باھار پەسلى

شېئىرىيەت ئۇپۇقى باھا يازىمەن

باھار پەسلى

 

تاش ئۇرۇندۇقلاردىن قايتتۇق
ئات كىشنەيدۇ ھارغىن، ئۇيقۇلۇق.

باھار چىمەنلەردە ئۇسۇل ئوينايدۇ
دېرىزە سۆزلەيدۇ
سۇ ئۆز مەنىسىدە چېچىلىدۇ.

بىز ئۆزىمىزگە يۈز كېلەلمەيمىز،
تۇپراق يېرىلغان،
گۈل ئېچىلماي سۇلغان.

ئاپتاپ تولغىنىدۇ كونا تام تۈۋىدە
كارۋات ئاخىرقى جەڭدە.
سەن كىيىك ئەمەس مەن ھەم ئوۋچى
سۆزلىرىم ۋەتەندە، سەن قارا رەڭدە…

خەتكۈچلەر:


باھا يوللاش