باش بەت

نوبېل مۇكاپاتى

نوبېل

                                                                    نوبېل مۇكاپاتى

بۇ − دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر، ئىلىم ئىناۋىتى ئەڭ يۇقىرى خەلقئارا كاتـتـا مۇكاپات. بۇ مۇكاپات شۋېتسىيىلىك خىمىك نوبېلنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە قالدۇرغان فونـدىـدىـن تەسىس قىلىنغان. بۇ فىزىكا مۇكاپاتى، خىمىيە مۇكاپاتى، فـىـزىئولـوگـىـيـە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتى، ئەدەبىيات مۇكاپاتى ۋە تىنچـلىـق مـۇكـاپـاتـى دەپ بەش تۈرگە ئايرىلىدۇ، 1901 – يىل تۇنجى قېتىم تارقىـتـىـلـغـان. 1968 – يـىـلـى شۋېتسىيە مەركىزىي بانكىسى ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتـى (1969 – يـىـلـى تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان)نى كۆپەيتكەن. ئالتە تۈرلۈك مۇكـاپـات يـىـلـدا بـىـر قېتىـم تـارقـىـتـىـلـىـدۇ، ئۇ بىر دانـە ئالـتـۇن مـېـدال، بىر دانـە لـەۋھە ۋە زور سوممىلىق مۇكاپات پۇلى (9 مىليون دوللار فـونـدىـنـىـڭ ئۆسۈمى بىلەن مەبلەغ كىرىمى بولۇپ، 1997 – يـىلـدىـكـى سـومـمـىـسـى تەخمىنەن 990 مىڭ دوللار بولغان)نى ئۆز ئىچىـگـە ئالـىـدۇ. ھەر يىلى 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى، يەنى نوبېلنىڭ ئالەمـدىـن ئۆتـكـەنـلـىـكـىـنـى خاتىرىلەش كۈنى شۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولـم مـۇزىـكـا زالـىـدا داغدۇغىلىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتـكـۈزۈلـىـدۇ، شـۋېـتـسـىـيـە پادىشاھى بىۋاسىتە مۇكاپات تارقىتىدۇ. بۇ خەلقئارادىكى ئەڭ ئالىي شەرەپـكـە ئايلىنىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئالىملارنى شۇنىـڭ ئۈچـۈن كـۈرەش قـىـلـىـشـقـا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئالفرېد نوبېل

