ھېچكىم ئۈچۈن
1. سەندىن باشلانغان
سەندىن باشلىنىدۇ
مېنىڭ يۇلۇم
مەندە ئاخىرلىشىدۇ
شۇنداق بىر تۇيغۇ.
سەندىن باشلانغان يولدا ھېچكىم ناخشا ئېيتار
جىمجىتلىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالار
قۇلۇڭدىكى ئەتىرگۈل
يامغۇرلىق كېچىنى ئەسكە ئالار.
بۇ يەردە جىنايەت يۈز بەردى
قان سۇۋىدى ئاخىر…
دېمەك، سەندىن باشلانغان
يېزىلىش ئالدىكى مۇشۇ شېئىر.
2. ھېچكىم ئۈچۈن
بىر دەستە گۈلۈم بار
مۇھەببەتتەك گۈزەل، جەزبىدار.
ھېچكىم ئۈچۈن ئۆستۈردۈم ئۇنى
ھاياتىمنى قىلىپ يارىدار.
ھاياتىمدىكى ھەر بىر يارا ئېغىزى
ئاشۇ گۈل بىلەن باشلانغان.
ئاشۇ گۈل ياكى جاراھەت
ئايىغىم ئاستىدىكى تەكلىماكان.
يارام پۈتتى
گۈلدەستەم سۇلدى.
بارلىق ئۇرۇنۇشلۇرۇم ھېچكىم ئۈچۈن ئىدى!
ئەي مېنىڭ بىر دەستە گۈلۈم!
ئەي مەندىكى جاراھەت ئېغىزى…!
3. ئاخىرقى شېئىر
ئۇ شۇنداق ئەركىن
ئۆلۈمدەك.
ناخشا ئېيتىدۇ، جىمجىت بىر ناخشا
ۋە كىرىپ كېتىدۇ شۇ ناخشىلارغا.
ئۇ ئاسماننى كۈيلەيدۇ
ئاسمان بارغانچە ئېگىزلەپ بارار.
ئۇ تۇپراقنى مەدھىيىلەيدۇ
تۇپراق ئۆزىنىڭ كۆكسىنى يارار.
ئۇ ھېچكىمگە تەۋە
ئۇنىڭغا تېخى ئىسىم قۇيۇلمىغان.
ئۇ ئۆتۈپ كەتتى ئالدىمدىن
… مەندىن باشلانغان.
ئۇ نەقەدەر قىسقا-ھە
ھېچكىمگە تەۋە بولمىغىنى ئۈچۈن!
ماۋزۇسىنى ئوقۇپ تېخى «ھېچنېمىزىم»شېئىرلىرى ئوخشايدۇ دەپتىمەن. ئوسمانجان جىمىپ كەتتىيا؟..
ئوسمانجان بىرەر ھەپتە ئىشىم بار دەپ ئۈرۈمچىدە قالغان… بلۇگىنى كېلىپ ئاندىن يېزىشى مۇمكىن.
This article ahciveed exactly what I wanted it to achieve.
This atricle went ahead and made my day.
Super informative witring; keep it up.
zTdRv3 ngbzvratujbj
5Z4J45 , [url=http://rkvxznzjdmyv.com/]rkvxznzjdmyv[/url], [link=http://ksuldxdrngey.com/]ksuldxdrngey[/link], http://ebvhhgjvpxxf.com/
ckYnRI sfpydcjdurbv
a2f22u , [url=http://uamoereospvc.com/]uamoereospvc[/url], [link=http://isirwwmvaadq.com/]isirwwmvaadq[/link], http://wqfclcafyger.com/