Drug preguntas

مارگارېت ئاتۋود شېئىرلىرىدىن

چەتئەل ئەدەبىياتىدىن باھا يوق »

نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نامزاتى

مارگارېت ئاتۋود شېئىرلىرىدىن

(Margaret Atwood،1939−)

ئەركىن نۇر تەرجىمىسى

 

ئاپتور ھەققىدە:  مارگارېت ئاتۋود (Margaret Atwood، 1939−) 20-ئەسىردىكى كانادالىق بۈيۈك شائىر، يازغۇچى. ئۇ، ئوتتاۋادا دۇنياغا كەلگەن، تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇغان، بازار تەكشۈرۈش خادىمى، كاسسىر، كېيىنچە بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇتقۇچى بولغان. 1956-يىلىدىن ئېتىبارەن ئىجادىيەت يولىغا قەدەم قويغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر «چەمبەر ئويۇنى»(1966)، «شۇنداق دۆلەتنىڭ ھايۋاناتى»(1968)، «سۇساننا موديىنىڭ خاتىرىلىرى»(1970)، «تىنالىق تۆمۈر يول رەسمىيىتى»(1970)، «زوراۋانلىق سىياسىتى»(1971)، «قوۋناق سەن»(1974)، «ئىككى باش لىرىكىسى »(1978)، «راست ھېكايىلەر»(1981)، «خەير ئاي»(1984)، «تاللانما شېئىرلار»(1986)، « تاللانما شېئىرلار داۋامى» ۋە «كۆيگەن ئۆيدىكى سەھەر»(1995) قاتارلىق ئون نەچچە شېئىرلار توپلىمى؛ «يېگىلى بولىدىغان ئايال»(1969)، «لەيلەش»(1972)، «ئېسىلزادە خانىمنىڭ ئىلاھىي يارلىقى»(1976)، «ئەردىن بۇرۇنقى تۇرمۇش»(1979)، «تەننىڭ نابۇت بولۇشى»(1981)، «دېدەك ھەققىدە ھېكايە»(1986)، «مۈشۈك كۆز»(1989)، «قاراقچى كېلىن»(1993)، «گراسنىڭ باشقا ئىسمى»(1996)، «ئەما تېررورچى »(2000)، «بۆكەن ۋە يېكەن توخۇسى»(2003)، «ياخشى سۆڭەك»(2010) ھەمدە «قاراڭغۇدا قەستلەپ ئۆلتۈرۈش»(2010) قاتارلىق ئون نەچچە رومانى؛ «چېدىر»، «ئەخلاقتا چۈشكۈنلىشىش» قاتارلىق بىر نەچچە ئەدەبىي خاتىرە، نەسرلەر توپلىمى، شۇنداقلا بەزى ئوبزورلارنى يازغان. ئۇ، پوست مودېرنىزم (كېيىنكى مودېرنىزم) يازغۇچىسى دەپ قارىلىدۇ. تولۇق ئوقۇيمەن »

ۋاسكو پوپا شېئىرلىرىدىن

چەتئەل ئەدەبىياتىدىن باھا: 2 »

ۋاسكو پوپا شېئىرلىرىدىن

  

(Vasko Popa, 1922-1991)

  ئەنقا تەرجىمىسى

  تولۇق ئوقۇيمەن »

مەھمۇد دەرۋىش شېئىرلىرىدىن

چەتئەل ئەدەبىياتىدىن باھا يوق »

مەھمۇد دەرۋىش

 (1941 – 2008 پەلەستىن) 

ئۆلۈپ كەتكەنلىكىمگە ئىشەندىم

شەنبە كۈنى ئۆلۈپ كەتكەنلىكىمگە ئىشەندىم
دېدىمكى: بىرنېمە دەپ ۋەسىيەت قالدۇرىشىم كېرەك
ئەمما، دېگۈدەك بىرنېمە تاپالمىدىم
دېدىمكى: ئۆلۈپ كەتكەنلىكىمنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن
بىرەر دوستنى چاقىرىشىم كېرەك
ئەمما، بىرەر كىشىنى تاپالمىدىم
دېدىمكى: گۆرىمنى تولدۇرۇشقا يول ئېلىشىم كېرەك تولۇق ئوقۇيمەن »

يۇجىنىيو دى ئەندراد شېئىرلىرىدىن

چەتئەل ئەدەبىياتىدىن باھا يوق »

يۇجىنىيو دى ئەندراد

(1923 – 2005 پورتۇگالىيە)

سۈكۈت

ھېسسىيات
ئۆز خىزمىتىدىن ھارغىن كۆرۈنگەندە

 
كېمىلەرنىڭ ئەڭ تەۋرىنىشچانى بولغان ئۇيقۇ
كېچىكىپ كەلگەندە تولۇق ئوقۇيمەن »

يورگوس سىفىرىس شېئىرلىرىدىن

چەتئەل ئەدەبىياتىدىن باھا يوق »