نوبېلنىڭ ۋەسىيىتى بويىچـە تۆۋەندىكى ئاپپاراتلار مـۇكـاپـات تـارقـىـتـىـدۇ: شۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيىسى فىزىكا مۇكاپاتى ۋە خـىـمـىـيـە مۇكاپاتىنى تارقىتىدۇ؛ شۋېـتـسـىـيـە خـان جـەمـەتـى كـارولـىـن تـاشـقـى كېسەللىكلەر مېدىتسىنا تەتقىقات يۇرتى فىزىئولوگىيـە يـاكـى مـېـدىـتـسـىـنـا مۇكاپاتىنى تارقىتىدۇ؛ شۋېتسىيە ئەدەبىيات يۇرتى ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تارقىتىدۇ؛ نورۋېگـىـيـە پارلامېنتى تەيىنلىگەن نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتـېـتـى تـىـنـچـلـىـق مۇكاپاتىنى تارقىتىشقا مەسئۇل بولـىـدۇ. ئالـدىـنـقـى تۆت تـۈرلۈك مـۇكـاپـات ستوكھولمدا تارقىتىلىدۇ، ئاخىرقى مۇكـاپـات ئوسـلـودا تـارقـىـتـىـلـىـدۇ. شۋېتسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى يەنە ئىقتىسادشۇناسـلـىـق مـۇكاپـاتـىـنـىـڭ تارقىتىلىشىنى نازارەت قىلىدۇ.
ۋەسىيەتتىكى ماددىلارنى يولغـا قـويـۇش ئۈچـۈن، 1900 – يىلى 6 – ئايدا نوبېل فوندى جەمئىيىتى قۇرۇلدى، ئۇ فوندنىڭ ئىگىدارى ۋە فوندنى ئەمـەلـىـي باشقۇرغۇچى بولۇپ، مۇكاپاتنى تارقىتىشقا قاتنىشىدۇ، لېكىن مۇكاپاتنى بـاھالاش ۋە قاراپ چىقىشقا قاتناشمايدۇ. مۇكاپاتنى باھالاشقا يۇقىـرىـدا ئېـيـتىـلـغـان تۆت مۇكاپات تارقىتىش ئاپپـاراتـى مـەسئۇل بـولـىـدۇ. ھەر يـىـلـى بـاش كـۈزدە كېيىنكى يىللىق مۇكاپات تۈرىگە ئېرىشكۈچىـلـەرنـى بـاھالاش خـىـزمـىـتـى باشلىنىدۇ. ئاۋۋال مۇكاپات تارقاتقـۇچى ئورۇن نـوبېـل مـۇكـاپـاتـى نىزامنامىسى بويىچە نامزاتلارنى كۆرسىتـىـش ئىـقـتـىـدارى بـار تـەتـقىـقات ئورۇنلىرىغا تەكلىپنامە ئەۋەتىدۇ، فىزىكا مۇكاپاتى بىلەن خىمىيە مۇكاپاتىنـى مىسالغا ئالساق، تەخمىنەن 650 پارچە خەت شۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزالىرى، فىزىكا ۋە خىمىيە مۇكاپاتى نوبېل كومىتېتىنـىـڭ ئەزالىرى، ئالدىنقى قېتىملىق فىزىكا مۇكاپاتـى ۋە خـىـمـىـيـە مـۇكـاپاتىـغـا ئېرىشكۈچىلەر، شۋېتسىـيـىـدىـكـى سەككىز ئۇنـىـۋېـرسـىـتـېـت ھەم پـەنـلـەر ئاكادېمىيىسى سايلىغان 40 − 50 ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تەتقىقـات ئورنـىـدىـكـى فىزىكا ياكى خىمىيە پروفېسسورلىرى ھەم چەت ئەللەردىـكـى تـەتـقـىـقـات يۇرتلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى تەتقىقات ئورۇنلىـرىـدىـكـى بـاشـقـا ئالـىـملارغـا ئەۋەتىلىدۇ، ئۇلار نامزات كۆرسىتىدۇ. باھالاشـتـا كـەسـىـپ ئىـقـتـىـدارى ۋە خەلقئارا ئىناۋىتى ئاساس قـىـلـىـنـىـدۇ. نـوبېـل مـۇكاپاتـى ئۆزىـنـى ئۆزى كۆرسەتكۈچىلەرنى قوبۇل قىلمايدۇ، كۆرسىتىلگەن نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكـى مۇكاپات تارقىتىلىدىغان يىلى 2 – ئاينىڭ 1 – كـۈنـىـدىـن ئىـلـگـىـرى يـازمـا شەكىلدە ئالاقىدار كومىتېتلارغا ئۇقتۇرۇلىـدۇ. 2 – ئايـنـىـڭ 1 – كـۈنـىـدىـن ئېتىبارەن نوبېل مۇكاپاتىنى باھالايدىغان ئالتە كومىتېت كۆرسىتىلگەن نامزاتلارغـا ئاساسەن باھالاش خىزمىتىنى باشلايدۇ. ھەر يىلى 9 – ئايدىـن 10 – ئايـنـىـڭ باشلىرىغىچە باھالاش كومىتېتلىرى تەۋسىيەنامىنى مۇكاپـات تـارقـاتـقـۇچـى ئاپپاراتلارغا تاپشۇرىدۇ، مۇكاپات تارقاتقۇچى ئاپپاراتلار ئەڭ كېچىككەندە 11 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن ئىلگىرى ئاخىرقى قارارىنى چىقىـرىـدۇ. ھەرقـايـسـى باسقۇچلاردىكى باھالاش ۋە ئاۋاز بېرىش مەخپىي ئېلىپ بېرىلىدۇ. مۇكاپـات باھالىنىپ بولغاندىن كېيىن، قارشى پىكرلەرنىـڭ بـولـۇشـى سـەۋەبـىـدىـن ئاغدۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

