قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2703|ئىنكاس: 86

مۇسۇلمانلارنىڭ 20-ئەسىردىكى مەغلۇبىيەتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

2

دوست

939

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   87.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19286
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 294
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-24
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida


مۇسۇلمانلارنىڭ 20-ئەسىردىكى مەغلۇبىيەتلىرى


ئاپتورى: دوكتۇر يۈسۈف قەرەداۋىي


(ئاپتورنىڭ «ئۆتمۈشنى ئەسلەش ۋە كەلگۈسىگە نەزەر ــــــ ئەسىر پاسىلىدىكى مۇسۇلمانلار» ناملىق كىتابىنىڭ 3-بابىدىن ئازراق قىسقارتىلدى)


خەنزۇچە تەرجىمىسىنى ئىشلىگۈچى: تەۋپىق ما جىيەن كاڭ (马建康)


خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:زارقۇش


    مۇسۇلمانلارنىڭ 20-ئەسىردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە دىققەت بىلەن نەزەر سالىدىغان بولساق، (بۇ جەرياندا) ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى، ئۇلارنىڭ كونكېرىت ئوينىغان رولى، تارىخىي تەرەققىياتى، شۇنداقلا ماددىي، روھىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقلىرى تۈپەيلىدىن، بۇ نەتىجىلەرنىڭ بەكلا چەكلىك ۋە نىسپىي بولغانلىقىنى ئاسانلا بايقىيالايمىز.                                            
ۋەھالەنكى، بىزنىڭ كەتكۈزگەن تەرەپلىرىمىزنى تىلغا ئالىدىغان بولساق، مىقدار جەھەتتىن بەكلا كۆپ؛ ھالەت جەھەتتىن بەكلا ئېچىنىشلىق.ئېرىشكەنلىرىمىز بىلەن كەتكۈزگەن تەرەپلىرىمىزنى ئۆز-ئارا سېلىشتۇرۇپ باقساق، نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغىنى ھەممىمىزگە ئايان.                 
   تارىخ ۋە رېئاللىقنى ئۇنىۋېرسال ئانالىز قىلىدىغان تەھلىلچىلەر ئىزچىل بۇنى تاشقى سەۋەبلەرگە باغلاپ چۈشەندۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەبلەرنىڭ بارلىقىدا ھىچ شەك يوقتۇر. ئەلۋەتتە تاشقى سەۋەبلەرنىمۇ ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ، ھەم بىزمۇ شۇنىڭغا شاھىت بولۇۋاتىمىز. ئەمما مىنىڭچە: ئاساسىي سەۋەب يەنىلا ئىچكى سەۋەب، ھەم دەل ئىچكى سەۋەب تاشقى سەۋەبلەرگە يول ئېچىپ بەرگەن.ناۋادا بىزنىڭ ئېتىقادىمىز، ئېڭىمىز ۋە ۋىجدانىمىزدا يېتەرلىك تاقابىل تۇرۇش كۈچى بولغان بولسا، سىرتقى دۈشمەنمۇ توساقلىرىمىزنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، روھىمىزغىچە سېڭىپ كىرىپ، بىزنىڭ ئىلگىرىلەش يولىمىزنى بۇنچىلىك بۇرىۋىتەلمىگەن بولاتتى.
   مۇشۇنداق قاتمۇقات مەغلۇبىيەت ۋە ئوڭۇشسىزلىقلار يۈز بەرگەن چاغدا «قۇرئان كەرىم» بىزنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى ئوبدان تەكشۈرۈشكە چاقىرىق قىلغانىدى. خۇددى بەدرى ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانلار پۈتۈن غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مۇشرىكلارنىڭ كاتتىباشلىرىدىن 70 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، يەنە 70 كىشىنى ئەسىر ئالغان، ئاندىن ئوھۇد ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانلار قوشۇنى تېرىپىرەن بولۇپ، ساھابىلەردىن 70 كىشىنى قۇربان بەرگەن ۋاقىتتا، ئاللاھ تەئالا ئۇلارغا مۇنداق خىتاب قىلغانىدى:«سىلەرگە يەتكەن مۇسىبەت سىلەر دۈشمەنگە يەتكۈزگەن مۇسىبەتنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدىغان تۇرسا، سىلەر يەنە ‹بۇ مۇسىبەت قەيەردىن كەلدى؟› دېدىڭلار.ئېيتقىنكى:‹ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلاردىن (يەنى پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىڭلار ۋە غەنىيمەتكە ھېرىس بولغانلىقىڭلاردىن) بولدى›.ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر.» (سۈرە ئال-ئىمران، 165-ئايەت)
   مەيلى ئىچكى سەۋەب ياكى تاشقى سەۋەب بولسۇن، ئەھۋال قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىز ئۆزىمىزنىڭ مەغلۇبىيىتىمىزنى ۋە مەغلۇبىيىتىمىزنىڭ نەتىجىمىزدىن خېلىلا كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كىرەك.بىز بۇ ھەقتە ھەممەيلەن ئورتاق ھېس قىلغان ۋە ئەڭ گەۋدىلىك بولغان بىر قانچە تەرەپنى مىسالغا ئېلىپ ئۆتىمىز:

بىرىنچى:بۇرچنىڭ ۋارىسسىز قىلىشى


  بۇرچلىرىمىزنىڭ ئىز-باسارسىز قېلىشى بىزنىڭ بىرىنچى چوڭ مەغلۇبىيىتىمىزدۇر.13 ئەسىردىن ئۇزۇنراق دەۋىر جەريانىدا، مۇسۇلمانلار شانلىق بۇرچ تارىخى ياراتتى.ئاندىن كىيىن، ئۇلار ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ بۇرچىغا خىرىس قىلىدىغان ۋە ۋەيران قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ مۇقەددەس بۇرچ ھۆرمەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىدى، ۋارىسلىقى دەپسەندە قىلىندى.                                                               
غەربلىكلەر بىر ئادەمنىڭ قولى ئارقىلىق بۇ بۇرچنىڭ ۋارىسلىقىنى ئۈزۈل-كېسىل بەربات قىلدى.دەسلىپىدە مۇسۇلمانلار ئۇنىڭغا زور ئۈمىد باغلىغانىدى،ئۇنىڭ ئىسلامغا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، بۇ دەل كامال ئاتاتۈرك بولۇپ، ئەينى چاغدا مۇسۇلمانلار ئۇنى ھۆرمەتلەپ «مۇستافا كامال غازى» دەپ ئاتاشقان ئىدى.كامال جەڭگە ئاتلىنىشى بىلەنلا ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى لەرزىگە كېلىپ، ھېسىياتلىرى ئۇرغۇپ كېتىشكەن بولسا، ھەر قېتىم كامال غەلبىگە ئېرىشكىنىدە ئۇلار ئاللاھقا تەكبىر ئېيتىشىپ، زەپەر مارىشى ياڭرىتاتتى. ھەتتا داڭلىق شائىر شەۋقىي ئۇنى مۇنداق مەدھىيىلىگەنىدى:                                                                                         
ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر!
بۇ نەقەدەر شانلىق زەپەر!
ئى تۈرك خالىدى! ئېلىپ كەل،
بىز ئەرەبكىمۇ نۇرلۇق سەھەر!


   ئۇزۇن ئۆتمەي ئىش ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدەك بولماي قالدى: ئۇلار بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرگەن، ئاللاھتىن ئىسلامنى گۈللەندۈرۈشىنى تىلىگەن بۇ كىشى ئىسلامنى ئاشكارا ئىنكار قىلدى، ئىسلامغا قارىشى تۇرىدىغانلىقىنىمۇ ئاشكارا جاكارلىدى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ ھېسىيات ۋە ئېتىقاد جەھەتتىكى قارىشىلىقلىرى، ۋە ئۆزىنىڭ مۇرتەد بولۇشىىغىمۇ پەرۋا قىلماستىن قاپ يۈرەكلىك بىلەن بۇ بۇرچقا ھۆرمەتسىزلىك قىلدى.ئەينى ۋاقىتتا مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ بۇ بۇرچنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملىشىگە، ۋە روھىي تۈۋرۈكنى قەد كۆتۈرگۈزۈپ، كۈچلۈك ماددىي ئاساس يارىتىشىغا ئىنتىزار ئىدى.ئەمما، ئۇ ئۇشتۇمتۇت ھەممىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى، بۇرچ گەۋدىسىمۇ بىراقلا گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى.بۇ تۇيۇقسىز كەلگەن قىسمەتلەر، شائىرنىڭ ئازابلىق ھېسىياتىنى يەنە مۇنداق ئىپادىلىدى:
        
بەزمىنىڭ شاد-خۇراملىقى بولدى شۇئان يىغا-زارە،
         بۇ قاباھەتلىك پەلەكتىن يۈرەكلەر ھەم پارە-پارە،
          گويا بۈگۈن توي ئويناپ خۇشھال يۈرگەن لېۋەن،  
          تاڭ ئېتىپلا بىمەھەل كىيدى كېپەن.


    بۇ قىسمەت شەرق ۋە غەرب مۇسۇلمانلىرى قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز جاراھەتلەرنى قالدۇردى.بۇرچ ۋارىسلىقىنىڭ يۆتكىلىشى بىلەن، يېغىنلار توختىماي ئېچىلىپ تۇردى، مۇسۇلمانلار بارا-بارا ئۆز ئەمرىدىن (يەنى مېڭىش يولى ۋە نىشانىدىن) مەھرۇم قالدى.بۇرچنىڭ ۋارىسسىز قىلىشى شۇنىڭدىن ئىبارەت بولدىكى، مۇسۇلمانلار ئۆزلىرى قول بېرىپ ئىتائەت قىلغان بىر مۇئمىن ئەمىرنىڭ رەھبەرلىكىدىن ۋە ئۆز سەپلىرىنىڭ بىرلىكىدىن ئايرىلىپ قالدى،ۋە شۇئانلا جاھىلىيەت دەۋرىدىكىگە ئوخشاش چۈشكۈنلىشىپ كەتتى. لىكىن (بۇ جەرياندا) قىلىنغان سۇيقەسىتلەرنىڭ زىيىنى بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ زىيىنىدىنمۇ ئېغىر بولۇپ، مۇسۇلمانلاردا قالدۇرىدىغان جاراھىتى تىخىمۇ ئازابلىق ئىدى. بىر نەچچە چۇقان سېلىش ياكى يېغىن ئېچىپ قويۇش بىلەن ئىش ھەل بولمايتتى.                                                                                                
   مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىسلامىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا تېرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىسلاھاتچىلار ئىچكى قىسىمدىن باشلاپ مۇسۇلمانلارنىڭ ۋارىسلىق ساپاسىنى كۈچەيتىپ، سۈننەت يولىدا مۇستەھكەم تۇرۇپ، ئۆز نۆۋىتىدە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىرلىكىگە ۋەكىللىك قىلدى.بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاتاقلىق ئالىم مۇھەممەد رەشىد رىزا قاتارلىق كۆپلىگەن دەئۋەتچى ئۇستازلار بار ئىدى.
ھالبۇكى، شۇ ۋاقىتلاردا «ئىتتىپاقلىق ۋە ئىلگىرىلەش تەشكىلاتى»غا ئوخشاش غەربلەشكەن مىللەتچى ئەلمانىي تەشكىلاتلارمۇ بار ئىدى.بۇ تۇران تىل تۈركۈمىدىكى كىشىلەرنىڭ قۇرغان تەشكىلاتى بولۇپ،ئەرەبلەرگە ئىزچىل ئۆچمەنلىك پوزىتسىيىسىدە بولۇپ كەلگەنىدى، ۋە ئۆز نىشانىدا تەۋرەنمەي مېڭىش غەرىزى بىلەن كىشىلەرگە كۆپ زۇلۇم ۋە ئەزىيەت يەتكۈزگەنىدى، مەسىلەن:جامال پاشانىڭ سۈرىيىدىكى قىلمىشلىرىغا ئوخشاش.ئۇلار يەھۇدىيلارنىڭ ئازدۇرۇشىغا چوڭقۇر ئۇچرىغان، ۋە ئۆز پائالىيەتلىرىدىمۇ يەھۇدىيلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانىدى. ئۇلار سۇيقەسىتلىرى بىلەن ئاخىرى بۇ ئۈممەتنىڭ ئەمىرلىك بىناسىنى غۇلاتتى.                                                         
ئۇرۇش ئوتلىرى بارغانسىرى ئەدەپ كەتتى، بىرىنچى جاھان ئۇرۇشىدا ئەرەبلەر ئەنگىلىيە ئارمىيىسىگە قېتىلىپ، ئۇلار بىلەن بىر سەپ بولۇپ تۈركلەرگە قارىشى ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولدى.                                       
   بۇ ھەقتە، نۇرغۇنلىغان ئەرەب مىللەتچىلىرىنىڭ «تۈركلەر ئەسلىدە مۇستەملىكىچى تاجاۋۇزچىلار ئىدى» دىگەندەك بايانلىرىنىڭ ھىچ ئاساسى يوقتۇر.ئۇلار ئوسمانلى خەلىپىلىكى دەۋرىنى «مۇستەملىكە دەۋرى» دەپ ئاتىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ تارىخنى ئېغىر بۇرمىلاش ۋە تۈرك مىللىتىگە قىلىنغان ھاقارەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.چۈنكى ئۇلار تارىختا ھىچقاچان ئۆز فەتىھ زىمىنلىرىنى مۇستەملىكە زىمىنى دەپ قاراپ ياكى مۇئامىلە قىپ باقمىغان، ئەكسىچە ئىزچىل ئىسلام تۇپراقلىرىنىڭ بىر پارچىسى دەپ بىلگەن.ئەينى ۋاقىتتا بەزى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئالدىدا ماڭغانلىقىمۇ تارىخىي پاكىت.                                                
   تۈركلەر ئەسلى مۇسۇلمان ھوقۇقدارلار بولۇپ، ئىسلام زىمىنلىرىنى نەچچە ئەسىر جان تىكىپ قوغدىغانىدى،نۇرغۇن رايونلاردا ئىسلامنى كەڭ تارقاتقانىدى،پايانسىز تۇپراقلارنى ئىسلام تېررىتورىيىسىگە قوشقانىدى.ئەرەب ئىمپىرىيىسى ئەندەلۇستا مەغلۇپ بولغان چۈشكۈنلۈك دەۋرلىرىدە، تۈركلەر نۇسرەتنىڭ سېموۋولى بولۇپ قالغانىدى.ئۇلار شەرقىي ياۋروپانى ئىگىلەپ ئىسلامنىڭ جەنۇبىي ياۋروپادىدىكى مەغلۇبىيىتىنى تولۇقلىدى، ئىسلام ئىمپىرىيىسى گۇللەنگەن ۋە كۈچەيگەن دەۋرلەردە بولسا ئەمەلىي كۈچ جەھەتتە غەربكە يېتىشىۋالدى. گەرچە غەربتىكى ئىسلامغا قارىشى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا ئازراق ئىختىلاپ مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار مۇۋاپىق پەيت تېپىپ ئوسمانىيلار ھاكىمىيىتىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاتقاندىلا ئاندىن غەلبە قازىنالايدىغانلىقىغا شەك قىلمايتتى.ئۇلار بۇ پەيتنى تاكى ئىمپىرىيە بارغانسىرى ئاجىزلاپ، بۇرۇنقى قۇۋۋىتىدىن قېلىپ، «كېسەللىك» ھالىتى بىلەن زاۋال تاپقانغا قەدەر سەۋرچانلىق بىلەن كۈتتى. ئۇلار ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىنىڭ ئالدى-كەينىدە بولسۇن، ياكى ئۇرۇش مەزگىللىرىدە بولسۇن، بۇ مەقسەتلىرىدىن قىلچە يېنىپ باقمىدى.                                                  
    دۇنيا زېئونېستلىرى بۇ قورغاننى ۋەيران قىلىش جەريانىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى. بۇ قورغان گەرچە بەدىنىنى كېسەللىك جاراھەتلىرى چىرمىۋالغان بولسىمۇ، ھەر ھالدا مۇسۇلمانلارنىڭ تەۋھىد ئىسلام بايرىقى ئاستىغا ئۇيۇشقانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سېموۋولى ئىدى.                                                           
    قورغان يىمىرىلگەندىن كىيىن، مۇسۇلمانلار پارچە-پارچە بولۇپ بۆلۈنۈپ كەتتى،شۇنداقلا مىللەتچىلىك ۋە دۆلەتچىلىك ئېقىملىرىنىڭ رەڭگارەڭ بايراقلىرى ئاستىدا كىچىك-كىچىك دۆلەتلەر قۇرۇلدى، بۇلارنىڭ بەزىلىرىنى دۇنيا خەرىتىسىدىن تاپماقمۇ تەس.بۇ جەريان مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچىنى ھەقىقەتەن قاتتىق خوراتتى، نەتىجىدە ئۇلار ئۆز مىللىتىنىڭ كۈشەندىلىرىدىن ۋە ئۆز ئېتىقادىنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ياردەم تىلەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى.     
بۇرچ ۋە رىسالەتنىڭ ئىز-باسارسىز قېلىشى مۇسۇلمانلارغا ئۇنتۇلغۇسىز تارىخىي ئاپەت بولدى. پۈتكۈل تارىخ ئېقىنىدا مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنچىلىك چوڭ بەختسىزلىككە ئۇچرىشى تېخى تۇنجى قېتىم ئىدى.

ئىككىنچى:يەھۇدىي زېئونېستلىرىنىڭ پىلانلىرى ئالدىدىكى ئارقىمۇ-ئارقا مەغلۇبىيەت


    بۇرچنىڭ ۋارىسسىز قېلىشى بىزنىڭ چاك-چېكىمىزدىن بۆسۈلۈپ،بارغانسىرى ئاجىزلىشىشىمىزنى ۋە يەھۇدىي زېئونېستلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ يۈرىكىدە يەھۇدىي دۆلىتىدىن بىرنى قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت چۈشىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خىلى بىر چاغلارغىچە بىز خەۋەر ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا «ئاتالمىش ئىسرائىلىيە دۆلىتى» دىگەن ئىبارىنى قوللىنىپ كەلگەنىدۇق.نەچچە يىل ئۆتمەيلا رېئاللىق بىزنىڭ يۈزىمىزنى قىزارتتى. بۇ ئاتالمىش كىچىك دۆلەت بارا-بارا ھەر قايسى جەھەتلەردە بىزگە خىرىس قىلدى، بىزنى ئۇرغۇدەك ۋە تەپكۈدەك بولدى. بىز شۇنىڭغىمۇ قاقشاش ۋە ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشىگە دەرت تۆكۈشتىن باشقا تۈزۈك ئامال قىلالمىدۇق.بىزنىڭ يۈزىمىز ۋە نامىمىزمۇ بارغانسىرى بۇ كىچىك دۆلەتنىڭ كۆپ ئارقىدا قالدى،كىيىنچە «ئاتالمىش» دىگەن سۆزنىڭ چۈشۈپ قېلىشىمۇ ھىچقايسىمىزنى ھەيران قالدۇرالمىدى.                              
دەسلىپىدە، بىز يەھۇدىيلار بىلەن پەلەستىنى بۆلۈشۈپ ئىدارە قىلىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلدۇق، بىز بۇ چاغدا بۇنى قوبۇل قىلالمىدۇق، ئارقىدىنلا «ئۆزۈمنى چاغلىماي شىلتىڭ ئېتىپتىمەن»دىن ئىبارەت ئازابلىق تۇيغۇغا چۆكۈپ كەتتۇق.                                                                                                      
   بىز ئىلگىرى «ئىسرائىلىيە دىگەن تاجاۋۇزچى دۈشمەن تەشكىلات بىزنىڭ زىمىنلىرىمىزنى يولسىز بېسىۋالدى، ئۆي-ماكانلىرىمىزنى ئىگىلىۋالدى. بۇ زومىگەرنى دەرھال ئۇجۇقتۇرىۋىتىش كىرەك، بۇ دۈشمەننى چوقۇم يوقىتىش كىرەك» دەپ توۋلاپ باققانىدۇق. ھالبۇكى، ئىسرائىلىيەنىڭ نەچچە قېتىملىق تاجاۋۇزى ئالدىدا ـــــــــ بولۇپمۇ 1967-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى ھۇجۇمدا بىز مەغلۇبلارچە چېكىندۇق. ئاندىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىز سىياسەت ۋە نىشانىمىزنى ئۆزگەرتىپ ئىسرائىلىيەنىڭ بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدۇق. بۇنىڭدىكى مەقسىتىمىز رەقىبتىن يىگەن زەربىمىزگە ئازراق تەسەللىي تېپىش ئىدى. ئەمما ئۇلار 1967-يىلىدىكى تاجاۋۇزنى 1948-يىلىدىكى تاجاۋۇزنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى دەپ قارايتتى (يەنى ۋەزىيەت بىزنىڭ كۈتكىنىمىزدەك ئەمەس ئىدى). بۇ قېتىمقى مەغلۇبىيەت نەتىجىسىدە سىناي (يېرىم ئارىلى)، گولان (ئىگىزلىكى)، غەربىي قىرغاق، غەززە، ۋە ئېرۇسالىم، ئەقسا مەسجىدى قاتارلىق جايلار ئىسرائىلىيەنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ كەتتى.
    ئىسرائىلىيە نىمە ئۈچۈن شۇنچىلىك يولسىزلىق ۋە ئۆكتەملىك قىلىدۇ؟ بۈگۈن ئەرەبلەرنىڭ 300 مىلىيوندىن كۆپرەك نوپۇسى ۋە ئەتراپىدا بىر مىلياردتىن كۆپ مۇسۇلمان تۇرۇپ، ئىسرائىل ئەۋلادلىرى كىمنىڭ قوللىشى بىلەن ئەرەب مىللىتىگە تاجاۋۇز يۈرگۈزىدۇ؟
بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى روشەنكى: ئۇلار يەھۇدىيلارنىڭ ئۇرۇش ھالىتىگە كىردى،بىز مۇسۇلمانلارنىڭ قارىشى ئۇرۇش ھالىتىگە كىرەلمىدۇق؛ ئۇلار «تەۋرات»قا چىڭ ئېسىلدى، بىز «قۇرئان كەرىم»گە تايانمىدۇق؛ ئۇلار مۇسا ئەلەيھىسسالام دەۋرىنى ئۈلگە قىلدى، بىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرىنى ئۈلگە قىلمىدۇق؛ ئۇلار شەنبە كۈنىگە رىئايە قىلدى، بىز جۈمە كۈنىگە ئەھمىيەت بەرمىدۇق؛ ئۇلار ئېرۇسالىمنى ھايات نىشانى قىلدى، بىز مەسجىدى ئەقساغا كۆڭۈل بۆلمىدۇق؛ ئۇلار ئېتىقاد ئېڭىنى ئۇرۇشلىرىغىچە چوڭقۇر سىڭدۈرگەن بولسا، بىز جەڭ بىلەن ئېتىقادنى ئايرىپ چۈشەندۇق؛ ئۇلار ئەقىدىنىڭ رولىدىن ئوبدان پايدىلاندى، بىز بولساق ئىماندىن يىراقلىشىپ زىيان تارتتۇق.ھەتتاكى،ئىسرائىلىيىنىڭ ئەلمانىزىمچى سوتچىلىرىدىن بولغان ئىبنى ئورىيوۋ ۋە جەدىل مايىر قاتارلىقلارمۇ ئەقىدىنىڭ ئۇرۇشتىكى رولىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن. ئىبنى ئورىيوۋ يەنە مۇنداق بىر ئېغىز مەشھۇر سۆزنى ئېيتقان:«يەھۇدىيلار شەنبە كۈنىنى قوغدىمىدى، ئەمما شەنبە كۈنى يەھۇدىيلارنى قوغدىدى.»
ئېتىقادتا مۇستەھكەم تۇرۇش، دىنىي كۆرسەتمىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش، ۋە ئەقىدىدە تەۋرەنمەي تۇرۇش يەھۇدىيلارنىڭ تارىختىن بىرى ئۆز مىللىي خاسلىقىنى ئۆزگەرتمەي ۋە ياتلىشىپ كەتمەي ياشىيالىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.
ھەق دىنغا پۇختا ئەمەل قىلغان چېغىمىزدا، بىزنىڭمۇ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلغۇدەك كۈچىمىز بولغان،مەسىلەن پەلەستىندىكى «مەسجىد ئىنقىلابى» دەپ ئاتالغان تۇنجى قېتىملىق قوزغىلاڭ ئىسرائىلىيىلىكلەرنى قاتتىق ساراسىمىگە سېلىۋەتكەنىدى.لىۋان ئاللاھ پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ قەھرىمانلارچە قارىشىلىقلىرى، مىسىر ئارمىيىسى قوزغىغان «رامىزاندىكى ئون كۈنلۈك ئۇرۇش» جەريانىدا ئەسكەرلەرنىڭ روزا تۇتقان ھالەتتە قىلغان ئۇرۇشلىرى ۋە تەكبىر سادالىرى مىسلىسىز غەلبىلەرگە ئېرىشكەنىدى.
   گەرچە بىز 1939-يىلى رامىزاندىكى ئون كۈندە، ۋە 1973-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى قىسمەن غەلبىلەرگە ئېرىشىپ يەھۇدىي زېئونېستلىرىنىڭ رەزىل مەقسىتىنى بىتچىت قىلغان، ۋە سۇۋەيىش قانىلىدىن ئۆتۈپ ئىسرائىلىيىنىڭ پولاتتەك مۇداپىئە ئىستىھكاملىرىنى ۋەيران قىلغان بولساقمۇ، لىكىن نەچچە قېتىملىق غەلبە پۇرسىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ قوغلاپ زەربە بەرمەي، رەزىل دۈشمەن بىلەن سۈلھى تۈزۈشنى تاللىدۇق. ئەينى ۋاقىتتا، ئىسرائىلىيە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭى ۋە ئەڭ كۈچلۈكى بولغان مىسىر بىلەن تۇنجى سۈلھىنى تۈزدى، ۋە (مىسىرنى بۇ ئۇرۇشتىن چېكىندۈرۈش مەقسىتىدە) سىناي يېرىم ئارىلىدىن چېكىنىپ چىقىش شەرتىنى قوبۇل قىلدى.شۇنىڭ بىلەن، ئىسرائىلىيە مىسىرنىڭ قېرىنداشلىرى ھېسابلىنىدىغان باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىدىن قايسىبىرىگە زەربە بەرسۇن، مىسىر ھامان بىتەرەپلىك ھالىتىدە تۇرىدىغان ۋە ئارىلاشمايدىغان بولدى.بۇ بىزنىڭ قالدۇرغان ئاچچىق ساۋىقىمىز بولدى.
مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلىنى پۈتۈنلەي قايتۇرۇۋىلىشىمۇ مۇمكىن بولماي قالدى، چۈنكى ئۇنىڭ قولىدىكى قوراللار بىكار قىلىنغان ئىدى. ئىسرائىلىيە سىياسىي جەھەتتە مىسىرنى ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقدىشى دەپ قارىسىمۇ، ھەربىي جەھەتتە ئۇنى ئاللىقاچان كۆپ كەينىگە تاشلىۋەتكەنىدى.
شۇنداق قىلىپ، مىسىر ئەرەب دۆلەتلىرىنى بۆلگەن بولدى. كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مىسىرنىڭ ئاۋۋال ئوسلودىن، ئاندىن ۋەلفاردىن بولۇپ تاكى شامشەيىخكىچە بولغان جەرياندا ئىزچىل ئاتالمىش «تىنىچلىق مۇساپىسى» تۇغىنى كۆتۈرۈۋىلۋاتقان يارىماسلارچە ئىپادىسى ھەققىدە بەس-مۇنازىرە قىلىشاتتى.ھەر قېتىملىق سۆزلىشىشتە، بىز ئۆزىمىز ھەققىدە كېلىنگەن ئورتاق پىكىرگە نىسبەتەن يول قويۇپ كەلدۇق، ئىسرائىلىيە بولسا ئۆزىنىڭ ئىلگىرى بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلماي، ئاغزىمىزغا ئېمىزگۈ سەپ قويۇپ بىزنى يەنە يول قويۇشقا مەجبۇر قىلاتتى. بۇ خىل ئايىغى چىقماس «تىنىچلىق» ۋە تەسلىمىچى سۆھبەتلەر توختىماي ئېلىپ بېرىلاتتى.
   ئادەمنىڭ ئەڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيدىغىنى شۇ ئىدىكى، چوقۇم ئەڭ دەسلىپىدە ئورتاق پىكىرگە كېلىش كىرەك بولغان پەلەستىن (زىمىن پۈتۈنلۈكى) مەسىلىسى، مۇساپىرلارنىڭ يۇرتىغا قايتۇرۇلۇش مەسىلىسى، يەھۇدىي كۆچمەنلىرى مەسىلىسى، ۋە چىگرا سىزىقى ۋە سۇ بايلىقى مەسىلىسى قاتارلىق ئەڭ مۇھىم تەرەپلەر ئىزچىل كەينىگە سۆرۈلۈپ كەلدى.ئۇنداقتا ئۇلار كەلگەن ئورتاق پىكىر زادى نىمە ئىدى؟ ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىسرائىلىيە زىمىن كېڭەيمىچىلىكىدىن ئىبارەت قارا نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مىسىرنىڭ بۇرنىغا سالغان چۈلۈك ئىدى.
بۇ خىل تىنىچلىق ھەققىدە مەن بىر شېئىرىمدا مۇنداق يازغانىدىم:
     
ئېرۇسالىم ۋە ئەقسا كەتسە قولدىن،
         بولسۇن پەلەستىندە نە مەنا، لەززەت؟  
        قۇددۇس يوق قىلىنسا ئۇنىڭدىن ئەگەر،
      بولمامدۇ گويا باشسىز بىر جەسەت؟


  ئىسرائىلىيە بۇ ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قارىشىلىقىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا باستۇردى. پەلەستىننى بۆلۈشۈپ ئىدارە قىلىش پەلەستىنلىكلەرنى ھوقۇق كۈرىشى قاينىمىغا چوڭقۇر پاتۇردى. ئىسرائىلىيە بولسا تېرورلۇققا قارىشى تۇرۇش نامىدا ھەربىي كۈچ بىلەن جىھادىي قوراللىق كۈچلەرگە زەربە بەردى.ئەگەر ئۇلار بىلسە، ئەڭ چوڭ تېرورچىلار ئىسرائىلىيىنىڭ ئۆزى ئىدى.
ئاتاقلىق ئەدىب مۇھەممەد ھۈسەيىن ھەيكەل يېقىنقى ئەسەرلىرىدە بەزى مۇسۇلمان رەھبەرلىرىنىڭ ساختىلىقىنى پاش قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسرائىلىيە زېئونېستلىرى بىلەن ئاستىرىتتىن بىرلىشىپ، ئۇلار بىلەن مەقسەتلىك مادارا قىلىۋاتقانلىقىنى ئېچىپ تاشلىغان. كونىلارنىڭ تەمسىلىدە ئېيتىلغاندەك:«ھەقىقىي ئوغرى قاراۋۇل» ئىدى. قەدىمكى ئەرەب شائىرلىرىدىن بىرى مۇنداق يازغان:
پادىنى بۆرىدىن ئاسىراش ئامان،   
   ئەمەسمۇ ئەسلىدىن خىزمىتى چوپان؟
لىكىن گەر بولسا چوپان ئۆزى بۆرە،
كۆرۈڭ، قالۇر پادىلار نىچۇك كۈنگە؟



ئۈچىنچى:يۈكسىلىش ۋە تەرەققىيات جەريانىدىكى پاسسىپلىقلار


   بىزنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىمىز (ئاساسەن) تەرەققىي قىلىۋاتقان ياكى ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى قاتارىغا كىرىدۇ، ئەگەر يەنە تۆتىنچى دۇنيا (ئەللىرى) بار بولسا ئىدى، بىزنىڭ بەزى دۆلەتلىرىمىز بۇ تۈرگىمۇ كىرىپ قالغان بولاتتى. بىز ھازىرغىچە مەيلى ئېغىر سانائەت بولسۇن، مەيلى يىنىك سانائەت بولسۇن، ئىزچىل باشقىلارغا تايىنىپ كەلدۇق. بىزنىڭ كۆپ قىسىم سانائەت ئىشلەپچىقىرىشمىز ھەم شېرىكلەشمە ھالەتتە بولۇپ، بىز بۈگۈنگە قەدەر بىرەر موتوسېكىلىتنىڭ موتورىنىمۇ (مۇستەقىل) ياسىيالمايمىز. بىزنىڭ ئېغىر تىپتىكى قوراللىرىمىزمۇ پۈتۈنلەي ئىمپورت قىلىنىدۇ، ئۇنىمۇ ئۆزىمىز ياسىيالمايمىز. «قۇرئان كەرىم»نىڭ «تۆمۈر» سۈرىسى بىزگە پولات-تۆمۈرنى قانداق تاۋلاشنى ئۆگەتمىدى. يېزا ئىگىلىكى جەھەتتە، بىز ئۆزىمىز يېزا ئىگىلىكى دۆلىتى تۇرۇپ، ئاشلىق مىقدارىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى يەنىلا ئىمپورت قىلىمىز. ئۆز ئىھتىياجىنى ئۆزى قامدىيالمايدىغان، قولىدا ئۆزىنىڭ قورالى بولمىغان مىللەت قانداقمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىسۇن؟
  مىسىر ياپونىيە بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخى ياپونىيەدىن بۇرۇنراق قۇدىرەت تېپىش يولىغا ماڭغانىدى، ئەمما ھازىر قارايدىغان بولساق، ياپونىيە نەدە؟ مىسىر نەدە؟
شىمالىي كورىيە (يەنى چاۋشىيەن) سانائەت تەرەققىياتى مۇساپىسىنى ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىدىن كىيىن باشلىغانىدى، ئەمما ھازىر: شىمالىي كورىيە نەدە؟ مىسىر نەدە؟
  ئېلغار دۆلەتلەر ئۆزلىرى ئېرىشكەن ئىنقىلابىي نەتىجىلىرىنى، مەسىلەن پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى، بېئولوگىيە ئىلمى (تۆرەلمە قۇرۇلۇشى، كىلون تېخنىكىسى قاتارلىقلار) ئىنقىلابى، ئېلىكتىرون (ھىسابلىغۇچ، ئىنتېرنېت) ئىنقىلابى، ئالەم بوشلۇق تېخنىكىسى (ئايغا چىقىش، تېخىمۇ يىراق پىلانېتلارغا يېتىش قاتارلىقلار) ئىنقىلابى، ئالاقە تېخنىكىسى ئىنقىلابى، ۋە بىلىم ئىنقىلابى قاتارلىق جەھەتلەردىكى نەتىجىلىرىنى ماختىنىپ سۆزلىشىۋاتقان چاغدا بىز نەدە قالدۇق؟
بىز ئەڭ ئالىي، ئەڭ قىممەتلىك پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالالايمىز، «روللېس رويىس»قا ئوخشىغان ئەڭ نەپىس ۋە ئەڭ ھەشەمەتلىك ماشىنىلارنى ئالالايمىز، ئەمما ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرەر تال مىخنى ياسىيالمايمىز. يەنە كېلىپ، بىز باشقىلار سېتىپ بېرىشنى خالىغان نەرسىلەرنىلا سېتىۋالالايمىز، بىزنىڭ سېتىۋالغۇمىز كەلگەن، لىكىن ئۇلار سېتىپ بەرمىگەن نەرسىلەرنى سېتىۋالالمايمىز. نۇكلېئون قاتارلىق تېخنىكىلىق سىرلارغا بىز ئىگە بولالمايمىز، ئەمما رەقىبىمىز ئىسرائىلىيە ئىگە بولالايدۇ.
   بىز قالاقلىقنىڭ ئۇزاق كېچىسىنى ئۆتكۈزۈپ بولالمىدۇق، بۇ بەزى كىشىلەرنى «بىزنىڭ قالاق ھالەتتە قېلىشىمىز ئىسلامغا ئىشەنگەنلىكىمىزدىن بولغانىكەن» دىگەن پىكىرگە ئېلىپ باردى، گەرچە بۇ پىكىر شۇنچىلىك بىمەنە بولسىمۇ. 10 ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بىرى، مۇسۇلمانلار ھەر قايسى ساھەلەردە ئىزچىل ئەڭ ئالدىدا مېڭىپ كەلگەن، پۈتۈن دۇنيا ئۇلاردىن ئۆگەنگەن، شۇنداقلا ياۋروپالىقلارنىڭ بۇ ئاساستا تەرەققىي قىلدۇرغان تەجرىبە ئۇسۇللىرىدىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ نەتىجىلىرىدىن ئۈلگە ئېلىنغان ئىدى. بۇ غەربتىكى ھەقچىل ئالىملارنىڭ ئورتاق يەكۈنى.ماركىسىزىم ۋە لېبىرالىزىم تەلىماتىغا زىيادە چوقۇنىدىغان بەزى ئەرەب مۇتەپەككۇرلىرى گەرچە «ئەرەبلەرنىڭ ئەقىل (قۇرۇلمىسىدا) مەيلى پەلسەپىۋىي بىلىملەر بولسۇن، ياكى ئىلىم-پەن بىلىملىرى جەھەتتە بولسۇن ئەسىلىدىنلا غەربلىكلەرنىڭ زىھنىي كۈچىدىن ھالقىغۇدەك ئىقتىدار يوق، ئۇلار يەتكەن يۈكسەكلىككە يەتكۈدەك قابىلىيەت تېخىمۇ يوق» دەپ جۆيلۈشىدۇ.
   بۇ پىكىرنى دەۋا قىلغۇچىلار ئىلگىرىكى شەرقشۇناسلارغا بەكمۇ ئوخشىشىدۇ، ئۇلار «ئەرەبلەردە پەلسەپە يوق، مەدەنىيەت يوق، ئۇلار پەقەت قەدىمكى يۇناننىڭ پەلسەپە ۋە ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى تەرجىمە قىلىپ (پايدىلانغان)، ئۇلار ئىلغار پەلسەپە ۋە مەدەنىيەت يارىتىشقا ماس كەلمەيدۇ» دىگەنىدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ (دارۋىنىزىمچىلارنىڭ) «ئىرقى پەرق» نەزەرىيىسىنىڭ يەنە بىر خىل ۋارىيانتى بولۇپ، ئۇلار بەزى مىللەتلەر ئۈستۈن، بەزى مىللەتلەر پەس؛ ياۋروپالىقلار ئېسىل ئېرققا تەۋە، باشقا ئېرقلار بولسا تۆۋەن ئېرقلاردۇر دەپ قارىشاتتى.بۇ ھىچقانداق ئىلمىي ئاساسى بولمىغان ۋە ساپ ئېتىقاد قوبۇل قىلالمايدىغان باتىل ۋە بىمەنە سۆزدۇر. ئىلمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ھىچقانداق مىللەت باشقا مىللەتتىن ئۈستۈن ئەمەس؛ ئېتىقادىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئاللاھ ھىچقانداق مىللەتنى باشقا مىللەتتىن ئارتۇق قىپ ياراتقان ئەمەس، پەقەت ئىمان ۋە تەقۋادارلىق جەھەتتىلا كىشىلەر (بىر-بىرىدىن) پەرقلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر بىر ئايالدىن (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت بىر ئاتا بىر ئانىدىن) ياراتتۇق، ئۆزئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق.ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار  ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېساپلىنىسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.» (سۈرە ھوجۇرات، 13-ئايەت)
  بىز بۇ يەردە بەزى ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ئۆزىنىڭ بىلىم دائىرىسىنىڭ بەكلا چەكلىك بولغانلىقى سەۋەبىدىن بەزى ئىلغار زامانىۋىي ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلالماسلىقى، ھەتتا ئۇلارنى «شەيتاننىڭ نەرسىسى، ئاپەت» دەپ قاراپ ئىنكار قىلىشىدەك رېئاللىقنى ھەم نەزەردىن ساقىت قىلمايمىز.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، 1942-يىلى ئىمام ھەسەن بەننا (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلسۇن!) تۇنجى قېتىم ھەجگە بارغېنىدا، يېنىغا مېكروفۇندىن بىرنى سالغاچ بارغان.بەزى ئالىملار ئۇنىڭ بۇ ئىشىنى كۆرۈپ، ئۇنى توسۇپ «بۇ دىگەن بىدئەت، رەسۇلۇللاھ بۇنداق نەرسە ئىشلەتمىگەن، ساھابە ۋە تابىئىنلارمۇ ئىشلەتمىگەن.شۇڭا بىز سۈننەتكە ئەمەل قىلىپ، بىدئەتتىن يىراق تۇرۇشىمىز لازىم. بىدئەتنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇقتۇر، دوزاخقا باشلىغۇچىدۇر» دىيىشكەندە، ئىمام ئۇلارغا «بىدئەت پەقەت ئېتىقادىي ئەمەللەردە بولىدۇ، مېكروفۇن ئىشلىتىش بولسا دىننىڭ راۋاجى ئۈچۈن پايدىلىقتۇر» دەپ چۈشەندۈرگەن. ئاندىن ئىمام مېكروفۇن ئىشلىتىشكە قارىشى تۇرغان ھىلىقى كىشىنىڭ تاقىۋالغان كۆزەينىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن «سىز قۇرئان، ھەدىس، ۋە فىقھى كىتابلىرىنى ئوقۇغان تۇرۇپ، پەيغەمبىرىمىز ۋە ساھابىلەر تاقىمىغان نەرسىنى تاقىۋاپسىزغۇ؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ كىشى «مىنىڭ كۆزەينىكىم خەتلەرنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىش رولىنى ئوينايدۇ، بۇنداق بولغاندا خەتلەرنى تېخىمۇ ئوبدان ئوقۇيالايمەن» دىگەن. ئىمام ئۇنىڭغا «بۇنىڭمۇ شۇنداق رولى بار،بۇ ئاۋازنى چوڭايتىدۇ......» دەپ جاۋاب بەرگەندە، ئۇ كىشى خاتالاشقانلىقىنى بىلىپ ئىمامدىن ئەپۇ سورىغان.
   ھەرقانداق شەيئىنىڭ (ئومۇملىشىشى ۋە قوبۇل قىلىنىشىغا) مەلۇم بىر جەريان كېتىدۇ. ئوسمان ئىمپىرىيىسى دەۋرىدە بەزى ئۆلۈمالار مەتبەئەدە بېسىلغان «قۇرئان كەرىم» توغرىلىق بېسىش جەريانىدا خاتالىق ۋە ھۆرمەتسىزلىك كۆرۈلۈشىدىن ئەنسىرەپ (ئىشلەتمىگەن). ئەمەلىيەتتە، بۇنداق خاتالىقتىن ساقلىنىش بىر قەدەر تەس، ئەمما ئۇنىڭ ئۈنۈمى چىقىپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەن خاتالىقلاردىن نەچچە ھەسسە چوڭ ئىدى، كىچىك خاتالىقنى دەپ چوڭ ئۈنۈمدىن ۋاز كېچىشكە بولمايتتى. ئاكتىپ پايدىلىنىش ۋە خاتالىقلاردىن ئىھتىيات قىلىش ئارقىلىق ئىمكانقەدەر سەلبىي تەسىرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك ئىدى.
