- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3845
- نادىر
- 1
- يازما
- 314
ئۆسۈش
61.5%
|
urkesh يوللىغان ۋاقتى 2013-11-23 11:51
رەھمەت قېرىندىشىم،،!!
بىر بىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىش ...
توغرا دەيسىز بۇرادەر...
سىز باغداشتا تۈنۈگۈن ياكى ئۆتكەن بىر نەچچە ئايلاردا كىرگەن،يىڭى مۇنبەردىشىم ئەمەس،سىز ۋە سىزدەك دوسلارنىڭ پىكىرلىرىدىن ،دوسلارنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۇر ،پىكىر ئورتاقلىقى دوسلارنىڭ بىر بىرىگە بولغان مىھرىنى چىڭىتىپ ھازىرغا كەلدوق.بەزىلىرىمىزنىڭ ئىددىيسىنى ،گەپ ئىپادىلەش ئۇسۇلىمىزنى كونىلار بىلگەن بىلەن يىڭىلارنىڭ تازا چۈشىنىپ كىتىشى ناتايىن.ھىچقىسى يوق،بۇنى كۆڭۈلگە ئالمىغىلوق.
ئۇ دوسلارمۇ بارا-بارا يۈرەكنى،يۈرەكتىكى سۈيگۈنى،سوقوۋاتقان يۈرەكنىڭ نىمە دەپ ،قايسى تەرەپكە سوقوۋاتقانلىقىنى بىلگەندە،چۈشەنگەندە ئۇلار ئۆزى باغرىنى كەڭ ئاچىدۇ.
سىزنىڭ يۇقارقى ئىنكاسىڭىزنى تۇنجى كۆرگەن،سىزنى بىلمىگەن بىرەرسى بولسا گەرچە سىزنىڭ ئويلاۋاتقىنىڭىز توغرا بولسىمۇ ئەمما سىزنىڭ ئۇدۇل ئىيتقان گىپىڭىز ئەڭ ئالدى بىلەن بىر ئىسلام ئالىمىغا بىھۆرمەتلىك قىلغاندەك تۇيۇلۇپ بۇنى ئىسلامغا بىھۆرمەتلىك قىلدى دەپ باغلاپ تەپەككۇر قىلىشتىن ھەتتا سىزنى دىنىي ئىتقادى لىڭشىپ قالغان ئەلەي بەلەي دەپ تەپەككۇر قىپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلمايدىغانلار چىقمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ.
توغرا بىزمۇ مۇسۇلمان ئۈممىتىنىڭ بىر پارچىسى بولوش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ ئالىم بىزنىڭمۇ ئالىمىمىز ،ئۇنى ھۆتمەتلەيمىز،قەدىرلەيمىز،ئىگىمىزدىن بۇ ئالىمىمىزغا ئاسانلىق بەركەت تىلەيمىز،ئەمما بۇنى دەپ تىمىدىكى نوقسان تەرەپلەرگە كۆز سالماي ئۈتۈپ كەتسەك بولمايدۇ.نوقسان تەرەپلىرىگە كۆز سالدوق دەپ تىمىنىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقيىتىنى ئىنكار قىلساقمۇ بولمايدۇ.ھەر قايسىمىز ھەر قايسى نوقتىدا تۇرۇپ پىكىر قىلىمىز .
شۇڭا مەيلى قايسى تەرەپتىن پىكىر قىلمايلى بىر بىرىمىزگە زەردە بىلەن پىكىر قىلىشنىڭ ئورنى يوق دىمەكچى خالاس...
ئاخشام قارىسام بىر نەچچە مۇنبەرداشلىرىمىزنىڭ ئىنكاسلىرى سەل قاتتىق تۇرىدۇ شۇڭا ئارىغا چۈشۈپ قويدۇم ھەر قايسى كونا يىڭى دوسلار توغرا چۈشەنگەيسىلەر،ئىمكان بولسا سىلەرنىڭ ئىناقلىقىڭلارنىڭ،مىھىر مۇھەببىتىنىڭ سۇسلاپ قالماسلىقى ئۈچۈن ،ياخىشى نىيەت بىلەن ئارا چۈشكەن مەندەك ئەرزىمەس بىر توڭ سويمىنىڭ ئەسكى يۈزىنى زەرىچىلىك قىپ بولسىمۇ بىر بىرىڭلارغا قىلىۋاتقان گەپ سۆزلەردە سەل سىلىقراق بولساڭلار...
تىمىغا نىسبەتەن بىر ئادەمنىڭ ھەر تەرەپتىن باھا،پىكىر بىرىپ بولالىشى ناتايىن،ھەر قايسىمىز ھەر تەرەپتىن تۇرۇپ پىكىر قىلغاچقا پىكىر ئوخشىماسلىقى تەبىيلا كۆرۈلىدۇ.بۇنى دەپ بىر بىرلىرىمىزگە زەردە قىپ كەتسەك بولمايدۇ.بىزنىڭ مۇنبەردىن ئىستەيدىغىنىمىز شۇندق پىكىر ئوخشىماسلىقى ...
شۇڭا تەكلىپمگە ئازراق بولسىمۇ قۇلاق سالغايسىزلەر.
ئاللا ئىگىمىز ھەممىڭلارغا ئاسانلىق ،بەركەت بەرسۇن |
|