 يورگوس سىفىرىس

(1900 — 1971 گرېتسىيە)

شېئىر

ئاددىي سۆزلەشتىن باشقىنى خالىمايمەن،
مۇشۇ نېمەتنى ماڭا ئاتا قىلىشىڭدىن باشقىنى.
بىز ناخشىغا ھەر خىل مۇزىكىلارنى يۈكلىگەنلىكىمىز ئۈچۈن
ئۇ بارا – بارا چۆكۈشكە باشلىدى.
سەنئەتنى بۇ بېزەكلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن
يۈزى ئۇپرىغىچە بېزىدۇق.
بىز ئاز سۆزلەيدىغان ۋاقىت كەلدى،
چۈنكى روھىمىز ئەتە يەلكەنلەرنى يايىدۇ.
  تولۇق ئوقۇيمەن »

كارىن بويې شېئىرلىرىدىن

چەتئەل ئەدەبىياتىدىن باھا يوق »

كارىن بويې

 (1900 — 1941 شىۋىتسىيە)

كەينىمدىكى ئاشۇ تېنچ قەدەملەر

قۇلاق سالسام،
ھاياتىمنىڭ ھەرقانداق چاغدىكىدىن تېز ئۇچىۋاتقانلىقىنى ئاڭلايمەن.
كەينىمدىكى ئاشۇ تېنچ قەدەملەر،
سېنىڭ قەدەملىرىڭ، ئەي ئۆلۈم.
بۇرۇن، يىراق ئىدىڭ
ھەم مەن ئۈچۈن شۇنچىلىك قىممەتلىك ئىدىڭ.
ئەمدى، ساڭا بولغان تەشنالىقىم تۈگىگەندە تولۇق ئوقۇيمەن »

ئېمىلىي دېكىنسون: تاش

چەتئەل ئەدەبىياتىدىن باھا يوق »

ئېمىلىي دېكىنسون (1830 — 1886 ئامېرىكا)

تاش

تاشتىنمۇ بەختلىك نەرسە يوق،
ئۆزى يالغۇز چىغىر يولدا سارسان يۈرەر، بۇرچ نېمە؟ زادى بىلمەس.
ئۇنى زۆرۈرىيەتلەر قورقۇتالماس، يەكتىكى بېغىر رەڭدۇر يەر جىنسىدىن،
ئۆتكەن زامان ئۆز ئۇچىسىغا كىيىدىغان.

ئۇ قۇياشقا ئوخشاش مۇستەقىل،
ئۆز ئالدىغا يېپىشىدۇ ياكى ئاجرايدۇ.
ئۆزىنىڭ مۇتلەق قىسمىتىنى ياشايدۇ،
تاسادىپىي ئاددىيلىق بىلەن.

گىيۇرگى پېترى: سەن جاۋاب بېرەلمەيدىغان سۇئال

چەتئەل ئەدەبىياتىدىن باھا يوق »

گىيورگى پېترى (1943 — 2000 ھونگارىيە)

سەن جاۋاب بېرەلمەيدىغان سۇئال
 

مەجھۇل بىر نەرسە بار
ئاۋۇ يۆنىلىشتە…
مەجھۇل بىر نەرسە بار،
ئۇنىڭ بىلەن قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىمىز،
رىيازەت چېكىۋاتامدۇق
ياكى بىز ئاڭا مەجبۇرمۇ؟ تولۇق ئوقۇيمەن »

روبېرت بلاي: ئىككى شېئىر

چەتئەل ئەدەبىياتىدىن باھا يوق »

ئىككى شېئىر

روبېرت بلاي (ئامېرىكا)

 زاھىت

قاراڭغۇ چۈشەر قاراڭغۇلۇققا،
چۈشەر، كېلىپ پېشايۋاندىن
پېشايۋانغا.
بىر كىشى بار تېنى تولۇق، مۇكەممەل.
تۇرار ئۇ، تۇرار ئۇنىڭ كەينىدە بوران،
شاماللار ئارا ئېتىلىشار چىم تىغلىرى.
قاتمۇ – قات ئۇيۇشماقتا قاراڭغۇلۇق تولۇق ئوقۇيمەن »

ئوكتاۋىيو پاز شېئىرلىرىدىن

چەتئەل ئەدەبىياتىدىن باھا يوق »

ئوكتاۋىيو پاز

 (1914 — 1998 مېكسىكا)

 يۇمۇلغان كۆزلەر ئارقىلىق

سەن ئىچىدىن چاقنايسەن،
سەن قارىغۇ تاش، جانان.
كېچە – كېچىلەپ سېنى ئويۇۋاتقان ھەيكەلتىراشمەن،
يۇمۇلغان كۆزلەر ئارقىلىق.
سەن راستچىل تاش، جانان،
ئىككىمىز بۈيۈكلەشمەكتىمىز،
تونۇشقانلىقىمىز ئۈچۈنلا پەقەت
يۇمۇلغان كۆزلەر ئارقىلىق. تولۇق ئوقۇيمەن »