   بۇ يەردە ئەزھەردىكى بەزى مۇتەئەسسىپ ئۆلۈمالاردا يۈز بەرگەن ئىشلارنىمۇ سۆزلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ماتىماتىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، جۇغراپىيە قاتارلىق زامانىۋىي ئىلىم-پەن بىلىملىرىنىڭ ئەزھەرنىڭ دەرىسلىك مەزمۇنىغا ئېلىپ كېرىلىشنى رەت قىلغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۇلارنىڭ دەرىسلىك مەزمۇنىغا قوشۇلۇشى ئىسلامىي پەنلەر ۋە تىلشۇناسلىق (ئوقۇتۇشىغا) زەربە ئېلىپ كېلەتتى.
بۇ ئاتالمىش «زامانىۋىي» بىلىملەر ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمان ئەجدادلىرىمىز (ئۆز دەۋرىدە) پۇختا ئىگىلىگەن قەدىمىي پەنلەردۇر. دەسلەپكى مۇسۇلمانلار مەدەنىيەت ھەر تەرەپلىمە يۈكسەلگەن بىر گۈللىنىش دەۋرى ياراتقان، بۇ (زامانىۋىي بىلىملەردىمۇ) ئۇلار يەنىلا باشلامچى ئورۇندا ئىدى. غەربلىكلەر ئۇلاردىن ئۆگەندى، كىيىنچە ئۇلاردىن ئېشىپ كەتتى، ئاندىن زامانىۋىي بىر قىياپەتتە بىزگە ئېلىپ كەلدى. بۇ ئەسلىدە بىزنىڭ ئۇزاقتىن بىرى يوقىتىپ قويغان نەرسىمىز ئىدى.
   ئاللاھ رەھمەت قىلسۇنكى، خىلى مەزگىللەردىن بىرى ئىجتىمائىيەت پەنلىرى (social science) ساھەسىدە ئاز بولمىغان ئىسلام ئالىملىرى كۆزگە كۆرۈندى، ۋە خىلى ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.
بىز بۇلارنىڭ قاتارىدا ئىمام ئىبنى راشىد(1126 ــــــ 1198)نى ساناپ بېرەلەيمىز. ئۇنىڭ سېلىشتۇرما قانۇنشۇناسلىق ھەققىدىكى ئۆزگىچە ئەسىرى      «بىدايەتۇل مۇجتەھىد ۋەنىھايەتۇل مۇقتەسىد» ۋە تىبابەت ھەققىدىكى ئەسىرى «بۆرەك ھەققىدە» قاتارلىقلار لاتىن تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئەسىرلەردىن بىرى نوپۇزلۇق ئەسەرلەر قاتارىغا پايدىلىنىلغان ئىدى.
  ئۇلاردىن يەنە شەرق ئالىملىرىدىن ئىمام فەخرۇددىن رازى(1148 ـــــ 1209)نى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىسلامىي ئىلىملەردىن تەپسىرشۇناسلىق، قانۇنشۇناسلىق پىرىنسىپلىرى، ۋە تەۋھىد ئىلمى قاتارلىقلارغا ئائىت ئەسەرلىرى ئىلىم ساھەسىدە يۈكسەك داڭق قازانغاندۇر. ئۇندىن باشقا، ئۇ تىبابەت ساھەسىدىمۇ يېتىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسىرىنى تەرجىمە قىلغانلار (ئۇنىڭ بۇ تۈردىكى ئەسەرلىرىنىڭ) دىنىي ساھەدىكى باشقا ئەسەرلىرىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى بىردەك ئېتىراپ قىلىشقان.
  بۇلاردىن باشقا يەنە «تومۇر كىچىك ئايلانما نەزىرىيىسى»نى ئوتتۇرىغا قويغۇچى ئالىم ئىبنى نەفىس(1213 ـــــ 1288)مۇ بار بولۇپ، ئاتاقلىق ئالىم تاجۇددىن سەبۇكى ئۆزىنىڭ «تەبەقاتۇ شافىئىيەتۇل كۇبرا» ناملىق ئەسىرىدە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ پايدىلانغان.
ياۋروپادا ئەسىرلەردىن بۇيان ئىلىم-پەن ۋە دىن ئوتتۇرىسىدا توختىماي زىددىيەتلەر يۈز بېرىپ تۇرغان بولسىمۇ، مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا بۇنداق ئەھۋال بولغىنى يوق. مەن ئىلگىرىمۇ دىگەن ئىدىم، ۋە ھازىرمۇ شۇنداق دەيمەنكى: بىزگە نىسبەتەن ئىلىم-پەن بىلىملىرىنىڭ ئۆزى ئېتىقاد، ئېتىقادنىڭ ئۆزى ئىلىم-پەندۇر.
  چۈنكى بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئىگىلەشنىڭ ئۆزى بىر ئىبادەتتۇر. بۇ بىلىم ئېتىقادنى يۈكسەلدۈرۈشكە ۋە تۇرمۇشىمىزنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولغان بارلىق بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «ئىلىم ئۆگىنىش ھەر بىر ئەر-ئايالغا مۇسۇلمانغا پەرزدۇر» (ھەدىس شەرىف)، بۇ پەرز ھەم پەرز ئەيىن، ھەم پەرز كۇپايە.
بىز يەنە ئىلىم-پەن بىلىملىرىنىڭ ئۆزىنى ئېتىقاد دەپ قارايمىز، چۈنكى (ئىسلام) ئېتىقادى ھەرگىزمۇ تەقدىرچىلىك ئېتىقادى ئەمەستۇر، ياكى خىرىستىئان دىنىدىكىگە ئوخشاش ئەقلىي (قانائەت) تەلەپ قىلمايدىغان (يەنى پەقەت ئىشەنسىلا بولىدىغان) ئېتىقاد ئەمەستۇر. ئەكسىچە، بىز «قۇرئان كەرىم»دە ئاللاھ تائالانىڭ مۇشرىكلار ۋە ۋەھىي ئىنكارچىلىرىغا «ئەگەر سىلەر ئۆز دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار!» (سۈرە نەمل، 64-ئايەت) دەپ خىتاب قىلغانلىقىنى بىلىمىز.
   شۇڭلاشقا، بىز خىرىستىئان دىنىدىكىلەرگە ئوخشاش «ئىشەنگىن! گەرچە چۈشەنمىسەڭمۇ» دەپ يۈرمەيمىز، بەلكى ئىماننى كۈچلۈك ۋە روشەن دەلىل-ئىسپات ئۈستىگە («پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن روشەن دەلىلگە ئاساسلانغان ئادەم ھاياتىي دۇنيانى كۆزلەيدىغان ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟»، (سۈرە ھۇد، 17-ئايەت)) ۋە نۇر ئۈستىگە قۇرۇشنى تەلەپ قىلىمىز.(«پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى ئۈستىدە بولغان ئادەم دىلى كور ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟»، (سۈرە زۇمەر، 22-ئايەت))  
  مۇسۇلمان ئالىملىرىنىڭ نەزىرىدە بىر كىشىنىڭ ۋارىسلىق ئېتىقادى (يەنى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يولىغا ئەگىشىش ئۈچۈنلا ئېيتىلغان ئىمان) (ئاللاھ تەرىپىدىن) قوبۇل قىلىنمايدۇ، پەقەت كۈچلۈك دەلىل-پاكىت ۋە قانائەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ئېتىقادلا قوبۇل قىلىنىدۇ، گەرچە (سەۋەب-نەتىجە) مېتودى جەھەتتە ئۇنچىۋالا ئېنىق ئەمەس، ياكى سەل تومتاق بولسىمۇ.
   ئەجەبا، مۇسۇلمان مىللەتلەر بۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ سانائەت تەرەققىياتى بىلەن مەيدىسىنى كېرىپ يۈرىدىغان باشقا مىللەتلەردەك ئەقىللىق ئەمەسمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، بىزنىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە مۇساپىر بولۇپ بارغان مىڭلىغان تالانت ئىگىلىرىمىز بار.ئۇلار گەرچە ئۆز ۋەتىنىگە بىر ئىش قىپ بىرەلمىگەن بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ ھەر ساھە ھەر كەسىپلىرىدە كۆزگە كۆرۈنۈپ، ئۆز ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن غەرب جەمئىيىتىگە بەخت ياراتماقتا.
گەرچە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قاتمۇ-قات مۇھاسىرىلىرى بولسىمۇ، پاكىستاننىڭ يەنىلا ئاتوم بومبىسى ياسىيالىغۇدەك ئىقتىدارى بار. ئىراق ناۋادا ھاكىملىرى تەرىپىدىن نادانلىق ۋە ئاچكۆزلۈك پاتقىقىغا بىللە سۆرەپ كىرىلىپ، ئۆز پۇتىغا پالتا چاپمىغان بولسا، ئۇمۇ پاكىستانغا ئوخشاش تەرەققىي قىلالىشى مۇمكىن ئىدى.
  ئەمەلىيەتتە، ئەرەب ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ئەۋزەللىكلەردىن ئۆز-ئارا پايدىلىنالىسا، نۇرغۇن ئىشلار قولىدىن كىلىدۇ. خىلى كۆپ سانائەت دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ئىلغار ئايروپىلانلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەھۋاللار ئادەتتە ئۇچرايدۇ، بىز مۇسۇلمانلار نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلالمايمىز؟
نوپۇسىمىزنىڭ كۆپ، زىمىنلىرىمىزنىڭ پايانسىز بولۇشى بىزنىڭ ئىلگىرىلەش ۋە تەرەققىي قىلىشىمىزنىڭ بىر شەرتى. بىز ئىشلەپچىقىرىش ئۇچقاندەك تەرەققىي تاپقان، بازارلار تېخىمۇ كېڭىيىۋاتقان بىر دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز، بىزنىڭ 300 مىلىيون ئەرەب ۋە بىر مىلىياردتىن كۆپ مۇسۇلمان نوپۇستىن تەشكىل تاپقان كەڭرى بازىرىمىز بار. نىشان ۋە يولىمىزنى توغرا ۋە ئېنىق تونۇپ، ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئېتىقادتا مۇستەھكەم تۇرۇپ، ئىمانىمىزنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، كۆپنىڭ كۈچى ۋە پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، ھەممە بىر نىيەتتە كۈچلۈك ئىرادە بىلەن تېرىشساقلا ئۆزىمىزنىڭ مۇناسىپ رولىمىزنى جارا قىلدۇرالايمىز.خۇددى ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە ئېيتقاندەك، سۇنماس ئىرادىلىك مۇئمىن سۈپىتىمىز بىلەن، خىزمەت ئىقتىدارىمىز ۋە ئۈنۈمىمىزنى باشقىلاردىن ئون ھەسسە ئاشۇرالايمىز. «ئى پەيغەمبەر! مۇئمىنلەرنى ئۇرۇش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگىن.ئەگەر سىلەردە چىداملىق يىگىرمە ئادەم بولىدىغان بولسا (دۈشمەندىن) ئىككى يۈزنى يېڭەلەيدۇ. ئەگەر سىلەردە (چىداملىق) يۈز ئادەم بولىدىغان بولسا كافىرلاردىن مىڭنى  يېڭەلەيدۇ،چۇنكى ئۇلار جاھىل قەۋم بولۇپ (ئاللاھنىڭ ھىكمىتىنى) چۈشەنمەيدۇ.» (سۈرە ئەنفال، 65-ئايەت)

تۆتىنچى: كېڭەش، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ساھەلىرىدىكى مەغلۇبىيەتلەر


   بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىمى ئۆز دۆلىتى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ كونتىروللۇقى ئاستىدا ئۆزىگە كىمنىڭ رەھبەر بولۇشى، قانۇنلارنى كىمنىڭ يۈرگۈزۈشى، ۋە قانداق قىلىپ ھاكىمىيەتنىڭ ھوقۇقىغا چەك قويۇش قاتارلىقلارنى بەلگىلەشتىن مەھرۇم ھالدا ياشايدۇ، ۋە ئاقىۋەت ئۆز ھاكىمىيىتىگە قارىشى يول تۇتۇشقا مەجبۇر بوپقالىدۇ.
   ھەيران قالارلىقى شۇكى، بىزدىكى جۇمھۇرىيەت دۆلەتلىرىنىڭ ئەھۋالى پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ساقلاپ قالغان ياكى ھاكىممۇتلەق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىدىنمۇ ناچار بولۇپ كەلدى. بۇ «دېموكراتىيە» دۆلەتلىرى دۇنيا سەھنىسىدە ھەمىشە (باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئارىلاشماي) ئۆزى يالغۇز بىر بۇلۇڭدا تۈگۈلۈپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتالمىش دېموكراتىك سايلاملىرىمۇ پەقەت قىسمەن شەخىسلەر ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ خۇددى يالغۇز ئاتلىق بەيگىگە ئوخشايدۇ. (يەنى دېموكراتىك سايلامدىكى سايلىنىش ئوبېكىتلىرى پەقەت ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر ئارىسىدا بولىدۇ).
مانا مۇشۇ «دېموكراتىك» جۇمھۇرىيەتلەردە، ئەركىنلىك ئېقىمىدىكى غەرب دۆلەتلىرىدىكىدەك ھاكىمىيەتنىڭ ئالمىشىش ئىشلىرى يۈز بەرمەيدۇ، كۆرىدىغىنىمىز پەقەت مەلۇم پىرېزىدېنتنىڭ ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشنى خالىمىغانلىقى سەۋەبلىك قەستكە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلۈشى ياكى تەخىتتىن ئۆرۈۋىتىلىشى بولىدۇ. ئاڭغىچە، ھەر بىر پىرېزىدېنت ئۆز ئوغلىنى تەختىگە ۋارىس  بولغۇدەك قىپ تەربىيىلەپ چىقىدۇ. باشقىچە قىپ ئېيتقاندا، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىمۇ يەنىلا ھوقۇق (ئاتىدىن بالىغا) مىراس قالىدىغان پادىشاھلىق تۈزۈمى بوپقالىدۇ. پادىشاھلىق تۈزۈمى(国王制)دىكى ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدە(立宪政体) پادىشاھنىڭ ھوقۇقى بار لىكىن يۈرگۈزمەيدۇ، ئەمما جۇمھۇرىيەت پىرېزىدېنتىنىڭ ھەم پادىشاھلىق ھوقۇقى ھەم سىياسىي ھوقۇقى بولىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا، ھىچقانداق بىر پىرېزىدېنت ئۆز ئورنىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بوشىتىپ، خەلىققە (رەھبەرلىك سالاھىيىتىنى) ئۆزى تاللاش پۇرسىتىنى بەرمەيدۇ، (سۇدان پىرېزىدېنتى مۇئسىر ئابدۇراھمان بۇنىڭدىن مۇستەستا، ئاللاھ ئۇنىڭ ياخشى ئەمىلىنى قوبۇل قىلسۇن!)
  دېموكراتىيە نىمە ئۈچۈن ھىندىستاندەك بىر مىلىياردتىن كۆپ نوپۇسقا ئىگە، ھەر خىل دىنلار ۋە ئوخشىمىغان مىللەتلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، مەدەنىيتى كۆپ خىل بىر دۆلەتتە غەلبە قىلىدۇ؟ ھەتتا ھۆكۈمەتمۇ (ئومۇمىي) بىلەت تاشلاپ سايلاش تۈزۈمى يولغا قويىدۇ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە سايلامدىن قېلىپ رەقىب پارتىيە ھاكىمىيەت ئورنىغا چىقىدىغان ئىشلارمۇ ئۇچرايدۇ يۇ، ئۇنىڭغا قوشنا بولغان پاكىستاندا دېموكراتىيەدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ، ئەكسىچە بىرەر قىتىملىق ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كىيىنلا يېڭى بىر ھۆكۈمەت تەخىتكە چىقىدۇ.
  بىز بۇ ئارقىلىق غەربنى ماختىماقچى ياكى ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى ئاقلىماقچى ئەمەس، ئۇلار دۇنيانىڭ ھەر بىر يېرىدە دېموكراتىيە داۋرىڭى سالىدۇ، ئاندىن ئۇنى ئىسلام دۆلەتلىرىگە زورلاپ تاڭىدۇ، ئۆزلىرى بولسا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەبىت رەھبەرلىرىنى يۆلەپ، ئۇلارغا يانتاياق بولىدۇ. ئۇلار (يەنى مۇستەبىتلەر) ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلمىسىلا ياكى دۆلىتىدىكى ئىسلام ئىشلىرىغا كارى بولمىسىلا (غەربنىڭمۇ ئۇلار بىلەن كارى بولمايدۇ).
ئەگەر بۇنداق ئەمەس دىسىڭىز، ئۇنداقتا سورايكى:غەرب نىمە ئۈچۈن ئالجىرىيىدىكى ھەربىي تەشكىلاتلارنى كۈچىنى زورايتىپ، ئالجىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنلۇق ۋە ئەركىن سايلام نەتىجىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن ھاكىمىيەتنى مەجبۇرىي كونتىرول قىلىپ، خەلق ئۆزلىرى خالاپ سايلىغان نۇرغۇن ۋەكىللەرنى قولغا ئېلىپ، ئۇلار قىلمىغان جىنايەتلەرنى ئارتىپ، تۈرمىلەرگە سولاپ قىينايدۇ؟ نىمە ئۈچۈن ۋەھىمىسى كىشىلەر قەلبىدىن ھازىرغىچە كەتمەيدىغان دۆلەت ئىچىدىكى «ئاق تېرورلۇق» ھالىتىنى پەيدا قىلىدۇ؟
  غەرب نىمە ئۈچۈن سادام ھۈسەيىننى بۈگۈنگىچە ھايات قويىدۇ؟ ھالبۇكى ئەگەر غەربنىڭ راستىنلا ئۇنى يوقاتقۇسى بولسا، ئۇ كۇۋەيىتكە بېسىپ كىرگەن ۋاقىتتىلا ئۇنى ئۇجۇقتۇرىۋىتىشكە كۈچى يېتەتتىغۇ؟
  خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق كىشىلىك ھوقۇق ھەيئەتلىرى، شۇنداقلا خەلقئارالىق كەچۈرۈپ تەشكىلاتلىرى ئاۋاز قوشۇپ، ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىي ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ تۈرمىلەرگە سولىنىشى ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىشى، مۇشۇ جەرياندا بەزىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە ئېغىر زەربىگە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلىشى، بەزىلەرنىڭ ساقايماس كىسەللەر سەۋەبىدىن مەجرۇھ بوپ قىلىشى .... قاتارلىقلارغا بىلدۈرگەن ئېتىرازى ۋە نىداسىغا كىم جاۋاب قايتۇردى؟
   بەزى دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىسلام ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىدىن ماختانماقچى بولۇپ، ئۆزلىرىنى ئەڭ ئۆلچەملىك ئىسلام (دۆلىتى) دەپ ئاتاشتى. مەسىلەن، تۇنىستا (دىنىي ئېتىقادنى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن پۈتۈنلەي ئايرىپ، ئۇنى پەقەت شەخسىي قىلمىش قاتارىدا كۆرۈش يۈزىسىدىن) كىشىلەرنىڭ مەسچىتكە بېرىپ ناماز ئوقۇشى جىنايەت، بۇنداق كىشىلەر تېرورلۇق ئوبېكىتلىرى دەپ قارالدى؛ (پەرزەنىتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد تەربىيىسى قوبۇل قىلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن) ئۆيلەردە ئىسلامىي كىتابلارنى ساقلاش جىنايەت دەپ قارىلىپ، كىتاب ساقلىغانلا تۈرمىلەرگە سولىنىپ ئازاپلاندى؛ ئاياللارنىڭ ياغلىقى ۋە ھىجابى ھەم جىنايەت دەپ قارالدى، ۋە ئۇلارنىڭ مەكتەپ-ئۇنىۋېرستېتلاردا ئوقۇشى، ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا كىرىشى، ۋە دوختۇرخانىدا داۋالىنىشى قاتارلىقلار بىردەك چەكلەندى.ئەمما ھەيران قالارلىقى، كۆكسى ۋە دۈمبىسى ئوچۇق ياكى يېرىم يالىڭاچ كىيىم كىيگەن ئاياللارغا ھىچكىم دەخلى قىلالمايدىغان، بىر ئايالنىڭ بۇنداق ھالەتتە كىيىنىشى ئۇنىڭ مۇقەددەس ۋە دەخلىسىز ئەركىنلىك دەپ قارىلىدىغان ھالغا كەلدى. (ئۇلار بۇنى ئىسلام ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئەڭ توغرا ۋە ئوڭۇشلۇق بىر تەرەپ قىلغانلىق دەپ قارىدى.)
   بۇ خىل يولسىز تۈزۈمدىكى مەسىلە خۇددى شۇكرا كۆنتەرى ئىلگىرى ئېيتقاندەك ئىدى:«مىڭلارچە جۈپ كۆزلەر كورغا ھىساب؛ مىڭلارچە ئۆتكۈر قۇلاقلارمۇ گاسقا ھىساب.چۈنكى ئۇلارغا كۆزىگە كۆرۈنگىنى ۋە قۇلىقىغا ئاڭلانغىنىلا ھەقىقەت، باشقىلار ھەرقانچە دانا بوپكەتسىمۇ (سۆزى نۆلگە ھىساب). ئۇلار ئۆز ئەيىبىنى يېپىش ئۈچۈن ئىلغارلىقلىرىنى ھەدەپ مۇبالىغە قىپ كۆرسىتىدۇ، ۋە ھەرخىل ساختا نەرسىلەر بىلەن كىشىلەرنى قورقىتىدۇ.»
ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، بەزى مەدەنىيەتلىك كىشىلەرمۇ بۇ خىل يولسىزلىق ۋە زومىگەرلىكنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينايدۇ، تېخى بەزىدە «دىكتاتورلۇقنى كۈچەيتىش مۇقىملىقنى تىزلىتىش تەدبىرى» دەپ توۋلىشىدۇ. ھەتتا بەزىلەر «شەرق دۇنياسى مۇستەبىتلەرنىڭ ئادىللىقى بىلەن گۈللەنگەن» دىيىشىدۇ. ئادىللىق قانداقمۇ مۇستەبىتلىك بىلەن سېغىشالىسۇن؟ (ھەقىقەت شۇكى) ئادىل رەھبەر مۇستەبىت، مۇستەبىت ئادىل رەھبەر بولمايدۇ.
يەنە بىر قىسىم كىشىلەر «ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان كېڭىشىش بىر نەمۇنىدۇركى، ھەرگىزمۇ مۇقەررەرلىك ئەمەس. (ئۇنداق بولماي) ناۋادا رەھبەرنى سوتلاش قازىنىڭ مەسئۇلىيىتى، قازىنىڭ پىكىرىنى ئىجرا قىلماسلىق قازىنىڭ ھوقۇقى بولسا، ئۇنداقتا ئۇ قانداقمۇ رەھبەر بولسۇن؟ قازىنىڭ رەھبەرچىلىك ئىقتىدارى يوق تۇرسا، نىمىنى ھەل قىلىدۇ؟» دىيىشىدۇ.
  يەنە بەزى كىشىلەر «دېموكراتىيە دىمەك خەلق ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش دىمەكتۇر، بۇ ئىسلام بىلەن زىت. چۈنكى ئىسلامدا پەقەت ئاللاھنىڭ ھۆكۈمىلا ئېتىراپ ۋە ئىجرا قىلىنىدۇ» دىيىشىدۇ. بۇ بىر ئېزىقتۇرۇشتۇر. ئەمەلىيەتتە، ئىسلامدىكى ئاللاھنىڭ ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلىش خەلقنىڭ ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇشى بىلەن زىت ئەمەس، شەخسىي ئەركىنلىك بىلەنمۇ زىت ئەمەس. بەلكى بىزنىڭ ئىزدىنىشىمىز لازىم بولغىنى مۇسۇلمان دۆلەتتىكى مۇسۇلمان خەلقنىڭ ئاپتونۇمىيە (يەنى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش) ھوقۇقى، بۇ ئاللاھنىڭ ھۆكۈمىگە مۇخالىپ ئەمەس. بۇ خىلدىكى كېڭەش سىياسىيسى (协商政治) ھەرقانداق تۈردىكى زالىملىق ياكى فىرئەۋن تۈسىدىكى ئۆزىنى ئىلاھلاشتۇرىدىغان ھاكىمىيەت شەكلىگە قارىشى تۇرىدۇ، پەقەت خەلقنى سۆيىدىغان، خەلقمۇ ئۇلارنى سۆيىدىغان، خەلقىنى ھۆرمەتلەيدىغان ۋە خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئادىل ۋە پاك ھۆكۈمدارلارنىڭ ھاكىملىقىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۇلار ئۆز خەلقىگە ھاكاۋۇرلۇق ۋە زوراۋانلىق قىلمايدۇ.
  ئەمەلىيەتتە، ئىسلام خەلقنىڭ قارىشى ئېلىشىغا ئېرىشمەيدىغان رەھبەرلەرنى ئەيىپلەيدۇ، ئىشلارنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشقا ۋە خەلق ئۈچۈن ئىشلەشكە بۇيرۇيدۇ، بۇ كىچىكلىكتە مەسچىتنىڭ ئىمامىغا ۋە چوڭلۇقتا ئۈممەتنىڭ ئىمامىغا ھەم ئوخشاشتۇر.

