باش بەت

ئوغلاق يۇلتۇز تۈركۈمى

og1

ئوغلاق يۇلتۇز تۈركۈمى

     قەدىمكى ئاسترونومىيەدە كىشىلەرنىڭ تەقدىرىنى ئېكلىپتىكىدىكى 12 بۇرج بىلەن باغلايدۇ. 12 بۇرج دېگىنىمىز قۇياش بىر يىلدا بېسىپ ئۆتىدىغان ئاسمان شارى رايونى بىلەن شۇ رايونغا جايلاشقان يۇلتۇز تۈركۈملىرىنى كۆرسىتىدۇ. قەدىمكىلەر ھەربىرەيلەننىڭ ئاسماندا يۇلتۇزى بار دەيدۇ، بەلكىم بۇ مۇشۇنى كۆرسەتسە كېرەك، يەنە تېخى ئۇلار ھەربىر كىشىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە كەمچىلىكىنى بۇرج بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايدۇ.

     قەدىمكى يۇنان (ھازىرقى گىرېتسىيە)لىكلەر 12 بۇرج يۇلتۇزى ھەققىدە ناھايىتى گۈزەل ئەپسانىلەرنى توقۇغان، ھەمدە بۇ ئارقىلىق 12 يۇلتۇز تۈركۈمى نامىنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.

     ئوغلاق يۇلتۇز تۈركۈمى (يەنە بىر نامى جەدى يۇلتۇز تۈركۈمى) 12 بۇرجنىڭ بىرى بولۇپ، كۈز كۈنلىرى جەنۇبىي ئاسمان بوشلۇقىدا كۆرگىلى بولىدۇ. ھەر يىلى باشلانغاندا قۇياش مۇشۇ يۇلتۇز تۈركۈمى دائىرىسىدە توختايدۇ. قۇياش توختايدىغان ۋاقىت مىلادىيە يىل ھېسابى بويىچە ھەر يىلى 12 – ئاينىڭ 22 – كۈنىدىن كېيىنكى يىلى 1 – ئاينىڭ 19 – كۈنىگىچە بولىدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتا تۇغۇلغانلار ئوغلاق يۇلتۇز تۈركۈمىگە تەۋە بولىدۇ. قەدىمكىلەر مۇشۇ يۇلتۇز تۈركۈمىگە تەۋە بولغان كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە كەمچىلىكىنى تۆۋەندىكىدەك يازىدۇ، بىراق بۇنىڭ قانچىلىك ئىلمىي ئاساسى بارلىقى قاراڭغۇ.

     ئوغلاق يۇلتۇزلۇقلارنىڭ ئالاھىدىلىكى: ئىرادىلىك، مەردانە ۋە ھىممەتلىك، پاراسەتلىك، ئوزار.

    ئوغلاق يۇلتۇزلۇقلارنىڭ كەمچىلىكى: قاتمال، يەككە – يېگانە، كالامپاي، كۆڭۈلچەك، خۇپسەن، گۇمانخور.

       ئەمىسە، ئوغلاق يۇلتۇز تۈركۈمى ھەققىدىكى يۇنانلىقلارنىڭ ئەپسانىسىگە قۇلاق سالايلى.

     چارۋىچىلىق ئىلاھى پائىننىڭ تەقى – تۇرقى ناھايىتى غەلىتە بولۇپ، بەدىنىنىڭ يۇقىرى قىسمى ئادەمنىڭكىگە، بەدىنىنىڭ ئاستى قىسمى ئۆچكىنىڭكىگە ئوخشايدىكەن، بېشىدا بىر جۈپ مۈڭگۈزىمۇ بار ئىكەن. ئۇنىڭ تۇرقى غەلىتە بولغانلىقتىن، پائىن باشقىلارغا ئارىلاشماي، ئاكادىيە جىلغىسىدا تەنھا ياشايدىكەن. ئۇ باشقىلارنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، ئىلاھلارنىڭ زىياپەتلىرىگىمۇ قاتناشمايدىكەن. ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىلاھە بولسىمۇ، كۆڭلىنى ئۇنىڭغا ئىزھار قىلالمايدىكەن، «بۇ گۈزەل قىز بەتبەشىرە تۇرقۇمنى ياقتۇرمايدۇ»، دەپ ئويلايدىكەن.

