يورگوس سىفىرىس
(1900 — 1971 گرېتسىيە)
شېئىر
ئاددىي سۆزلەشتىن باشقىنى خالىمايمەن،
مۇشۇ نېمەتنى ماڭا ئاتا قىلىشىڭدىن باشقىنى.
بىز ناخشىغا ھەر خىل مۇزىكىلارنى يۈكلىگەنلىكىمىز ئۈچۈن
ئۇ بارا – بارا چۆكۈشكە باشلىدى.
سەنئەتنى بۇ بېزەكلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن
يۈزى ئۇپرىغىچە بېزىدۇق.
بىز ئاز سۆزلەيدىغان ۋاقىت كەلدى،
چۈنكى روھىمىز ئەتە يەلكەنلەرنى يايىدۇ.
تولۇق ئوقۇيمەن »