بەشىنچى: ئۈممەت بىرلىكى جەھەتتىكى مەغلۇبىيەتلەر


   خەلىپىلىك ئەمرىدىن مەھرۇم قالغاندىن كىيىن، ئۈممەت ھەر خىل يوللار ئارقىلىق بىرلىشىشكە ئىنتىلىپ كەلدى، بىراق ھەمىشە ئىش كۈتكەندەك بولماي كەلدى، ھەتتا نىشانغا يېقىنلىشىشنىڭ ئۆزىمۇ ناھايىتى مۈشكۈل بولدى. رېئال تۇرمۇشتا مۇسۇلمانلار بەكمۇ ئەمەلىيەتچىل، خىيالىيلىقتىن يىراق بولسىمۇ، ئوخشاش بىر ئېتىقادقا ئەمەل قىلسىمۇ، ئورتاق تارىخىي ۋە جۇغراپىيىلىك ئارقا كۆرۈنۈش، ئورتاق قىممەت قاراش ۋە مەنپەئەت تەلپۈنۈشىگە ئىگە بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئورتاق رەقىبى بولغان كۈچلەر ھەمىشە ۋاستە تاللىماي ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بۆلۈپ ۋە پارچىلاپ، ئۇلارغا ئىزچىل خىرىس قىپ كەلدى.
«قۇرئان كەرىم» «مۇسۇلمانلار بىرلىككە كەلگەن ئۈممەت، ئۇلارنىڭ ئەقىدىسى بىر، (تايىنىدىغان) شەرىئىتى بىر، ئەخلاق ۋە قىممەت قارىشى بىر، قىبلىسى بىر» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. ئەمما مۇستەملىكىچىلەر ئۇلارنى «ئوخشاشمايدىغان نۇرغۇن مىللەت» قىلىپ بۆلۈۋەتتى، ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن «بىرلىككە كەلگەن ئۈممەت»نى يۇتۇۋىتىپ، پارچە-پارچە مىللەت قىپ چىقاردى.
  شۇنداق قىلىپ، بۇ بىرلىككە كەلگەن ئۈممەت ئاڭ فورمىسى (意识形态) پەرقلىق ۋە قىممەت يۆنىلىشى ھەر خىل بولغان باشقا-باشقا مىللەتلەرگە ئايلىنىپ قالدى. سىرتتىن كىرگەن ئوخشىمىغان ئىدىيىلەر بىلەن ئۇلار بارا-بارا بىر-بىرىگە ياتلاشتى.ئاندىن ماكان پەرقى ئۇلارنى ئۆز جايىغىلا خاس مىللەت قىلىپ باغلاپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن رايون خاراكتېرلىك ۋە مىللەت خاراكتېرلىك ھەر خىل مەزھەپ-پىرقىلەر بەس-بەستە ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇلار نەتىجىسىدە، ھەر بىر مىللەت ئۆز مىللىتى ۋە ۋەتىنىگىلا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئۈممەت سۆزىنى ھىچكىم تىلغا ئالمايدىغان بولدى. بۇندىن باشقا، شەخىس، ئائىلە،  گۇرۇھ ئېلمېنىتلىرى ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى (مىللەت) ھوقۇقدارلىرىنى بۆلۈنۈشتە چىڭ تۇرىدىغان، بىرلىككە كېلىشنى ئەسلا خالىمايدىغان قىپ قويدى.
   ئىسلام دىنى بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىققا چاقىرىدىغان، بۆلۈنۈش ۋە ئىختىلاپقا قارىشى تۇرىدىغان دىن بولۇپ، بۇنىڭدىنكى بىرلىك تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
  ئەڭ بۈيۈك پىرىنسىپتىكى بىرلىك: «قۇرئان كەرىم» ۋە سۈننەتنىڭ روھىغا ئەمەل قىلىش.
ئىسلامىي چوڭ ئائىلىنىڭ بىرلىكى: ئىسلام دىنى ھەر قايسى دۆلەتلەردە مۇئەييەن جۇغراپىيىلىك پەرقلەر بولغان ھالدا مەۋجۇت بولسىمۇ، يەنىلا ئوخشاش بىر ئىسلامىي ئائىلە ياكى ئىسلام دىيارى (دار الاسلام) دەپ قارىلىدۇ.
(قىسقارتىلدى)
  ئىسلام مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى بىرلىك مەسىلىسىنى مۇئەييەن بىر ئۇسۇل بىلەن چەكلەپ قويمايدۇ. شۇنداق بولغاندا، زامانىمىزدا بىزنىڭ ئۈلگە قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان نۇرغۇن شەكىللەر بار. بىز بۇنىڭدىن ئىسلام شەرىئىتىگە مۇخالىپ كەلمەيدىغان، ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان «بىرلەشمە تۈزۈمى» (联盟制)، «فېدىراتسىيە تۈزۈمى» (联邦制) قاتارلىق شەكىللەرنى قوبۇل قىلساق بولىدۇ. ئاساسىي خىزمەتلەردىن باشلاپ، تەدرىجىي تەرەققىي قىلدۇرساق بولىدۇ.
  قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھازىرقى باسقۇچتا مۇسۇلمانلارنىڭ (بىرلىك شەكىللىرى) ئاتالمىش «پالانى ئىسلام بىرلەشمىسى» دەرىجىسىدە توختاپ قېلىۋاتىدۇ. ھەممە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە ياكى ھىچبولمىغاندا كۆپ قىسىم مۇسۇلمانلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان، (قارمىقىدا) «ئىسلام تەرەققىيات بانكىسى»، «ئىسلام قانۇن پارلامېنتى»، «ئىسلام پەن-مەدەنىيەت ۋە مائارىپ تەشكىلى» قاتارلىقلارغا ئوخشاش بىر قانچە تارماق ئورگان بولغان «ئىسلام پارلامېنت تەشكىلاتى» (伊斯兰议会组织) كەبى تەشكىلاتلار كۆپىنچە مەبلەغ يېتىشمەسلىك ياكى چىقىمىنى قامدىيالماسلىقتەك مۈشكۈلاتلارغا دۇچ كەلدى. ئەسلىدە،بۇ خىلدىكى تەشكىلاتلارنى قوللاش ۋە بىرلىك ئىشلىرىنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈش (گەرچە كۈچىمىز چاغلىق بولسىمۇ) بىز مۇسۇلمانلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز ئىدى. چۈنكى بىز ساپ نىيەت بىلەن ئىتتىپاقلىشىش ۋە ھەممە بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىشقا ناھايىتىمۇ موھتاج بىر دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز.
   بىز نەچچە ئەسىرلەردىن بىرى ياۋروپا دۆلەتلىرى ئارىسىدا ئۇرۇش ئوتلىرىنىڭ ئۆچمىگەنلىكىنى، ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىدا بولسا مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرى ياشىغان قورال بىلەن جىنىدىن جۇدا بولغانلىقىنى كۆردۇق. ئەمما بۇ ئىشلار ئۇلارنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاداۋەتنى قايرىپ قويۇپ، ئورتاق رېئال مەنپەئەت ئاساسىدا ئورتاق بازار شەكىللەندۈرۈپ، ئورتاق ئورگانلارنى قۇرۇپ يەنە ئۆز-ئارا بىرلىك ھاسىل قىلىشىنى توسۇپ قويمىدى.
بىزگە نىسبەتەن ھەم پۇرسەت پىشىپ يىتىلدى. بىزمۇ ئورتاق ئىسلامىي بازار ۋە ئىسلامىي كېسىم ئاپپاراتلىرىنى بەرپا قىلىپ، ئىسلام دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇشىمىز، ئىختىلاپلارنى كىچىكلىتىپ، بىرلىك مۇساپىسىدىكى توسالغۇلارنى بىرلىشىپ يوقىتىشىمىز ئىنتايىن زۆرۈردۇر.
  ئۈممەتنىڭ بىرلىكى ھەرگىزمۇ ھەر قايسى مىللەت ۋە دۆلەتلەردىكى (ئوخشىمىغان) تىل، ئۆرپ-ئادەت ۋە تارىخىي مەدەنىيەت جۇغلانمىسى قاتارلىق ئۆزگىچىلىكلەرنى يوقىتىۋىتىش دىگەنلىك ئەمەستۇر. ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە «بىز ئۆز-ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق» (سۈرە ھوجۇرات، 13-ئايەت) دەپ كۆرسەتكەن. ئەمما ئىسلام بىزنى بىنادەك بىر-بىرىمىزنى مۇستەھكەم تۇتۇپ تۇرۇشقا، بىر بەدەنگە ئوخشاش ئازاپ ۋە قايغۇدا ئورتاق بولۇشقمۇ بۇيرۇق قىلغاندۇر.
  (رېئاللىقتا بولسا)، بەزى جايلاردىكى مۇسۇلمانلار زوراۋان كۈچلەرنىڭ قاتتىق بېسىشىغا ئۇچراپ، مەسچىت ئىمارەتلىرى ۋەيران بولىدۇ، بىگۇناھ كىشىلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ، مىڭلىغان كىشىلەر مۇساپىرلىقنىڭ ئازابىدا ئىڭىرايدۇ، قىپقالغانلىرى ئېچىنىشلىق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ھەتتا بەزى مىللەتلەر تولۇق قىرىلىپ كەتكىلى تاسلا قالىدۇ. ھالبۇكى، بۇنداق ۋاقىتتا باشقا جايدىكى مۇسۇلمانلار ھىچ ئىش بولمىغاندەك سۈكۈت ئىچىدە ياشاۋىرىدۇ، ياردەم بېرىش ھەققىدە چاقىرىق قىلىدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمايدۇ. بۇ بىز مۇسۇلمانلار ئۈچۈن نومۇس.
پۈتۈن دۇنيا بىرلىشىشكە قاراپ مېڭىۋاتسا، بىز قانداقمۇ بۆلۈنۈپ كېتىمىز؟ پۈتۈن دۇنيا (ئۆز-ئارا) يېقىنلىشىش يۈزلىنىشىدە بولۇۋاتسا، بىز قانداقمۇ بىر-بىرىمىزدىن يىراقلىشىپ كېتىمىز؟
  خىرىستىئانلارغا قارايدىغان بولساق، ئۇلار گەرچە ئارىسىدا شۇنچىلىك چوڭ پەرق بولسىمۇ، ھەر بىر مەزھەب ئايرىم بىر دىن سۈپىتىدە قارالسىمۇ يەنىلا ئۆز-ئارا ئىنتايىن يېقىن ئۆتىدۇ. ھەتتا، خىرىستىئان دىنىدىكىلەر بىلەن يەھۇدىي دىنىدىكىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ ناھايىتى يېقىن، ۋاتىكاندا «يەھۇدىيلار خىرىستىئانلاردىن ئۆچ ئالماسلىق» ئەھدىنامىسى ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن،يەھۇدىيلار بىلەن خىرىستىئانلارنىڭ دۈشمەنلىشىش تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىز كاپىتالىستىك دۆلەتلەر سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭمۇ ئۆز-ئارا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى غەرب كاپىتالىزىم لاگېرى ۋە شەرق سوتسىيالىزىم لاگېرى ئوتتۇرىسىدا تىنىچلىقتا بىللە تۇرۇش پىرىنسىپلىرى ئېلان قىلىنىپ، ئۇلار ئارىسىدا   ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش ھالىتىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنىمۇ بىز كۆرگەن ئىدۇق.
نىمىشقا بىز مۇسۇلمانلارلا بىر-بىرىمىزگە ئارقىمىزنى قىلىپ ياشايمىز؟ نىمىشقا «مۇسۇلمانلار ھەممىسى قېرىنداش، ئاللاھنىڭ ئىمان ئېيتقان ئورتاق گەۋدە» دەپ تۇرۇپ، بىر-بىرىمىزدىن بارغانسىرى يىراقلىشىپ كېتىمىز؟
  پۈتۈن مۇسۇلمانلار تۈگۈل ئەرەبلەر جېنىدا بىرلىككە كېلەلمىدى، يەتتە دۆلەتتىن تەشكىللەنگەن «ئەرەب بىرلەشمىسى» بۈگۈنكى كۈندە نىمە ئۈچۈن يىگىرمە نەچچە دۆلەتكە تەرەققىي قىلدى، ئەمما ھەجىمنىڭ چوڭىيىشى ئۇلاردا ماھىيەتلىك تەسىر پەيدا قىلالمىدى، مىقدارنىڭ كۆپىيىشى سۈپەتنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالمىدى. بولمىسا ئۇلار ئورتاق ئېتىقاد، ئورتاق ماكان، ئورتاق تىل، ئورتاق تەۋەلىك ۋە ئورتاق قىممەت قاراش قاتارلىقلارغا ئىگە ئىدى.
  بىرلىشىشمىزگە دەخلى قىلغۇچى يېڭى كۈچ بولغان ئورتاق رەقىبىمىز ئىسرائىلىيە قارىماققا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىدى، ئەمما ماھىيەتتە ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىدىكى باش جىنايەتچى ئىدى. بەكمۇ ئەپسۇس، مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن نەچچە قېتىملىق تىرىشچانلىقنىڭ ھەممىسى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. مىسىر بىلەن سۈرىيىنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى مۇشۇ جەرياندا ئېلىنغان مۇھىم بىر قەدەم ئىدى، ئۇمۇ ئوڭۇشلۇق بولمىدى؛ «ئەرەب بىرلىكى جۇمھۇرىيىتى»نىڭ قۇرۇلۇشى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئەرەبلەرنى بەكمۇ خۇشال قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدى، بۇ خۇشاللىققا مەنمۇ ئىشتىراك قىلغان ئىدىم، ئەپسۇسكى بۇ ئىمارەتمۇ تىزلا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، ئۈمىد نۇرلىرىمىز قايتىدىن زۇلمەتكە تولغاندەك بولدى، تارىخىمىز مۇشۇ يەردە توختاپ قالغاندەك ھېس قىلدۇق. بۇ قاباھەتلىك رېئاللىقمۇ يەنىلا ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ زالىم ۋە زوراۋانلىقى، پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىشى، ۋە ئىنسان ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن بولدى.چۈنكى سۈرىيە خەلقى ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى مىسىردا قويۇپ ئۆزى ئۆيگە سولىنىپ ياشىيالمايتتى، تۈنۈگۈنكى بىردەملىك قىزغىنلىقتا بىرلىشىش شوئارىنى كۈچەپ توۋلىغان كىشىلەر بۈگۈن بەس-بەستە ئايرىلىپ چىقىش مەيدانىدا سۆزلەيدىغان بوپقالدى.
  شۇنىڭدەك، مىسىر، سۈرىيە ۋە لىۋىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ «ئۈچ دۆلەت بىرلەشمىسى» قۇرۇش تېرىشچانلىقلىرىمۇ بىكارغا كەتتى؛ «مەغرىب رايونىدىكى بەش دۆلەت ئىتتىپاقى» قۇرۇش خىيالىمۇ كۆپۈككە ئايلاندى. ھالبۇكى،بۇ بەش دۆلەت (يەنە مىسىر، لىۋىيە، تۇنىس، ئالجىرىيە ۋە مەراكەش) ئارىسىدا شۇنچە كۆپ تۇغقانچلىق ۋە ئالاقە مۇناسىۋىتى بار ئىدى، ئۆرپ-ئادەت ۋە باشقا جەھەتلەردە شۇنچىلىك يېقىن ئىدى؛ مىسىر، ئىئوردانىيە، يەمەن ۋە لىۋىيە تۆت    دۆلەت ئارىسىدا «ئەرەب ھەمكارلىقى كومېتېتى» قۇرۇش ئارزۇسىمۇ ئەمەلگە ئاشمىدى.
سۈرىيە ۋە ئىراقتا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان، قېرىنداشلارچە مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىككى گۈللىنىش پارتىيىسىمۇ ئورتاق تونۇشقا كېلىپ بىرلىشىش يولىغا ماڭالمىدى، ھالبۇكى ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنى «بىر مىللەت ۋە ئوخشاش بۇرچ ئىگىلىرى» دەپ ئېتىراپ قىلاتتى.
  «پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومېتېتى» بىزنىڭ بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىردىنبىر بىرلەشمە تەشكىلاتىمىز، گەرچە ئۇنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت توسالغۇلىرىنى چىقىرىپ تاشلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قەدىمى ئىنتايىن ئاستا بولسىمۇ.
ئىراق ھۆكۈمىتى قىلتاققا دەسسەپ كۇۋەيتكە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كىيىن، ئەرەب دۇنياسىدىكى بۆلۈنۈش تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى. بۇ غەربنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ كۆپلىگەن مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىدىكى ئەڭ ياخشى پۇرسەت بولدى. ئىراقتىن ئىبارەت ئاتوم بومبىسى ياساش ئىقتىدارىنى ھازىرلاشقا ئازلا قالغان بىر (كۈچلۈك) دۆلەت، شۇندىن كىيىنلا بالايى-ئاپەتلەرنىڭ زەربىسىگە يەتكۈچە ئۇچرىدى. بۇمۇ ئاخىرقى ھىسابتا ئەرەب دۆلەتلىرىنى تېخىمۇ پارچىلاپ، ئۆز-ئارا سۆھبەت ئۇيۇشتۇرالمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى. پۈتكۈل جەرياندا، غەرب ئەرەب زىمىنىدا ئۆزىنىڭ يېڭى قورالىنى سىناق قىلىپ، ئەرەبلەرنىڭ كونا قورالى بىلەن ئالماشتۇردى. شۇنداقلا، ئۇلار ئەرەبلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ پۇلى ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زەربە بېرىپ، ئاندىن يەنە ئەرەبلەرنىڭ پۇلى بىلەن ئەرەبلەرنىڭ زىمىنىدا «قايتا قۇرۇش» ئېلىپ باردى. شۇنداق قىلىپ، بۇ رايونلار تەرەققىياتتا يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ئارقىغا چېكىندى، كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ كۇۋەيتلىكلەرنىڭ قەلبىدە ساقايماس جاراھەتلەر ئورۇن ئالدى.