    بىراق، پائىن نەي چېلىشقا ناھايىتى ئۇستا ئىكەن. ئۇ نەي چالغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان كىشىلەر خۇشاللىققا چۆمىدىكەن، دەرەختىكى قۇشلار سايراشتىن توختاپ، جىمجىت ئولتۇرۇپ ئاڭلايدىكەن. ئۇ تەنھا بولغانلىقتىن، كېچە يا كۈندۈز دەپ ئايرىماي نەي چالىدىكەن، تۇرمۇشى ئىنتايىن زېرىكىشلىك ئىكەن.

ئوغلاق يۇلتۇزىنىڭ بوشلۇقتىن كۆرۈنۈشى

    بىر كۈنى زېئۇس ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ:

    ــ ئاڭلىسام نەينى بەكمۇ يېقىملىق چالىدىكەنسەن. ئەتە ئۆتكۈزۈلىدىغان زىياپەتتە نەي چېلىپ بېرەلەمسەن؟ ــ دەپتۇ.

    بۇنى ئاڭلىغان پائىن ئىلاھلارنىڭ زىياپىتىگە ئوچۇق – ئاشكارا قاتنىشىدىغانلىقىدىن بەكمۇ خۇشال بوپتۇ. ئۇ زىياپەتتە نەينى راسا قاملاشتۇرۇپ چېلىشنى، سورۇننىڭ كەيپىياتىنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ، چۈنكى ئۇنى زېئۇس تەكلىپ قىلغان ئەمەسمۇ؟ خۇشاللىقتىن قىن – قىنىغا پاتماي، كېچىچە كىرپىك قاقماي چىقىپتۇ.

   ئەتىسى زىياپەت باشلىنىپتۇ، پوزۇر كىيىنگەن ئىلاھلار بىر – بىرلەپ زىياپەت سورۇنىغا يىغىلىپتۇ، پائىنمۇ قولىدا نېيىنى تۇتقىنىچە سورۇنغا كەپتۇ. ئىلاھلار مېۋە – چىۋىلەرگە ئېغىز تېگىشىپ، خۇشال پاراڭغا چۈشكەندە، پائىن نەينى ئاستاغىنە ئېلىپ، مۇڭلۇق بىر كۈيگە چېلىپتۇ. بۇ كۈي ھەممە ئىلاھنى مەستخۇش قىلىۋېتىپتۇ. نەينىڭ ئاۋازى زىياپەت سورۇنىدىن ھالقىپ يىراق – يىراققا تاراپتۇ، ئىلاھلار پائىننى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختاپتۇ.

    ــ بۇ تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق يېقىملىق كۈينى ئاڭلىشىم جۇمۇ!

   ــ راستتىنلا يېقىملىقكەن!

    ئىلاھلارنىڭ ئاغزىدىن مەدھىيە سۆزلىرى ئۈزۈلمەي تۆكۈلۈپتۇ. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا غەيرىي بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ، ئارقىدىنلا بوران چىقىپ، دەرەخلەر شالدىرلاشقا باشلاپتۇ. ئەسلىدە قورقۇنچلۇق غەيرىي مەخلۇق تايفون كەلگەنىكەن، ئۇ ئاغزىدىن ئوت پۈركۈگىنىچە زىياپەت سورۇنىغا كەپتۇ. تايفون زېئۇستىنمۇ قىلچىلىك ھېيىقماپتۇ. ئۇ بۇرۇن زېئۇس بىلەن بولغان جەڭدە مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، بۇ قېتىم قىلچىلىك تەپتارتماي ئاغزىدىن ئوت پۈركۈپ، ئەتراپتىكى نەرسىلەرنى كۆيدۈرۈپتۇ. ئىلاھلار بۇنى كۆرۈپ دەرھال ھايۋان قىياپىتىدە قېچىشىپتۇ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا تايفوننىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەي، بىخەتەر قېچىپ كېتەلەيدىكەن، بەزى ئىلاھلار كېپىنەككە، يەنە بەزى ئىلاھلار بولسا قۇشقا ئايلىنىپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ.

