يېڭى مىڭ بىر كېچە

شېئىرىيەت ئۇپۇقى باھا يازىمەن

يېڭى مىڭ بىر كېچە

 قاخشال زامانلاردىن كەلدىم
قېلىچىمدا بىر تامچە قان.
مىڭبىر كېچەمدە لەپىلدەر بايراق
كېسىلگەن باشلاردا ئاخىرقى چۇقان.

ئاتلار توپا تۇزىتىپ سىياھلارغا ئايلاندى
مەن ئۇنى سۆيەلمىدىم، ئايرىلدىم لېكىن
خەۋەرچى قۇش ماي ئايلىرىدا،
يېزىلمىغان خەتلىرىمدە پايانسىز ئېقىن.

ناخشىلىرىڭنى ئاڭلايمەن، ئېيتالمايمەن
چۆچەكلىرىڭگە يۇشۇرنىمەن.
قىرىق قاراقچى يوق، ئوتتۇز ئەر
ئىشىكىڭنى چېكىمەن سۇنغان قوللىرىم بىلەن.

خەتكۈچلەر:


باھا يوللاش