بىر شائىرغا
سېنىڭ بىلەن مېنىڭ ئارامدا
ۋەتەن سۇزۇلۇپ ياتار.
ۋەتەن گەرچە ئۇزۇن بولسىمۇ
پەقەت بەش تال ھەرپكە پاتار.
سەن سۆزلەرنى ئويناپ ئولتۇرۇپ
نەزەر تاشلايسەن چەكسىز يوقلۇققا
دېڭىز ئۇخلار، تاغلار يۈكسىلەر
سەن كۆكسۈڭنى تۇتىسەن ئوققا.
ئوق سېنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ
قان سېنى ئېچىلدۇرىدۇ.
كىرىپ كېتىسەن تۆت تام ئىچىگە
قالار بۇندا بىر يورۇق تۇيغۇ.
تەكلىماكان سېنى چاقىرار
قۇملار ئاۋازىدا.
دېڭىز سېنى يۇيار
لەۋلىرىڭدە قاتقان بىر نىدا…
ئەي بېدە كۆكى
ئەي جىگدە چېچىكى…
مەن سۆزلىدىم پەقەت ئۆزۈمگە
پىشانەمدە ئوغلۇمنىڭ قۇلى.
ماۋۇ شىئىرنى مەن بەك ياقتۇردۇم.
……………………..
ۋاھ ،ئەجەپمۇ كاتتا شېئىرلار بار تور بىكەتكەنتۇق بىراق،مېنىڭ ئەزالىق نامىم تەسىتىقلانماي،بۇ تورغا ئەزا بولالمىدىم.
رەھمەت. بلۇگدىكى يازمىلارنى ياقتۇرغىڭىنىز ماھىيەتتە ئاپتورنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىپ ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ ئۈزلۈكسىز يېرىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. سىزنىڭ ئەزالىق نامىڭىزنى تەستىقلاپ قوياي دېسەم تاپالمىدىم، كۆپرەك پىكىر-تەكلىپ بېرىپ تۇرارسىز.