   پائىن چېلىۋاتقان نېيىنى يىغىشتۇرۇپ، ئۆچكىنىڭ سىياقىغا كىرىپ قېچىپتۇ. ئۇ بىردەم قاچقاندىن كېيىن بىر دەريا بويىغا كەپتۇ، پائىن بېلىققا ئۆزگىرىش ئەپسۇنىنى ئوقۇماقچى بوپتۇ. پائىن قورقۇپ كېتىپ، ئەپسۇننى ياخشى ئوقۇيالماپتۇ، نەتىجىدە بەدىنىنىڭ ئاستى قىسمى بېلىققا، ئۈستى قىسمى بولسا ئەسلىدىكىگە ئوخشاش ئۇزۇن ساقاللىق ئۆچكە قىياپىتىدە بولغان غەيرىي ھالەتكە كىرىپ قاپتۇ. شۇ ۋاقىتتىمۇ زېئۇس بىلەن تايفون كەسكىن جەڭ قىلىۋاتقانىكەن، شۇنىڭ بىلەن پائىن ئەپسۇن ئوقۇشنى قويۇپ، زېئۇسنىڭ تايفوننى مەغلۇپ قىلىشىغا ياردەم بەرمەكچى بوپتۇ.

ئوغلاق يۇلتۇزىنىڭ يەنە بىر تەسۋىرى

    ــ توغرا، مەن نەي چالاي!

     پائىن قولىغا نەينى ئېلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن چېلىشقا باشلاپتۇ. بۇ قېتىم كىشىنى جەلپ قىلىدىغان يېقىملىق كۈي ئەمەس، بەلكى چىداپ بولغۇسىز يېقىمسىز ئاۋاز چىقىرىپتۇ. بۇنىڭغا چىداپ بولالمىغان تايفون قورققىنىدىن قېچىپ كېتىپتۇ.

    «بۇ ئەبلەخ نېمىشقا قېچىپ كېتىدۇ؟ زادى نېمە ئىش يۈز بەرگەندۇ؟» دەپ ئويلىغان زېئۇس ئەتراپىغا قاراپ، پائىن چالغان نەينىڭ ئۆزىگە ياردەم قىلغانلىقىنى بىلىپتۇ. ئۇ پائىننى كۆرۈپ:

    − پائىن، نېمىشقا بۇنداق شەكىلگە كىرىۋالدىڭ؟ ــ دەپ سوراپتۇ.

    پائىن خىجىل بولۇپ:

    ــ سىزگە ياردەم بەرمەكچى بولغانىدىم، بىراق ئەپسۇننى ياخشى ئوقۇماپتىمەن، شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ سىياققا كىرىپ قالدىم، ئالدىڭىزدا بەكلا سەت بولدى، ــ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

   ــ ماڭا ياردەم بېرىمەن دەپ مۇشۇ سىياققا كىرىپ قالدىڭمۇ؟ سەن ھەقىقەتەن باتۇركەنسەن، ــ دەپتۇ زېئۇس. ئۇ پائىننىڭ ئۆزىگە ياردەم بەرگەنلىكىنى مەڭگۈ خاتىرىلەش ئۈچۈن، پائىننىڭ سىياقىنى يۇلتۇز تۈركۈمىگە بېرىپتۇ. يۇلتۇز تۈركۈمى شەكلىنىڭ يۇقىرىقى قىسمى ئۆچكىگە، ئاستى قىسمى بېلىققا ئوخشايدىغان بوپتۇ. ئۇنىڭ شەكلى كۈلكىلىك بولسىمۇ، لېكىن بىرەرمۇ كىشى ئۇنى مەسخىرە قىلمايدىكەن.

مەزكۇر بىلوگ ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ ئىزدەش نامى: felekiyat

بايقالغان ئىنكاس : 4

  1. ئالىم كېرىم كۆكئالىپ

    يۇلتۇز تۈركۈملىرى توغرىسىدىكى ئەپسانىلەرنىڭ ھەممىسىنى، يەنى 12 ئەپسانىنىڭ ھەممىسىنى تەرجىمە قىلىپ چىقسام دەيمەن

  2. تېمىلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن.بىلىشكە قىزىقىدىغان بىلەلمەيۋاتقان،ئۇزۇندىن بېرى ئويلىنىۋاتقان ئومۇملاشمىغان تىمىلارنى مەن بەك ياقتۇرىمەن.

  3. جاھانكەزدى

    ھەممە يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ كەينىدە بىر ئەپسانە ھېكايە بولسا كېرەك

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: