باش بەت

خەلقئارا فىزىكا ئولىمپىك مۇسابىقىسى

fi

خەلقئارا فىزىكا ئولىمپىك مۇسابىقىسى

    بۇ − چېخوسلوۋاكىيە، ۋېنگىرىيە ۋە پولشادىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتتىكـى فـىـزىـكلارنـىـڭ تەشەببۇسى بىلەن تەشكىللەنگەن خەلقئارا فىزىكا مۇسابىقىـسـى. 1967 – يىلى پولشىنىڭ پايتەختى ۋارشاۋادا 1 – نۆۋەتلىك مۇسابىقە ئۇيۇشتـۇرۇلـۇپ، جەمئىي بەش دۆلەت قاتناشتى. ھازىر ئۇ خەلقئارالىق فىزىكا مۇسابـىـقـىـسـىـگە ئايلاندى.

     مۇسابىقىدە قاتناشقۇچى ئەزا دۆلەتلەردىن تەشكىـلـلـەنـگـەن خـەلـقئارا فىزىكا ئولىمپىك كومىتېتى تەسىس قىلىندى، مۇسابىقـە نـىـزامـنـامـىـسـىـدە مۇنۇلار بەلگىلەندى:

    ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىـكـا ئوقـۇتـۇشـىـدا خـەلـقئارا ئالـمـاشـتـۇرۇشـنـى قويۇقلاشتۇرۇش، مۇسابىقە ئارقىلىق فىزىكا پېنىنىڭ دەرستـىـن سـىـرتـقـى پائالىيەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوخشاش بولمـىـغان دۆلـەت يـاشـلـىـرى ئارىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەت ۋە خەلق ئارىسىدىكى ئۆزئارا چۈشـىـنـىـش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، شۇنىڭ بىـلـەن بـىـر ۋاقـىـتـتـا، مـۇسـابـىـقـىـگـە قاتناشقۇچىلارنىڭ فىزىكا جەھەتتىكى ئىجادچانـلـىـقـىـنـى يـېـتـىـلـدۈرۈپ، مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ ئەمەلىي مەسىلـىـلـەرنـى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىش مەقسەت قىلىنىدۇ.

    خەلقئارا فىزىكا ئولىمپىك مۇسابىقىسى يىلدا بىر قېتىم ئۇيۇشتۇرۇلىـدۇ. ئەزا دۆلەتلەر نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئۇيۇشتۇرىدۇ ھەم ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنـىـڭ باشلىقلىرى ۋە ئۇيۇشتۇرغۇچى دۆلەت كۆرسەتـكـەن رەئىـسـتـىـن خـەلـقئارا كومىتېت تەشكىللىنىدۇ. خەلقئارا كومىتېـتـنـىـڭ ۋەزىـپـىـسـى ئىـمـتـىـھـان قەغەزلىرىنى ئادىل، مۇۋاپىق باھالاش، نىزامنامە بەلگىلىمىلىـرىـنـىـڭ ئىـجـرا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، مۇسابىقە نەتىجىسى توغـرىـسىـدا قـارار چىقىرىشتىن ئىبارەت.

     ھەربىر ئەزا دۆلەت تولۇق ئوتتۇرا مـەكـتـەپ ئوقـۇغـۇچـىـسـى يـاكـى تېخنىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىـسـىـدىـن بەش نـەپـەرنـى تـاللاپ مـۇسـابـىـقـىـگـە قاتناشتۇرسا بولىدۇ. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىنىڭ يېشى مۇسابىقە باشلانـغـان كۈنى 20 ياشتىن ئېشىپ كەتمـەسـلـىـكـى كـېـرەك. مـۇسـابـىـقـىـگـە قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر كوماندىسىدا ئىككى نەپەر ئۆمەك باشلىقـى بـولـۇپ، ئۇلار خەلقئارا كومىتېتنىڭ ئەزالىرى بولىدۇ، شەرتى مۇسابىقە سوئاللىرىغـا جـاۋاب بېرىش، مۇسابىقە ئىمتىھان سوئالىنى مۇزاكىرە قىلىـش ۋە نـومـۇر قـويـۇش خىزمىتىنىڭ ھۆددىـسـىـدىـن چـىـقـالايـدىـغـان ۋە خـەلـقئارا فـىـزىـكـا ئولىمپىكىنىڭ خىزمەت تىلىدىن بىرىنى پىششىق بىلىدىغان بولۇشى كېـرەك. خەلقئارا فىزىكا ئولىمپىكىنىڭ خىزمەت تىلى ئىنگلىز، فرانسۇز، نـېـمـىـس ۋە رۇس تىلى بولىدۇ. ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيۇشتۇرغۇچى دۆلەتـكـە كـەلـگـەنـدە، ئۆمەك باشلىقى ئوقۇغۇچـىلار ۋە ئۆمـەك بـاشـلـىـقـىـنـىـڭ ئەھۋالـىـنـى ئۇيۇشتۇرغۇچى دۆلەتنىڭ تەشكىلىي خادىملىرىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

    مۇسابىقە ھەر يىلى 6 – ئاينىڭ ئاخىرى ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. مـۇسـابـىـقـە ئىككى كۈنگە بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىرىـنـچـى كـۈنـى ئۈچ نـەزەرىـيـە ھېـسابلاش سوئالىدىن مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدۇ، باشقا بىر كۈندىكى مۇسابىقە مەزمۇنى 1 − 2 تەجرىبە سوئالى بولىدۇ. ئارىلىقتىكى بىر كۈندە ئارام ئېلىـنـىـدۇ، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ھېسـابلاش سـىـزغـۇچـى، پروگرامما كىرگۈزۈلمىگەن ھېسابلاش ماشىنىسى ۋە لوگارىفـمـا جـەدۋىـلـى، فىزىكىدىكى تۇراقلىق سانلار جەدۋىلى ۋە سخېما سىـزىـش قـورالـلـىـرىـنـى ئېلىپ كىرسە بولىدۇ، لېكىن ماتېماتىكا ۋە فىزىكا فورمۇلىلىرى جەدۋىلـىـنـى ئېلىپ كىرىشكە بولمايدۇ.

     مۇسابىقە سوئاللىـرىـنـى قـاتـنـاشـقـۇچـى دۆلەتـلـەر تـەمـىـنـلـەيـدۇ، ئۇيۇشتۇرغۇچى دۆلەت سوئال چىقىرىدۇ.

    مۇسابىقىدىن ئىلگىرى مۇسـابـىـقـە سوئاللىرى مەخپىي ساقلىنىدۇ. مۇسابىقە سوئاللىرىنىڭ مـەزمۇنـى ئوتـتـۇرا مەكتەپ فىزىكىسىنىڭ تۆت قىسمى (مېخانىكا، تېرمودىنامىكا ۋە مولېكۇلا فىزىكىسى، ئوپتىكا ھەم ئاتوم ۋە يادرو فىزىكـىـسـى، ئېـلېـكـتـرو ماگنىتولوگىيە)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يېشىش تەلىپىدە ئالىـي مـاتـېـمـاتـىـكـا ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئۆلچەملىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك ماتېـماتـىـكـا بـويـىـچـە جـاۋاب بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۇيۇشتۇرغۇچـى دۆلـەت ئىـمـتـىـھـان قـەغـىـزىـنـى تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنى ئوتتۇرىـغـا قـويـىـدۇ ۋە ئىـمـتـىـھـان قـەغـىـزى تەكشۈرگۈچىلەرنى بېكىتىدۇ. ھەربىر سوئالنىڭ تولۇق نومۇرى 10 بولىدۇ. ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئۆز ئۆمىكىـدىكى ئەزالارنـىـڭ مۇسابىقە جاۋابىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىـسـىـنـى بـاھالاپ، ئەڭ ئاخـىـرىـدا كېڭىشىپ نەتىجە قارارى چىقىرىدۇ.

    مۇكاپات باھالاش ئۆلچىمىدە مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئالدىنقـى ئۈچ نـەپـىـرىـنـىـڭ ئوتـتـۇرىـچـە نـومـۇرى %100 بـولـىـدۇ، مـۇسـابـىـقـىـگــە قاتناشقۇچىلارنىڭ نومۇرى %90تىن يۇقىرى بولغانلىرى 1- دەرىجىلـىـك  مـۇكـاپـات، %78 − %90 بولغانلىرى 2- دەرىجىلىك مۇكاپات، %65 − %78 بولغانلىرى 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە گۇۋاھنامە بېرىلىدۇ. %50 − %65 بولغانلىرى تەقدىـرلـىـنـىـدۇ، %50 كـە تـوشـمـىـغانلارغـا مۇسابىقىگە قاتناشقانلىق ئىسپاتى بېرىلىدۇ. مۇسابىقىدە شەخسىـي دەرىـجـىلا بېكىتىلىپ، كوللېكتىپ ئومۇمىي نومۇرى چىقىـرىـلـمـايـدۇ. ئاخـىـرىـدا مۇسابىقە نەتىجىسىنى خەلقئارا كومىتېت قارار قىلىپ ئېلان قىلىدۇ.

    جۇڭگو 1986 – يىلى خەلقئارا فىزىكا ئولىمپىكىنىڭ تەكلىپىنـى قـوبـۇل قىلىپ، ئۈچ نەپەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى تـۇنـجـى قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشقان ۋەكىللەر سۈپىتىدە 17 – نۆۋەتلىك خـەلـقئارا فىزىكا ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشتـۇردى. شـۇنـىـڭـدىـن كـېـيـىـن ھەر نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا ۋەكىللەر كوماندىسى ئەۋەتتى.

مەزكۇر بىلوگ ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ ئىزدەش نامى: felekiyat

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: