- تىزىملاتقان
- 2013-3-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6085
- نادىر
- 0
- يازما
- 678
ئۆسۈش
21.7%
|
يەنە شۇ مۇستاپا كامالنى تىللاش.
ئەرەبلەر ئەنگىلىيەگە ئەگىشىپ تۈركلەرگە قارشى ئوتنى ئۆزى ئاچقان. ئاخىرىدا يەنە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى مۇستاپا كامالغا دۆڭگەپ قۇيۇش توغرا ئەمەس. خاتا تەرەپكە ئۆتۇپ قالغان قولىغا قورال ئالغان ئەرەبلەرنى مۇستاپا كامال نەسىھەت قلىپ كەينىگە قايتۇرالمايدۇ. بۇ تۈپ نىگىزىدىن مىللەتچىلىك سەۋەبىدىن بۇلىۋاتقان ئىش. ئىسلام دۇنياسىغا نىسبەتەن مۇستاپا كامال ئۇنچە چوڭ زىيانكەشلىك قىلدى دەپ قارىمايمەن. تۈركىيەدە نىمە قىلغان بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر تۈركىيەدىن ئىبارەت بىر مۇستەققىل دۆلەتنى ساقلاپ قالدى. بولمىسا يا غەربنىڭ ياكى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ قۇلىغا قېلىپ ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدەك خوشنىلىرىدىن قورقۇپ يا تەرەققىىي قىلالماي يۈرەتتى. مۇستەققىللىقنى ساقلاپ قالغاچقا قايتىدىن كۈچلىنىپ، مەغلۇبىيەتنى غەلىبىگە ئايلاندۇرۇش پۇرسىتى بار. مۇستەققىللقنى يوقاتقانلاردا مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرۇشىمۇ بىر گەپ.
20-ئەسىردىكى ئسىلام دۇنياسىنىڭ مەغلۇبىيىتى ئەرەبلەر تۈركلەرگە قارشى ئەنگىلىيە بىلەن بىرلەشكەن مىنۇتتىن باشلانغان. شۇنىڭ بىلەن پارچە-پارچە بۇلۇپ بېشىنى يىدى. ئەگەر ئىسلام دۇنياسى بىر پۇتۇن زىمىن سۈپىتىدە تۇرغان بولسا، ئاستا-ئاستا تىنچ ھالدا دىمكۇراتىك دۆلەتكە ئايلىنىش ئېھتىماللىقى زور ئىدى. پارچىلانغاچقا ئىسرائىلىيە پەيدا بولدى.
شۇ بىر خاتالىق سىياسىي تۈزۇلمە، جەمئىيەت، ئاڭ فورماتىسىيىسى، ئىلىم-پەن ۋە باشقا بارلىق جەھەتلەردە چىكىنىشنى كەلتۈرۇپ چىقاردى. تۈركلەر ئەرەبلەرنى ئاسسىلمىلياتسىيە قىلغان ئەمەس، پەقەت بىر تۇغ ئاستىغا ئۇيۇشتۇرۇغان. بەلكىم ئەزگەن يەرلىرى باردۇر، لىكىن جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشغا ئەگىشىپ تۇزۇلۇپ كىتەتتى. نىمىلا دىگەن بىلەن تۈركلەر بىلەن سۆھبەت قىلماق غەرب ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن سۆھبەت قىلىشتىن كۆپ ئاسان، نەتىجىلىك بۇلاتتى.
ئىشقىلىپ مۇستاپا كامال بىر ئۈمىدنى ساقلاپ قالدى، ئەرەبلەرمۇ خاتالىقىنىڭ دەردىنى تارتىۋاتىدۇ خالاس.
شەخسىي كۆز قارىشىم، مۇخالىپ يىرى بولسا ئەپۇ قىلارسىلەر |
|