ئۆلۈم

شېئىرىيەت ئۇپۇقى باھا يازىمەن

 ئۆلۈم

شائىر مۇختار قادىر ھۇنزادىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلاپ

ئۈلۈم قارا
ياندىن قارىساڭ
ئۆلۈم يوقلۇقتۇر
يېنىغا بارساڭ.

ئۆلۈم بىر پارچە خەتتۇر
ئۆلۈم ئەتىياز ئاپتىپىدۇر
ئۆلۈم گۇيا دېرىزەڭنىڭ سىرتىدا
ئۆلۈم يىغىۋاتقان يامغۇر

مەن تېخى ھۆل بولمىدىم
سەن يۇيۇلدۇڭ بىر پارچە تاشتەك.
ماڭا ئېيتماق بولغان سۆزلىرىڭ
سىرغىپ چۈشتى بىر تامچە ياشتەك.

ئۆلۈم يوق.
ھايات بىر پاي ئوق.

 

ئايتۇغدىنىڭ بۇ شېئىر ھەققىدىكى تەھلىلى

ئالدى بىلەن، مۇختار قادىر ھونزادىگە ھايات سالىمىنى يوللايمەن!
چۈنكى ئۇ، ھايات دېگەن بۇ بىر پاي ئوقنىڭ ئازابىنى چۈشەنگەن، بۇ ئوقنىڭ ئۆز ۋۇجۇدىدىكى يالقۇنىغا تىز پۈكمەي، ئەكسىچە ئۇنىڭغا خىرىس قىلالىغان ئۇيغۇر ئوغلانلىرىدىن ئىدى.
ئەمدى گېپىمىزگە كەلسەك، مېنىڭچە، ئابدۇرېشىت ئېلىنىڭ يۇقۇرىدىكى شېئىرى مەرھۇم ھونزادىگە شەخسەن بېغىشلانغان بىر پارچە مەرسىيە بولۇپلا قالماي، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئوقۇلغان ھازا قوشىقىدۇر. شائىر، بۇ يەردە، ھونزادىنىڭ ئۆلۈمى ئۆزىدە بىۋاستە قوزغىغان تۇيغۇنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، بۇنداق سوبېكتىپ سەۋەپ، شائىرنىڭ نەزىرىدە، ئۆلۈم دەپ ئاتالغان بۇ جاھانشۇمۇل ھادىسىگە بولغان ئوبېكتىپ قاراشنى نەتىجىلىگەن.
ئۆلۈم يوق
ھايات بىر پاي ئوق
دېمەك، ئۆلۈم رىئال نەرسە ئەمەس، ئۇ بىر ئۇقۇمدىن ئىبارەت. ئۇنداق ئىكەن، شائىرنىڭمۇ بۇ ئۇقۇمغا بېرىدىغان ئۆزىگە خاس تەبىرى بولىشى كېرەك، ئەمىسە ئۇ نېمە؟ ئۇ — ھايات دېمەكتۇر. تەبىرنىڭ بۇ قىسمى پۈتۈن شائىرلارغا تەۋە بولۇپ، ئۇ بىزگە ”ھايات — ئۆلۈم دېمەكتۇر، ئۆلۈم — ھايات دېمەكتۇر“ دېگەن جۈملىنى ئەسلىتىدۇ. بۇنىڭغا ئۇلاپلا، ئابدۇرېشىت ئېلى تەبىرنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان قىسمىنى بايان قىلىپ، ھاياتقا بىر پاي ئوق سۈپىتىنى يۈكلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۆلۈم ھاياتنىڭ ئىككىنچى يۈزىگە ئايلىنىدۇ، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆلۈم بىلەن ھايات بىر گەۋدىگە ئايلىنىدۇ. باشقا شائىرلار ”باشلىنىشتىن تارتىپلا ھايات ئۆلۈم ئۇرۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان“ دېگەن بولسىمۇ، ئا. ئېلى ”ئۆلۈم ئۇرۇقى“ دېگەن ئۇشبۇ ئىبارىنى ”بىر پاي ئوق“ دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن. بۇ ئارقىلىق، مەناغا مەنا قېتىلىدۇ-دە، ۋاقىتلىق ھاياتنىڭ ئەسلىدە چەكسىز ئۆلۈم ئىكەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ.
ئۆلۈم قارا
ياندىن قارىساڭ
ئۆلۈم يوقلۇقتۇر
يېنىغا بارساڭ
