دۇنيادىكى ئالتە سىرلىق ئارال

ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن باھا يازىمەن

دۇنيادىكى ئالتە سىرلىق ئارال

1.ئەزرائىل ئارىلى
كاناداغا جايلاشقان بۇ ئارالنىڭ ئىسمى شىبەر ئارىلى ،بۇ ئارالدا ھېچقانداق ئوت چۆپ ئۆسمەيدۇ ،بىر تالمۇ گىياھ يوق ،ھەتتا بۇ ئارالدا بىرەر جانلىقنىڭ ئىزناسىمۇ يوق ،ئەڭ غەلىتە يىرى شۇكى ،كىمە مۇشۇ ئارال يېنىغا كەلگەندە كىمىنىڭ كومپاسى تۇيۇقسىز كونتىرولىقىنى يوقۇتىدىكەن ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارالغا يېقىنلاشقانلىكى كىمىنى ئارال پۈتۈن يۇتۇپ كىتىدىكەن ،شۇنىڭ بىلەن بۇ ئارال ئادەمگە خۇددى ئەزرائىل ھەركەت قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بىرىدۇ .شۇڭلاشقا كىمە باشلىقلىرى بۇ ئارالغا ئەزرائىل ئارىلى دەپ نام بەرگەن ..

 

2. پىرقىرايدىغان ئارال .
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا شىۋىتسىيەنىڭ بىر يۈك پاراخۇتى بۇ ئارالغا 1000 مىتىردەك قالغاندا تۇيۇقسىز ئالدى تەرەپتە بىر ناھايتى چوڭ مەخلۇقنىڭ توختىماي ئايلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ،ئەمما يېقىنلاپ قارىغاندا بۇ ئايلىنىۋاتقىنى بىرەر مەخلۇق بولماستىن ئەكىسچە مۇشۇ كىچىك ئارالكەن ،ئۇنىڭ ئۈستىگە پىرقىراش سۈرئىتى ناھايتى تىزكەن،مۇتەخەسسىلەر تا ھازىرغىچە بۇ ئارالنىڭ نىمىشقا پىرقىرايدىغانلىقى بىلەلمىگەن .ھەم بۇ توغرىسىدا تا ھازىرغىچە بىرەر قايىل قىلارلىق بىرەر نەتىجە يوق .

 

3.ئىككىگە ئايرىلىپ يەنە بىرىكەلەيدىغان ئارال .
تىنچ ئوكيانغا جايلاشقان بۇ ئارال ھەم ئىككىگە ئايرىلالايدىغان ھەم بىر بولۇپ بىرىكەلەيدىكەن ،ئىككىگە ئايرىلىدىغان ۋاقتى قىسقا بولسا ئىككى كۈن ،كۆپ بولسا 4 كۈن ئەتراپىدا بولۇپ ،ئىككىگە ئايرىلغان ئىككى ئارالنىڭ ئارلىقى 4 مىتىردەك كىلىدىكەن .

 

4. يىغلايدىغان ئارال
بۇ ئارالدىن توختىماستىن يىغلىغان ئاۋاز چىقىدىغان بولۇپ ،بىردە ئادەمنىڭ يىغلىغان ئاۋازىغا ئوخشىسا بىردە بىرەر قۇشنىڭ ئېچىنىشلىق سايرىشىغا ۋە يەنە بەزىدە ئاتنىڭ كىشنىگەن ئاۋازىغا ئوخشاش ئۋاز چىقىدىكەن ،ئەمما ئارالدا ھېچقانداق جانلىق يوق،بۇ ئاۋاز زادى قانداق ئىش تا ھازىرغىچە بۇ بىر يىشىلمىگەن تۈگۈن .

 

5. يۆتكىلەلەيدىغان ئارال
بۇ ئارالنىڭ ئىسمى بۇۋىي ئارىلى بولۇپ 1793 يىلى فىرانسىيەلىك ئىكىسپىدىتسىيەچى بۇۋىي بۇ ئارالنى تۇنجى بولۇپ بايقىغا ھەمدە ئىنىق جوغراپىيەلىك ئورنىنى خاتىرلىگەن ،ئەمما كىم بىلسۇن ئارىدىن 100 يىل ئۆتۈپ ناۋىي ئىكىسپىدىتسىيە ئەتىرتى بۇ ئارالنى قايتا تەكشۈرگندە ئارال ئەسلىدىكى خاتىرلەنگەن ئورۇندىن 2.5  كىلومىتىر يۆتكىلىپ كەتكەن .زادى قانداق كۈچ بۇ ئارالنى ئەسلى ئورنىدىن ئايرىۋەتكەن ؟ بۇ تا ھازىرغىچە بىر سىر .

 

6. روھ ئارىلى
1831يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى جەنۇبىي تىنىچ ئوكيان قىرغىقىغا جايلاشقان تانگا پادىشاھلىقىنىڭ دىېڭزى تەۋەلىكىدىكى بىر دېڭىز ئاستى يانار تېغى پارتلىغان ،پارتلاشقا ئەگىشىپ دېڭىز ئاستىدىن ئىگىزلىكى 60 نەچچە مىتىر ،دائىرسى 6 كىلومىتىر كىلىدىغان بىر كىچىك ئارال شەكىللەنگەن ،ئەمما كىشىلەر بۇ ئارالنى مۇلاھىزە قىلىۋاتقان ۋاقىتتا بۇ ئارال تۇيۇقىسىز غايىپ بولغان ،ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتۈپ كىشىلەر بۇ ئارالنى ئۇنتۇپ ئىسىدىمۇ قالمىغان چېغىدا بۇ ئارال يەنە تۇيۇقىسز سۇ ئۈستىدە پەيدا بولۇپ قالغان ،ئىگەللىنشىچە 1890 يىلى  دېڭىز يۈزىدىن 49 مىتىر ئۈستىگە چقىپ 1898 يىلى دېڭىز ئاستىدىن 7 مىتىر ئاستىغا چۈشۈپ كەتكەن ،1967 يىلى 12-ئايدا بۇ ئارال يەنە بىر قېتىم پەيدا بولغان ،ئەمما  1968 يىلى يوقاپ كەتكەندىن كىيىن قايتا پەيدا بولماي شۇ يوقالغانچە 1969 يىلى 7-ئايدا قايتا پەيدا بولۇپ يەنە يوقاپ كەتكەن ،بۇ ئارال مۇشۇنداق يوقىلىپ پەيدا بولۇپ يۈرگەچكە كىشىلەر بۇ ئارالنى روھ ئارىى دەپ ئاتىغان .

كېلىش مەنبەسى: نۇر خەۋەر مەركىزى

خەتكۈچلەر:


باھا يوللاش