نوبېل مۇكاپاتىنىڭ مېدالى

نوبېل مۇكاپاتى شەخسكە تارقىتىلىدۇ (يالغۇز تىنچلىق مۇكـاپـاتـىـنـىلا ئاپپاراتلارغا تارقىتىشقا بولىدۇ). مۇكاپـاتـقـا ئېـرىـشـكـەن پـەن تـەتـقـىـقـات نەتىجىلىرى نامزات ھايات چېغىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى لازىم، لېكىـن رەسمىي بېكىتىلگەن مۇكاپاتنى ئۆلگەندىن كېيىن بېرىشكە بولىـدۇ. نـوبـېـل مۇكاپاتى پەۋقۇلئاددە نەتىجە تۈرلىرىگىلا تارقىتـىـلـىـدۇ، ئۆمۈرلۈك خىزمەتكە بېرىلمەيدۇ. نوبېل مۇكاپاتى پۈتۈن دۇنـيـادىـكـى كـىـشـىـلـەرگـە ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، دۆلەت تەۋەلىكى، ئىـرق، دىنىي ئېتىقاد ياكى ئىدېئولوگىيىگە قارىمايدۇ. ئوخشاش بىر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچـى ئوخـشـاش بولمىغان خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن كۆپ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشسـە بولىدۇ. مۇكاپاتنى بىر ئادەمگە تولۇق بېرىشكىمۇ، ئىككى نـەتـىـجـىـگـە تەقسىملەشكىمۇ بولىدۇ، بىراق، ئەمەلىيەتتە مۇكاپاتنى ئۈچتـىـن ئارتـۇق ئادەم بۆلۈشكەن ئەھۋال يوق. ئەگەر مەلۇم يىلى مۇكاپاتقا ئېرىـشـىـش شـەرتـىـگـە ئۇيغۇن ئادەم بولمىسا ياكى دۇنيا ۋەزىيىتـى بـاھالاش مـاتـېـرىـيـالـلـىـرىـنـى توپلاشقا توسالغۇلۇق قىلسا (مەسىـلـەن، 2 – دۇنـيـا ئۇرۇشـى مـەزگـىـلـىدىكىگە ئوخشاش)، مۇكاپات توختىتىلىدۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى مۇكاپات ئېلىشنى رەت قىـلـسـا بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىسمى يەنىلا نوبېل مۇكاپـاتـىـغـا ئېـرىـشـكۈچـىـلـەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدۇ.
نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىلغاندىن بۇيان، پـەن مـۇكـاپـاتـىـنـىـڭ تارقىتىلىشىدا تالاش – تارتىش ئىنتايىن ئاز بولدى، چۈنكـى بـۇ مـۇكـاپـاتلار مۇشۇ نەچچە 10 يىلدىن بۇيانقى بىرنەچـچـە پـەن سـاھەسـىـنـىـڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلدى. ئەدەبـىـيـات مـۇكـاپـاتـى بـىـلـەن تىنچلىق مۇكاپاتىدا ھەمىشە پىكىر ئىختىلاپى بولدى، تىنچلىق مۇكاپاتى كـۆپـىـنـچـە تارقىتىلمىدى.

مەزكۇر بىلوگ ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ ئىزدەش نامى: felekiyat

بايقالغان ئىنكاس : 1

  1. ئالىم كېرىم كۆكئالىپ

    نوبېل مۇكاپاتىنىڭ نېمىلىكىنى بىلىۋېلىش…..

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: