باش بەت

ئىلىم-پەن ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىيىتىگە رىئايە قىلىشى كېرەك

ئىلىم-پەن ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىيىتىگە رىئايە قىلىشى كېرەك

پاستېر

1888 – يىل 11 – ئاينىڭ 14 – كۈن

پاستېر (1822-1895)

    پاستېر (1822-1895) ـــ فىرانسىيەلىك خىمىك، مىكرو بىيولوگىيە ئالىمى، لىل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، فىرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى؛ مىكرو بىيولوگىيە ئىلمىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى؛ ئېچىش ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ مىكروبتىن بولىدىغانلىقىنى تۇنجى بولۇپ دەلىلەپ، غالجىرلىق كېسىلى، كۆيدۈرگە كېسىلى، توخۇ ۋاباسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئۇسۇلىنى تېپىپ، ئىممۇنىتېتلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كېسەللىكنى يېڭىش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

    1888 – يىلى پاستېر جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق پاستېر تەتقىقات يۇرتىنى بەرپا قىلغان. قۇرۇلۇشنىڭ پۈتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن پاستېر مۇشۇ مەشھۇر نۇتقىنى سۆزلىگەن. پاستېر نۇتقىدا «مەڭگۈ ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا بويسۇنۇپ، ھاياتلىقنىڭ چېگراسىنى كېڭەيتىمەن» دەپ، ئالىيجاناب ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى ئىپادىلەيدۇ. نۇتۇقتىكى چىن مۇھەببەت ئادەمنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ.

    بىر كۈنى مەن مىكروبنىڭ زەھىرىنى تۆۋەنلىتىدىغان كەشپىياتنىڭ ئىستىقبالىنىڭ ناھايىتى ئۇلۇغۋار بولىدىغانلىقىنى بىردىنلا ھېس قىلدىم-دە، كۆلىمى چوڭ بولغان تەجرىبىخانا قۇرۇش ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن يۇرتۇمغا باردىم. ئۇ تەجرىبىخانىدا ساراڭلىق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلغىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يۇقۇملۇق ۋە خەتەرلىك يامان كېسەللىكلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا بولاتتى. شۇ كۈنى مەن مەمنۇن بولغۇدەك ياردەمگە ئېرىشتىم.

پاستېر خىزمەت ئۈستىدە

     بۇ كاتتا قۇرۇلۇش بۈگۈن پۈتتى. شۇنداق ئېيتالايمىزكى، بۇنىڭدا خەير – ساخاۋەت ئىدىيەسىنىڭ ئالامىتى بولمىغان بىرمۇ تاش يوق. بۇ قۇرۇلۇش ھەرخىل ئەخلاقنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەندىن كېيىن پۈتكەن!

    مەن بۇ بىناغا كىرگەندىن كېيىن قايغۇ-ھەسرىتىم تۈپەيلى مۇشتۇمۇمنى چىڭ تۈگدۈم، چۈنكى، مەن سەپتىن چۈشۈپ قالغان ئادەممەن، مانا يېنىمدا بىرمۇ ئۇستاز يوق، رېقابەتلىشىدىغان بىرمۇ ھەمراھىم يوق. جۇماس يوق، بوۋلەي يوق، پاۋل بور يوق، فولبيانمۇ يوق، فولبىيان ئەپەندى ساراڭلىق كېسىلىنى داۋالاشنى ئەڭ سەمىمىي، ئەڭ كۈچلۈك ھېمايە قىلغۇچى ئىدى.

     ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئالەمدىن كەتتى. مەن گەرچە ئۇلار توغرۇلۇق مۇنازىرە قوزغىيالمىغان بولساممۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ نۇرغۇن مۇنازىرىسىگە چىدىغانىدىم. گەرچە ئۇلارنىڭ نەسىھىتىگە ۋە ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكىمنى ئېلان قىلغانلىقىمنى ئۇلار ئاڭلىيالمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن قايغۇ-ھەسرەت چەككەنلىكىمنى ھېس قىلىپ تۇرساملا، شۇ چاغدىلا مەن بىز ئورتاق ياراتقان ئىشلار مەڭگۈ يوقالمايدۇ، دەپ ئويلايمەن. كۆڭلۈم ئازراق بولسىمۇ تەسكىن تاپىدۇ. مېنىڭ شېرىكلىرىم، مېنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىم ئىلىم-پەنگە قارىتا ئوخشاش ئېتىقادقا ئىگە.

     قەدىرلىك شېرىكلىرىم، سىلەر دەسلەپتىلا مۇشۇنداق قىزغىن بولغانىدىڭلار، سىلەر مۇشۇنى مەڭگۈ ساقلاپ قېلىڭلار. لېكىن سىلەر ئۇنىڭغا مەڭگۈ تايماس ھەمراھ تېپىپ بېرىڭلار، ئۇ بولسىمۇ قاتتىق كۆزىتىشتۇر. ئاددىي ۋە ھەقىقىي ئۇسۇل قوللىنىپ دەلىللەشكە بولمايدىغان ئەھۋالغا يولۇققاندا ھەرگىز ئالغا ئىلگىرىلىمەڭلار!

