قورغاقچىلىق

شېئىرىيەت ئۇپۇقى باھا يازىمەن

قورغاقچىلىق

 1

ئاپتاپ كۈلۈمسىرەيدۇ
ماڭا قاراپ.
مەن ئۆزۈمنىڭ پۈتكۈل مۇمكىنچىلىكلىرىدە
ئولتۇرىمەن يار سېنى يادلاپ.

كوچىلار سۇزۇلۇپ ياتار،
بىر بېشىدا گۈگۈم سايىسى،
بىر بېشىدا تاماكا ئىسى…
كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرار
مەن بۇ يەردە ئەمەسمەن بەلكى.

كۈندۈز
لېۋىمدىكى ئاخىرقى بىر سۆز.
شاماللار پىچىرلار غايىپ ئاۋازدا
بېدە كۆكلىرىدە ياپيېشىل كەچكۈز…

ئۇسسىدىم ساڭا
دەريا بارمۇ؟ ئېيتقىنا!
يالىڭاچلىنىپ بىر پارچە تاشتەك
بارسام دەيمەن-
بارسام دەيمەن كۆزدىكى ياشتەك.

2

سۇ سۆزلىمەيدۇ
سۇ ئويلىمايدۇ
سۇ ئاخىرقى ئەركىنلىكىدە
سۇ نىھايەت مەندىكى تۇيغۇ.

ئۇسسىدىم
بولدۇم مىڭ دانە.
بىر دۆۋە قۇم
ئوتتۇز ئىككى ھەرپ ئىچىدە.

بىرىنچى بەتنى ئېچىپ
تۇرۇپ قالارسەن قەلەمنى چىشلەپ.
گۈل تۇزۇيدۇ پۇرىماق بولساڭ
قار ياغىدۇ بۇندا لەپىدەپ.


سېغىنىش ھۆل.
بىلىمەن، ئوقۇپ شۇ يەرگە كەلسەڭ
كۆز ئالدىڭدا پايانسىز بىر چۆل…
 

خەتكۈچلەر:


«قورغاقچىلىق» غا 2 تورداش باھا بەردى

  1. nezeri مۇنداق يازغان: (2011-11-26 | 02:19) | جاۋاب

    گۇڭگا شېئىر مۇ بۇ؟؟

    • ئابدۇرېشىت مۇنداق يازغان: (2011-11-26 | 05:50) | جاۋاب

      مەن يازغاندا گۇڭگا بولسۇن، ئوچۇق بولسۇن دەپ يازمايمەن. شېئىرنىڭ قانداق بولغانلىقىنى سىزدەك ئەستايىدىل ئوقۇرمەنلىرىم باھالايدۇ. ئادەمنىڭ تۇيغۇسى گۇڭگا بولىدۇ، شېئىر تۇيغۇنىڭ بىۋاسىتە يېزىقتىكى ئىپادىسى بولغاچقا بەلكىم گوڭگا بولىدىغاندۇ. بۇ شېئىر يېزىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.
      قەدەم تەشرىپ قىلىپ تۇرغىنىڭىزغا رەھمەت!

باھا يوللاش