بىر دەملىك تۇيغۇ

شېئىرىيەت ئۇپۇقى باھا يازىمەن

بىر دەملىك تۇيغۇ

 

سېنى سۆيىمەن
چاچلىرىڭنى سىلايمەن
ئاندىن قۇلۇم پەسكە سىيرىلىپ
ئاستا ئۆزۈمدىن كېتىمەن چىقىپ.
ئۆزۈم بۇ يەردە قالىدۇ
سېنى قۇراشتۇرۇپ ئاۋارە بولىدۇ
ئۇ يەردە قاتىللىق يۈز بېرىدۇ
قېلىچىم پارە-پارە بولىدۇ قانغا مېلىنىپ.

ھەي… بۇ بىردەملىك تۇيغۇ
ئۆلۈمدىن يىراق
ھاياتتىن يېقىن.
تاملار سۇس كۈلۈمسىرەيدۇ
قۇراشتۇرغىدەك ھېچنېمە يوق
ياكى سۆيگۈدەك.
چاچلار مېنى دارغا ئاسىدۇ ـــ
يوق چاچلار.
قۇلۇم كۆكسۈمدە
دېرىزىدە تۈن ئوينار.

سېنى قەغەزگە سىزىمەن ـــ
يىرتىلغان قەغەزگە.
ئاندىن ئۇنى يەنە يىرتىمەن
ئۆلۈپ قالىسەن ئاخىر مۇكەممەللىك ئىچىدە.

2008-يىلى 22-نويابىر. تۈن يېرىم

خەتكۈچلەر:


باھا يوللاش