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئېڭىدا، ئۆلۈم ھاياتنىڭ خاتىمىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن دىنىي ئۇقۇمغا ئىگە بولغان ”قىيامەت“ باشلىنىدۇ. مۇشۇنداق قاراش تۈپەيلى، بىز ئۆلۈمگە ھازا تۇتىمىز، ھازالىقنىڭ بىزدىكى سۈپىتى قارىدۇر. شۇڭا، ھازا ئۇيغۇرچىدا ”قارىلىق تۇتۇش“ دەپ ئاتىلىدۇ. لېكىن بۇ، شائىرنىڭ نەزىرىدە، ئۆلۈمگە ياندىن قارىغانلىق بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئۆلۈمنىڭ ماھىيىتى ھېساپلانمايدۇ. شائىرغا نىسبەتەن، ئۆلۈم ئۆز ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يوقلۇقتۇر. ئۇنداقتا، ئۆلۈم ياندىن قارالغاندا (كۆرۈنىشتە) قارىلىق بولسا، يېنىغا بېرىلغاندا (ماھىيەتتە) نېمە بولىشى كېرەك؟ دېمەكچىمەنكى، شائىر ”يوقلۇق“ دەپ ئاتىغان ئۆلۈمنىڭ رەڭگى قانداق؟ مېنىڭچە، ئاقلىق! بۇ يەكۈنىمنىڭ ئاساسى: ئۇيغۇرلاردىكى ”ئاق باغلاش“تۇر. ئەمدى، ئاقلىق بىلەن قارىلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى: ئىنسانغا ھايات دېگەن ئوق تەگكەندە، يەنى ئۇ تۇغۇلغاندا، ئۇنى نېمىگە ئوخشىتىش مۇمكىن؟ ئاق قەغەزگە… ئەمىسە، ئۇ ئۆلگەندىچۇ، يەنى ھايات دېگەن ئوق ئىنساندىكى ئۆزىنىڭ تەسىرىنى تاماملىغاندا؟ سىھاھ بىلەن بويالغان قەغەزگە (ئۇنى قارا قەغەز دېيىشكىمۇ بولىدۇ)… دېمەك، ئىنسان، ھايات دېگەن بۇ بىر پاي ئوقنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە، باشتىن ئاخىر ئۆلۈمنى ياشايدۇ، ھايات دەپ ئاتىلىدىغان بىر پاي ئوقنىڭ ئازابىنى چېكىدۇ، ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرى ئاق قەغەزنىڭ سۆزلەرگە تولغان خەتكە ئايلىنىش جەريانىدىن ئىبارەت.
ئۆلۈم بىر پارچە خەتتۇر
ئۆلۈم ئەتىياز ئاپتىپىدۇر
… …
ماڭا ئېيتماق بولغان سۆزلىرىڭ
سىرغىپ چۈشتى بىر تامچە ياشتەك
شائىر مانا مۇشۇ خەتنى تاپشۇرىۋالغۇچى. بۇ خەتنىڭ مەزمۇنى نېمە؟ ئۇنى يۇقۇرىدىكى مىسرالاردىن تۇيۇشقا بولىدۇ: ئاپتاپ زېمىننى ئەتىيازدىن (نورۇز، تۇغۇلۇش)دىن كەچكۈزگە (ھوسۇل، ئۆلۈش)كە ئاپىرىدۇ، قارا تۇپراقتىن قار ئاقلىقى قاپلىغان تۇپراققا، ئۇرۇقتىن مېۋىگە ئاپىرىدۇ… شۇنداقلا، بۇ قۇتلۇق جەرياننى مەڭگۈ تەكرارلايدۇ. بۇ خەت — تولغاق ئازابىنىڭ يېشى، بۇ خەت — مېۋە شاتلىقىنىڭ يېشى…
ئۆلۈم گويا دېرىزەڭنىڭ سىرتىدا
ئۆلۈم يېغىۋاتقان يامغۇر
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن! سىز ئۆينىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپ بۇ شېئىرنى ئوقۇۋاتىسىز، ۋۇجۇدىڭىزدىكى بىر پاي ئوق (ھايات ۋە ئۆلۈم)نىڭ ئازابىدا دېرىزىڭىزنىڭ سىرتىغا قاراڭ… يامغۇر يېغىۋاتىدۇ… ئەتىياز يامغۇرى، بىخلاتقۇچى يامغۇر، ياز يامغۇرى، سۇغارغۇچى يامغۇر، كەچكۈز يامغۇرى، ھوسۇل يامغۇرى، مېۋە يامغۇرى… دېرىزىڭىزنىڭ سىرتىدا جاھانمۇ سىزگە ئوخشاشلا ئۆلۈم ئوقىنىڭ ئازابىنى چېكىۋاتىدۇ. قاراڭ، دېرىزىڭىزنىڭ سىرتىدا مۇختار قادىر ھونزادىنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئۇ پەقەت بوسۇق ئاتلىدى، ئۇ ئۆلۈمنىڭ تېشىدا، سىز ئۆلۈمنىڭ ئىچىدە… ئۇمۇ، سىزمۇ، ھەممىمىز ئولۈم دېگەن بۇ يوقلۇقتا… ھونزادە ئۆلۈمگە ”يېنىغا بېرىپ“ قاراۋاتىدۇ، بىز ئۆلۈمگە دېرىزىدىن قاراۋاتىمىز، ”ياندىن“ قاراۋاتىمىز.

شېئىر «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان

خەتكۈچلەر:


باھا يوللاش