قەشقەردىن كەلدىم

شېئىرىيەت ئۇپۇقى باھا يازىمەن

قەشقەردىن كەلدىم


قەشقەردىن كەلدىم، كەلدىم خوتەنگە
كەلدىم ئۆزۈمدىن ھالقىغان تەنگە.
سۇ ئۆزىنى يۇيۇۋېتىپتۇ
تاشلار قايتىپتۇ تاشتەك ۋەتەنگە.

جىگدە دەرىخى، شۇ بىر تۈپ دەرەخ
زورىيىپ تۇرۇپتۇ تەنھالىق كەبى.
تۇرىمەن قىرغاقتا كەچكى شەپەقتەك
تۇرىدۇ بەئەينى تىنجىق ياز پەسلى.

گۈل تۇزۇيدۇ ئېچىلغان پەيتتە
ئادەم ئۆلىدۇ ئۆزىگە قايتىپ.
يورۇڭقاش -
ماھىيەتتە بىر تال قارا تاش
تاش تۈگەيدۇ قەغەز پۇلغا ئايلىنىپ.

2007-يىلى 5-ئاۋغۇست. كېچە

 

خەتكۈچلەر:


باھا يوللاش