلىئامېرىكا P.L.M نەشرىيات شىركىتى پۇشكىننىڭ «ئالېكساندېر پۇشكىننىڭ 1836 - 1837 يىللىق مەخپىي خاتىرىلىرى»نى نەشر قىلىپ تارقاتقان. بۇ كىتاب 1986 – يىلىئامېرىكىدا تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنىپ 1996 – يىلىغىچە بولغان قىسقىغىنا بىرنەچچەيىلدىلا ئىنگلىز، رۇس، ئىتالىيان، نېمىس، فرانسۇز، گرېك، ئىسپان تىلى قاتارلىق 16 خىل دۇنياۋى تىللاردا ئېلان قىلىنىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ بازارلىق كىتابلارنىڭ بىرىگەئايلانغان. بۇ كىتاب ھەتتا ئامېرىكىنىڭ ئۆزىدىلا ئىنگلىز ۋە رۇس تىلى بويىچە ئالتە – يەتتە قېتىمدىنقايتا – قايتىلاپ نەشر قىلىنغان. تولۇق ئوقۇيمەن »
ئۆزىمىز ۋە ئۆزگىلەرنىڭ نەزەردىكى ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى
Gulan
يېقىندا ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كەلگەن تېكساسلىق جەرياننىڭ فەيىسبۇك(دوستلۇشۇش تورى) قا چىقىرىپ قويغان رەسىمىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. رەسىمدە ئۇ ئۆزىنى قارىمايدىن ئىزدەپ كېلىپ مىھمان قىلغان بىر توپقازاق قىزلارنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ قويۇپتۇ. قىزلارنىڭ كىينىشى ئامرىكىدىكى كېچىلىك كۇلۇبتا ئوينايدىغان قىزلاردىنمۇ بەكرەك ئامېرىكىچە ئىدى. جەيسېن ئەسلى ئۇلارنىڭ بىرسىنىڭ دوستى بىلەن تونۇشىدىكەن. بىۋاستە تونۇشمىغان كىشىلەرنىڭ بۇ قەدەر قىزغىن ئىزدەشلىرىگە ئانچە كۆنۈك بولمىغان بۇ بۇرادەر تولىمۇ ھەيران قالغانلىقىنى يېزىپتۇ. ئاق ھاراقنى ئۇ قىزلار بىلەن تەڭ ئىچەلمەي مەسخىرىگە قالغانلىقى ئۇنىڭغا بەك ئېغىر كەپتۇ. ئامېرىكىلىقلارنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشەنمەيدىغان قىزلارنىڭ ئوغۇلبالىچىلقنى ھاراق ئىچىش بىلەن ئۆلچىگىنى ئۇنىڭغا بەك تەسىر قىلىپتۇ. جەرياننىڭ يېزىشىچە ئون نەچچە قىزنىڭ شۇ بىر قانچە كۈن خەجلىگەن پۇلىنى ئۇ نەق بىر يىل خەجلەيدىكەن. تولۇق ئوقۇيمەن »