      سىلەر تەنقىدچىلەرنى چوقۇم ھۆرمەتلەڭلار، ئۇلار يا بىر ئىدىيەنى ئويغاتقۇچىلار ئەمەس، يا بىر چوڭ ئىشنىڭ رىغبەتلەندۈرگۈچىلىرىمۇ ئەمەس؛ لېكىن ئۇلار بولمىسا ئىشنىڭ خاتا بولۇپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ھازىر مەن سىلەردىن كۈتكەن بۇ تەلەپلەر ۋاقتى كەلگەندە سىلەر ئوقۇغۇچىلىرىڭلاردىن كۈتىدىغان تەلەپلەردۇر. بۇ كەشپىياتچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ھەقىقەتەن ناھايىتى قىممەتلىك.

    سەن ئىلىم-پەندە ناھايىتى مۇھىم پاكىتنى بايقىغانلىقىڭغا ئىشىنىسەن، سېنىڭ سەمىمىي تۈردە ئېلان قىلغۇڭ كېلىدۇ، لېكىن سەن كۈنلەپ، ھەپتىلەپ، ئايلاپ، يىللاپ چىداپ تۇرىسەن، ھامان ئۆز تەجرىبەڭنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغۇڭ كېلىدۇ، بارلىق ئەكسىچە قىياسلار پۈتۈنلەي يوقالغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆز كەشپىياتىڭنى جاكارلا. راست، بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى تەس ئىش.

     لېكىن، نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىن كېيىن ئاخىر ئېنىق نەتىجە چىقىدۇ. ئاشۇ چاغقا بارغاندا، سەن ئىنسانلارنىڭ روھى ھېس قىلالايدىغان بىر خىل ئۇلۇغ خۇشاللىقنى ھېس قىلىسەن؛ ئۆز ۋەتىنىڭنىڭمۇ شۇ مۇناسىۋەت بىلەن شان-شەرەپ قازىنىدىغانلىقىنى ئويلىغان چېغىڭدا، بۇ خۇشاللىق تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ.

      ئەلۋەتتە، ئىلىم-پەننىڭ دۆلەت چېگراسى بولمايدۇ، لېكىن ئالىملارنىڭ ئۆز دۆلىتى بولۇشى كېرەك، ئۇ ئۆز خىزمىتى بۇ دۇنيادا پەيدا قىلالايدىغان كۈچنى ئۆز دۆلىتىگە تەقدىم قىلىشى كېرەك.

    رەئىس ئەپەندى، ئەگەر سىز مېنىڭ بۇ خىزمەت زالىغا قاتناشقانلىقىڭىز تۈپەيلى پەيدا بولغان پەلسەپىۋى ئوي-پىكىرلىرىم ئۈستىدە توختىلىشىمغا رۇىسەت قىلسىڭىز، مەن شۇنى دەيمەنكى، بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى بولغان ئىككى قانۇن بۈگۈنكى كۈندە ئۆزئارا ئېلىشماقتا. بىرى، قان ۋە ئۆلۈمگە دائىر قانۇن، ئۇ ھەر كۈنى يېڭىچە كۆرەش ئۇسۇلى ئۈستىدىلا قىياس قىلىپ، ھەربىر مىللەتنى مەڭگۈ جەڭگاھتا تۇرىدىغان قىلىۋاتىدۇ؛ يەنە بىر تىنچلىق ۋە خىزمەتكە دائىر قانۇن، ئۇ ئىنسانلارنى قاپلىۋالغان ئازاب-ئوقۇبەتنى تۈگىتىش ئۈستىدىلا ئويلايدۇ.

     بىرى زوراۋانلىق بىلەن تىز پۈكتۈرۈش يولىنىلا ئىزدەيدۇ، بىرى بىر ئامال قىلىپ ئىنسانىيلىقنى قوغداش كويىدىلا بولىدۇ. كېيىنكىسى ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى بارلىق غەلىبىلەرنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ. ئالدىنقىسى شەخسنىڭ ئارزۇسى يولىدا مىڭلىغان-مىليونلىغان ھاياتلىقنى قۇربان قىلىدۇ. بىزنى قورال قىلغان قانۇن قىرغىنچىلىق مەيدانىدا ئۇرۇش قانۇنىنىڭ قان ئېقىپ تۇرغان جاراھىتىنى داۋالايدۇ. بىز دېزىنفىكسىيە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ئىشلەنگەن بېنىتنى ئىشلىتىپ نۇرغۇن يارىدار ئەسكەرنى قۇتقۇزالايمىز. زادى قايسى قانۇن ئىككىنچى قانۇننى يېڭەلەيدۇ؟ بۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. لېكىن، بىزنىڭ كاپالەتلىك قىلالايدىغىنىمىز فىرانسىيەنىڭ ئىلىم-پېنى چوقۇم ئىنسانىيلىق قانۇنىغا ئەمەل قىلىپ، ھاياتلىق دائىرىسىنى تىرىشىپ كېڭەيتىشى كېرەك.

 مەزكۇر بىلوگ ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ ئىزدىش نامى: felekiyat

بايقالغان ئىنكاس : 1

  1. ئالىم كېرىم كۆكئالىپ

    ئادەمنىڭ ئىلىم-پەنگە ئۆزىنى بېغىشلىشى، ئىلىم ئۈچۈن قۇربان بولۇشى ھەقىقەتەن كەم ئۇچرايدىغان روھ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: