رىنې شار شېئىرلىرىدىن

چەتئەل ئەدەبىياتىدىن باھا يازىمەن

رىنې شار (1907 — 1988 فرانسىيە)

 كۆزەتچىنىڭ نەسىھىتى 

ئەي، پىچاقنى يېرىپ چىققان مېۋە،
ئەي، تەمى ئەكس سادا گۈزەللىك،
ئەي، ئاغزى ئامبۇر تاڭ سەھەر،
ئەي، ئايرىۋېتىلمەكچى بولغان ئاشىقلار،
ئەي، ئەۋرەت لاتىسى تارتىۋالغان ئايال،
ئەي، سېپىلنى تاتىلاۋاتقان تىرناق،
كېتىڭلار، كېتىڭلار!…

 
ياشىسۇن

 بۇ دىيار  ئىدىيىنىڭ ئارزۇسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، قەبرىگە قارشى.
دىيارىمدا باھارنىڭ نازۇك بىشارەتلىرى ۋە ئوبدان كىيىندۈرۈلمىگەن قۇشقاچلار يىراق نىشانلاردىنمۇ بەكرەك ياقتۇرىلىدۇ.
ھەقىقەت شامنىڭ يېنىدا تاڭنى كۈتمەكتە.
دېرىزىنىڭ ئەينىكىگە كۆڭۈل بۆلۈنمىگەن: ئويغاق ئادەم نېمە غەمدە؟
دىيارىمدا ھاياجانلىق ئادەمگە سۇئال تاشلانمايدۇ.
چۆكۈپ كەتكەن قولۋاققا چۈشكەن ھېچبىر ھىلىگەر سايە يوق.
باھا تالىشىپ تۇرۇپ قايتۇرىۋېلىنغان نەرسىلەردىنلا ئۆتىمىز.
ياپراقلار، دىيارىمنىڭ دەرەخلىرىدە تولىمۇ كۆپ ياپراقلار، ئەمما شاخلارنىڭ مېۋە كۆتۈرمەيدىغان ئەركىنلىكى بار.
غەلىبە قىلغۇچىنىڭ ئەركىنلىكىگە ئىشەنمەيمىز.
شۈكۈر قىلىمىز دىيارىمدا.

مارتا

 ئەي، مارتا…
ئەي، بۇ كونا تاملار ئىگىلىيەلمەيدىغان جانان:
ئەي، مېنىڭ يىگانە خانىشىم ئۆز ئەكسىنى كۆرىدىغان بۇلاق:
سېنى ئەسلىشىم كېرەك بولمىغان تۇرسا سېنى قانداقمۇ ئۇنۇتاي؟!
سەن جۇغلانما ھازىرسەن:
بىر – بىرىمىزگە تېگىشمەيلا بىرلىشىمىز،
بىر – بىرىمىزدىن ئېھتىيات قىلىشمايلا،
خۇددى بىر – بىرىنى سۆيگەن ئىككى ئەپيۇنگۈل بۈيۈك بىر سەبدەگۈلنى ئاتا قىلغاندەك.
ئېسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ قويماي دەپ قەلبىڭگە كىرمەيمەن،
ھاۋانىڭ سۈزۈكلىكىگە، يولغا چىقىش تەشنالىقىغا ئېچىلمىسۇن دەپ ئېغىزىڭنى مەندە ساقلىمايمەن.
مەن سېنى دەپ
تۈن يىتىپ كېتىشتىن بۇرۇن
ھەر كۈننىڭ بوسۇغىسىدىن ئۆتىدىغان
ھايات ئەركىنلىكى ۋە شامىلى بولۇشنى ئىستەيمەن.

خەتكۈچلەر:


«رىنې شار شېئىرلىرىدىن» غا 2 تورداش باھا بەردى

  1. iphone 5 مۇنداق يازغان: (2011-09-12 | 03:33) | جاۋاب

    Right after all, what a terrific internet site and beneficial posts, I’ll upload inbound hyperlink – bookmark this internet web site? Regards, Reader.

  2. improve search engine rankings مۇنداق يازغان: (2011-10-5 | 07:07) | جاۋاب

باھا يوللاش