ئىچىمدىكى قەشقەر (ئىككى شېئىر)

شېئىرىيەت ئۇپۇقى باھا يازىمەن

 ئىچىمدىكى قەشقەر

ئىچىمدىكى قەشقەر (1)
 
ئىچىمدىكى قەشقەرگە باردىم
ئۇ زامان بىلەن بۇ زامان ئارىلىقىدىكى يولدا.
يېنىمدا بىر ئايال ئۇخلايتتى
بىر ئايال ئاچ بۆرىدەك كۆزلىرىمگە قارايتتى…
شۇنداق قىلىپ قەشقەرگە باردىم.

ھېيتگاھ ئۆيۈمدىكى مىڭ يىللىق كىتابقا ئوخشايتتى
تۇپىسىنى قېقىۋېتىپ بىرىنچى بەتنى ئاچتىم.
بىرىنچى بەت ئاق ئىدى
تۇيۇقسىز تۇپا يېغىپ كەتتى ئىككىنچى بەتتە.
ئاغىينەم: ”بولدى قىل، ئۇقۇمايلى“ دېدى
ئاندىن بىز سۈرەتكە چۈشتۇق
ئاندىن بىز كوچىلارنى ئايلاندۇق
ئاياللار ياكى دۇغ ساتقۇچىلار
تار كوچىلار ياكى خىياللار
كۆز ئالدىمدا بىر قاراڭغۇلۇق.

چىمەنگۈل ئاۋۇت ناخشا ئېيتىۋېتىپ جىمىپ قالىدۇ
مۇتەللىپ شېئىر ئوقۇيدۇ، ھېچكىم ئاڭلىمايدۇ.
مەن ھېچنېمە دېمەي ھېرىپ كەتكەنلىكىمنى ھېس قىلىمەن
خىيالىمدا بىر تەنھا ئاققۇ…

تېشىمدا ئاپتاپ
ئۇسسايمەن تەكلىماكاندەك
يەنە مىڭ يىلدىن كېيىن مەن يوق
يەنە مىڭ يىلدىن كېيىنكى بۇ يەكشەنبىدە
ھېچكىشىگە تەگمەس بىر پاي ئوق.
 
ئچىمدىكى قەشقەر (2)
 
كوچىلار بىزنىڭ ئەمەس
دېرىزىلەردە ياۋايى ھەۋەس…
سېنىڭ چۈشۈڭ ياكى مېنىڭكى
ھېيتگاھتىكى شۇ ئەتىرگۈل، بەس!

ئايالىم كۆينەك ئالدى
دېڭىزدەك كۆك، تەكلىماكاندەك يوق.
ئاپتاپ ئوينار شامانچە ئۇسۇل
قىيسىق ئۆيلەر گۇيا بىر پاي ئوق.

كۆرۈشتۇق تونۇشمايمىز
سۆزلەشتۇق، جىمجىت ھەممە ياق.
ئۈچ ئاي ئۆتۈپ كەتتى ئارىدىن
دۇغ ساتقۇچى خېنىمدەك ئاپئاق.

دۇغ ساتقۇچى خېنىم ماڭا كۆز قىسقان
بۇ باشقا بىر چۈشتىن كېيىن ئىدى.
ئايالىم قەدىمنى ۋاراقلار
ئارىمىزدا مۇھەببەت ھىدى.

شۇنداق قىلىپ تېشىمدىكى قەشقەردىن چىقتۇق
شۇنداق قىلىپ تۈگىدى چۆچەك.
ئىچىمدىكى قەشقەر ئىچىمدە قالدى
بۇ ئىچىمدىكى قەشقەرگە يېزىلغان خەت.

2007-يىلى 31-ئىيۇل
 

 ئىزاھات: بىرىنچى شېئىر تەڭرىتاغ ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ھەم ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان

خەتكۈچلەر:


«ئىچىمدىكى قەشقەر (ئىككى شېئىر)» غا 11 تورداش باھا بەردى

  1. نەزەرى مۇنداق يازغان: (2011-07-7 | 15:07) | جاۋاب

    شىئىرىڭىز ھەقىقەتەن چوڭقۇر مەنىلىك چېقىپتۇ رەشىدكا. ئەسەرلىرىڭىزگە مۇشۇ بىلوگدا مۇشتەرى بولۇۋالدىم.

    • Deandre مۇنداق يازغان: (2011-09-14 | 07:33) | جاۋاب

      Thanky Thanky for all this good inofrmtaion!

    • Sandra مۇنداق يازغان: (2011-09-17 | 03:34) | جاۋاب

      If you’re looknig to buy these articles make it way easier.

  2. ahadi مۇنداق يازغان: (2011-08-22 | 17:53) | جاۋاب

    http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=14&TopicID=1791http://bbs.xjzjxh.com/Topichttp://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=14&TopicID=3011http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=14&TopicID=4595http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=14&TopicID=4595.aspx?BoardID=14&TopicID=2http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=14&TopicID=483http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=14&TopicID=49736991http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=14&TopicID=5036http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=14&TopicID=5140http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=14&TopicID=4973

    • Essence مۇنداق يازغان: (2011-09-14 | 21:54) | جاۋاب

      I have been so bwiledeerd in the past but now it all makes sense!

    • Satchell مۇنداق يازغان: (2011-09-17 | 03:38) | جاۋاب

      I have been so bwiledeerd in the past but now it all makes sense!

  3. ahadi مۇنداق يازغان: (2011-08-22 | 17:56) | جاۋاب

    sizni malal kilidigan boldum , QQ yaki uqur koznikingizni tapalmigaqka bilogingizga yollaxka majbur boldum , chazllairimni siz digandak yotkap koydum , adiristiki inkaslani birtarap kiliwitarsiz , sizga ayrim mrahmat eytiman , .

    • Gracelynn مۇنداق يازغان: (2011-09-15 | 07:34) | جاۋاب

      No quetsoin this is the place to get this info, thanks y’all.

    • Rope مۇنداق يازغان: (2011-09-17 | 03:21) | جاۋاب

      Weeeee, what a quick and easy sloutoin.

  4. Amber مۇنداق يازغان: (2011-09-15 | 05:44) | جاۋاب

    There is a cirtiacl shortage of informative articles like this.

  5. Zabrina مۇنداق يازغان: (2011-09-17 | 02:46) | جاۋاب

    Woot, I will ceritanly put this to good use!

باھا يوللاش