ئەرلەر نىمىشقا باشقا ئاياللارغا قاراشقا ئامراق

ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن باھا يازىمەن

ئەرلەر نىمىشقا باشقا ئاياللارغا قاراشقا ئامراق

 

ئېنىقسىز ئىستاتىسكىلارغا قارىغاندا، %90 ئەر باشقىلارنىڭ خوتۇنىنى ئۆزىنىڭ خوتۇنىدىن ياخشى دەپ قارايدىكەن. ئۇنداقتا بۇنداق قاراشنىڭ شەكىللىنىشىگە نېمە سەۋەب بولىدۇ؟ بۇنىڭدا تۆت خىل پىسخىكا رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن.
كۆزىتىش نۇقتىسى. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ھېسيات سۇسلايدۇ. ئىلگىرىكى ئارتۇقچىلىقلار مانا ئەمدى كەمچىللىكەرگە ئورۇن بېرىدۇ، بۇرۇنقى قىزغىنلىقتا ئاشكارىلانمىغان ئۇششاق-چۈششەك كەمچىلىكلەر بىر-بىرلەپ ئاشكارلىنىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئەينى چاغدىكى نۇقسانسىز ئادەم ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كەمچىلىكى كۈرمىڭ كىشىگە ئايلىنىدۇ. باشقىلارنىڭ خوتۇنىچۇ؟ ئۇلارنى يىراقتىنلا كۆرۈپ تۇرغاچقا، ھېس قىلىدىغىنى ئارتۇقچىلقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇنداق سېلىشتۇرمىدا ياندىكى ئادەم كەمچىلىكى كۆپ، يىراقتىكى ئادەم كەم-كۇتىسىز كۆرۈنىدۇ.
يېڭىنى قوغلىشىش پىسخكىسى. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ياندىكى ئادەمدىن ھېس قىلىدىغان يېڭىلىقلار ئازلايدۇ. ئىلگىرىكى ھاياجان ھېسياتمۇ ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن سۇسلايدۇ. باشقىلارنىڭ خوتۇنى ياكى لايىقى، تېخى ئېچىلمىغان سىر، ھېس قىلمىغان يېڭىلىقتەك تويۇلىدۇ. بەلكىم بۇ ئەرلەرنىڭ باشقا ئاياللارنى خىيال قىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولسا كېرەك.
بويسۇندۇرۇش پىسخىكىسى. قارىغانسېرى گۈزەل كۆرۈنىدىغان ئاياللارنىڭ قەلبىنى ئۇتۇش بۇنداق ئەرلەر ئۈچۈن بويسۇندۇرۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. بولۇپمۇ ھەر جەھەتتىن مۇكەممەل، جەلپكار ئاياللارنى ئۆزىگە قارىتىش تېخىمۇ شۇنداق. بۇنداق بويسۇندۇرۇش پىسخىكىسى ئەرلەرگە خاس بولىدۇ، ئەرلەر شۇ ئارقىلىق ئۆزىنى نامايەن قىلىشقا، ئىپادىلەشكە تىرىشىدۇ. بۇ يەردە گېپى بولىۋاتقان ئەرلەر ئادەتتە كۆزلىگەن نەرسىگە قانچە قولى يەتمىسەم شۇنچە ئېسىلغۇسى كېلىدۇ.
ئۇتۇققا ئىنتىلىش پىسخىكىسى. يېڭىلىقنى ھېس قىلىپ، بويسۇندۇرۇشنىڭ تەمىنى تېتىغاندىن كېيىنكى قىزغىنلىق يەنە بىر قېتىملىق ئىنتىلىشكە سەۋەب بولالايدۇ. بۇنداق تەكرار-تەكرار يېڭىلىق قوغلىشىش ئەرلەرگە بويسۇندۇرۇشتىن كېيىنكى ئۇتۇقنى ھېس قىلدۇرىدۇ، بەزى ئەرلەر ھەتتا مۇشۇنداق ئۇتۇققا ئىنتىلىش پىسخىكىسىنىڭ تۈرتكىسىدە ئالدىن نىشان بېكىتىدۇ.

خەتكۈچلەر:


«ئەرلەر نىمىشقا باشقا ئاياللارغا قاراشقا ئامراق» غا 6 تورداش باھا بەردى

  1. نەزەرى مۇنداق يازغان: (2011-07-1 | 06:13) | جاۋاب

    مۇشۇنداق يازمىلار كۆپىيىپ بىزدەك بويتاقلارمۇ بىخمىزدا پىشىپ ھازىر «قىرى قاقۋاش» بولۇپ قالاي دېدۇق. خا خا

    • ئابدۇرېشىت مۇنداق يازغان: (2011-07-2 | 07:50) | جاۋاب

      سالامەت تۇرىۋاتقانسىز؟ يېقىندىن بىرى بلۇگىڭىزدا يېڭى تېما يوققۇ! بەكلا ئالدىراش بولۇپ كەتتىمىكىن دېدىم سىزنى.

      • Velvet مۇنداق يازغان: (2011-09-14 | 13:08) | جاۋاب

        Many many qulaity points there.

      • Lavar مۇنداق يازغان: (2011-09-17 | 00:55) | جاۋاب

        You’re a real deep thinker. Thanks for shanrig.

    • Bubi مۇنداق يازغان: (2011-09-14 | 20:48) | جاۋاب

      Phenomenal bredakwon of the topic, you should write for me too!

    • Kaydi مۇنداق يازغان: (2011-09-17 | 03:14) | جاۋاب

      Stay with this guys, you’re helping a lot of ppeloe.

باھا يوللاش