ئالتىنچى: ئىجتىمائىي ئادالەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتىكى مەغلۇبىيەتلەر


   جەمئىيەتتىكى ھەرقانداق بىر شەخىسنىڭ ئۆز ئەمگىكى ئارقىلىق مۇئەييەن قىممەتتە بايلىق يارىتىپ ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىھتىياجىنى قامداش ھوقۇقى بولىدۇ. ھەزرىتى ئۆمەر (ر.ئە) بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەنىكەن:«ئىنسان ھاجەتسىز بولالمىغىنىدەك، ئەمگەكسىزمۇ يۈرەلمەيدۇ.»
ئىسلام دىنى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى بايلىقلارنى ئادىل تەقسىمات قىلىشنىڭ كۈچلۈك ئاساسىنى ياراتتى. ئۇ خۇسۇسىي ئىگىدارلىق ھوقۇقى(私有权)نىڭ ئەركىنلىكىگە قارىشى تۇرمايلا قالماستىن، بەلكى خۇسۇسىي ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىنىمۇ قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى. ئۇ خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ھەققىدە مۇناسىپ بەلگىلىمە ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، زاكات تۈزۈمى ۋە باشقا خەيرى-ساخاۋەت مەجبۇرىيەتلىرىنى بەلگىلەپ، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنىڭ نورمال ۋە مۇقىم تەرەققىياتىنى قوغدىدى. ئۇ يەنە بايلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئېشىنچە مال-مۈلۈكلىرىدىن (بىر قىسىمىنى) ساخاۋەت قىلىپ بېرىشى كىرەكلىكىنى بەلگىلەپ، كەمبەغەل كىشىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى ۋە بۇ ئارقىلىق بايلارنىڭ ئەيشى-ئىشرەتكە بېرىلىپ كېتىشى، پۇل-ماللىرىنى بۇزۇپ چېچىشى ياكى ئامبارلاپ بايلىقلارنى ساقلىۋىلىپ جازانىخورلۇق قىلىشى قاتارلىقلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالدى. ئىسلامنىڭ مۇشۇ خىل تۈزۈملىرى ۋە تەشەببۇسلىرى تۈرتكىسىدە، كەمبەغەللەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى كاپالەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇلار باشقىلار بەھىرلىنەلمەيدىغان دۆلەت مەخسۇس (ياردەم) مەبلىغى بىلەن تەمىنلەندى. ئاللاھ بۇنىڭ ھېكمىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«ماللارنىڭ ئىچىڭلاردىكى بايلارنىڭ ئارىسىدا قولدىن قولغا ئۆتۈپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن، ......» (سۈرە ھەشىر، 7-ئايەت)
   ھالبۇكى، بىز (بۈگۈنكى) ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى بايلىق تەقسىماتلىرىنىڭ ئىسلامنىڭ ئەسلىدىكى ئادىللىق پىرىنسىپلىرىدىن كۆپ يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرىمىز.بەزىلەر ئېغىر كۈن بويى ئېغىر ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، لىكىن ھىچنىمىسى يوق؛ ئەكسىچە، بەزىلەر قولىدا ھوقۇقى ۋە كۈچى بار، لىكىن بىكار يۈرۈشنىلا بىلىدۇ. بەزىلەر يەپ-ئىچىپ ئىسراپ قىلىش بىلەن ئاۋارە، بەزىلەر بۈگۈنىگە تاپسا ئەتىسىنىڭ غېمىنى قىلىپ ياشايدۇ. بەزىلەر سىمىزلىكىدىن ئاغرىنسا، بەزىلەر ئاچلىقتىن ھالسىزلىنىدۇ. بەزىلەر تۇيۇقسىزلا بىيىپ كېتىپ، قاتار-قاتار داچىلارنى سېلىپ، نەچچە يىلدا بىرەر قېتىم بېرىپ كۆرۈپ كەلگۈدەكمۇ بولالمايدۇ؛ بەزىلەر بولسا (نامراتلىقىدىن) ئۆيدىكى چوڭ-كىچىك ھەممىسى بىر كەپىنى ھەم ياتاق، ھەم ئاشخانا، ھەم مىھمانخانا قىلىپ بىللە كۈن كەچۈرىدۇ. بايلىقلار جەمئىيەتتىكى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قولىغا جۇغلىشىپ قالىدۇ؛ كۆپ قىسىم كىشىلەر بولسا يوقسۇللۇق تەھلىكىسىدە ياشايدۇ. بەزى ھوقۇقدار جەمەتلەر ياكى پادىشاھنىڭ تۇغقانلىرى دۆلەتنىڭ بايلىقىنى ئۆز تەسەررۇپىغا كىرگۈزىۋالىدۇ، ھىچكىم ئۇلارغا قاش كۆتۈرەلمەيدۇ؛ ئادەتتىكى پۇقرالار بولسا بىر ئۆمۈر جاپا-مۇشەقەتتە ئىشلەپ، ئاخىرىدا ئېرىشكىنى ئۆزىنىڭ تەرى ۋە كۆز يېشى بولىدۇ.
بىز ھەممىلا يەردە ئامەتلىك ئائىلىلەردە چوڭ بولغان تەلەيلىك كىشىلەرنى ئۇچرىتالايمىز. ئۇلار ئۆزلىرى ئىگە بولغان مىلىيونلىغان پۇللار ئارقىلىق باشقىلار كىرەلمەيدىغان ئىشىكتىن كىرىپ، باشقىلار ئىگە بولالمايدىغان پۇرسەتلەرگە ئىگە بولالايدۇ. ئۇلار بايلىقى كۆپىيىپ، ئورنى تېخىمۇ كۈچەيگەن چاغدا، جەمئىيەتنىڭ مونوپول ۋە ئىمتىيازلىق قاتلىمى (特权阶层)غا ئايلىنىدۇ دە، كۆپلىگەن بايلىقلارنى ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋىلىپ ئۆز پاراغىتىنى سۈرۈپ ياشايدۇ. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بولسا ئۇلارغا ھەسەت نەزىرى بىلەن كۆز ئالايتىپ ۋە قاقشاپ ئۆتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز پۇللىرىنى دۆلەت ئىچىدە ساقلاشتىن خاتىرجەم بولالماي، ئۆزلىرى بىخەتەر ۋە ئىشەنچلىك دەپ بىلىدىغان چەتئەلنىڭ باشقا بانكىلىرىدا قويىدۇ.
   بايلىقنىڭ بۇ خىل ئادىلسىز تەقسىماتى ئاخىرىدا بىر مىللەتنى ئۆز-ئارا كۆرەش قىلغۇچى ئىككى سىنىپقا بۆلۈنۈپ، بىر-بىرى بىلەن دۈشمەنلىشىپ، ۋەتەننى سۆيۈش تۇيغۇسىنىڭ ئاجىزلىشىشى ھەتتا يوقىلىشىغا ئېلىپ بارىدۇ. چۈنكى كەمبەغەللەر سىنىپى كۆڭلىدە چوقۇم «ۋەتەن بىزنىڭ ئەمەس، پەقەت ئەشۇ بايلارنىڭ ۋەتىنى. راھەتنى پەقەت ئۇلار سۈرۈپ، جاپاغا بىزلا قالىمىزمۇ؟ ياخشىسىدىن ئۇلار پايدىلىنىپ، ناچىرى بىزگىلا قالامدۇ؟» دەپ ئويلايدۇ. خۇددى قەدىمقى شائىرلاردىن بىرى ئېيتقاندەك:
بولسا ئۇرۇش، ياغسا بالا، چاڭ-توزاندا پۇقرا قالۇر.
داستخانغا كەلسە نىئمەت، باي-تۆرىلەر ئاۋۋال ئالۇر.
   
  
   بەزى ئەرەب دۆلەتلىرى دەسلەپ ئىنقىلاب قىلغان چاغدا، پادىشاھ جەمەتلىرى ۋە پاشا تەبىقىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىراس خانلىق تۈزۈمى (世袭王权制)مۇ بىللە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، يېڭى ۋە ئادىل جەمئىيەت تەرتىپى بەرپا قىلىنىپ، جەمئىيەتتىكى ئاجىز توپ (弱势群体)نىڭ مەنپەئەتلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ۋە دىھقانلار يېڭىدىن يەر تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لىكىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا يېڭى بىر پارازىت تەبىقە پەيدا بولۇپ، جەمئىيەتنى يەنە بۇرۇنقى ئاقسۆڭەكلەرچە كونا ھالىتىگە ئاپىرىپ قويدى. كونا پاشالارنىڭ ئېزىغا دەسسىگەن، ئېلىشنىلا بىلىپ بېرىشنى بىلمەيدىغان بۇ يېڭى پاشالار يەنە پۇقرانىڭ بوينىغا مىنىپ، بەزخور مۈشۈكتەك ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي مەنپەئەت ۋە ھوقۇق تەمەلىرىنى قاندۇرۇش كويىدا يۈردى.  

يەتتىنچى: ئاياللار مەسىلىسىدىكى مەغلۇبىيەتلەر


  ئاياللار مەسىلىسىدىكى مەغلۇبىيتىمىز بىزنىڭ ئېغىر خاتالىقلىرىمىزدىندۇر. بۇ زىيادە ئەركىنلىك ۋە زىيادە قاتتىقلىقتىن ئىبارەت ئىككى رادىكاللىقتا ياكى ھاماقەتلىكتە كونكېرىت ئىپادىلىنىدۇ. خۇددى پىروفېسسور ئابدۇلھەمىد ئەبۇ ساقى ئېيتقاندەك:«ئون تۆتىنچى ئەسىردىكى جاھالەت ئىسلام تارىخىنىڭ چېكىنىش دەۋرىدە ئاياللارغا شەپقەتسىز مۇئامىلە قىلىش ۋە قاتتىق چەكلىمە قويۇشتا ئىپادىلەنسە، يىگىرمىنچى ئەسىردىكى جاھالەت غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئاياللار ئازاتلىق شوئارلىرى ۋە ئىپپەت-ھايا تۇيغۇسىنىڭ يوقىلىشىدا ئىپادىلەندى.»
  بىز ھەيرانلىق ئىچىدە بەزى جايلاردا تويلاشماقچى بولغان قىز (ياكى يىگىت)نىڭ قارىشى تەرەپنى كۆرۈشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بايقىدۇق، گەرچە ھەدىس شەرىف قىز (ياكى يىگىت)نىڭ قارىشى تەرەپ بىلەن كۆرۈشسە ۋە ئايرىم پاراڭلاشسا بولىدىغانلىقىنى ئېنىق قىلىپ بەلگىلىگەن بولسىمۇ. پارىس قولتۇقىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە يىگىتنىڭ ئۆز جۆرىسى بىلەن كۆرۈشۈشى تاكى توي كېچىسىگە قەدەر چەكلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، توي قىلىش ئالدىدا تۇرغان بىر قىز مەكتەپلەرگە بارالايدۇ، يۇقىرى مەكتەپلەردە ئوقۇيالايدۇ، بازارلارنى ئايلىنالايدۇ، ۋە ساياھەت قىلىپ قاھىرە، لوندون ياكى پارىژلارغا بارالايدۇ (يەنى بۇ جەرياندا باشقا ئەرلەرنى كۆرسە بولىدۇ)، ئەمما ئۆزىنىڭ بولغۇسى يولدىشى بىلەن كۆرۈشۈشىگە بولمايدۇ، (بۇ نىمىدىگەن بىمەنىلىك!؟)
بۇلارنىڭ قارىشى قۇتۇبىدا يەنە شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۇلار تېخى نىكاھ مۇناسىۋىتى ئورنىتىلمىغان قىز-يىگىتلەرنى پۈتۈنلەي ئۆز مەيلىگە قويۇۋىتىدۇ، ئۇلار خالىغان يەرلەرگە بارىدۇ، كىنو-تىياتېرخانىلاردا كۆڭۈل ئاچىدۇ، ھەرخىل كۇلۇب ۋە تاماشا سورۇنلىرىدا «تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈرىدۇ.»
شۇنداق قىلىپ، مۇسۇلمان ئاياللار رەھىمسىزلەرچە قاتتىقلىق ۋە زىيادە قويۇۋىتىشتىن ئىبارەت ئىككى رادىكاللىق ئارىسىدا نابۇت قىلىندى، ھالبۇكى بۇ   ئىككىلا يول مۆتىدىل ئىسلام شەرىئىتى بىلەن قارىمۇ-قارىشى ئىدى.
   بىز بەزى جايلاردا ئاياللارغا كۆپ چەكلىمە قويۇپ، (تاسادىپىي ئەھۋال بولمىسا) ئۇلارنى ماشىنا ھەيدەشتىن ۋە سىرتلاردا خىزمەت قىلىشتىن توشقان ئەھۋاللارنى كۆرىمىز. (ئۇ جايلاردا) ئاياللار دۆلەتنىڭ مەمۇرىيەت ۋە جەمئىيەت باشقۇرۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىشتىن مەھرۇم قالىدۇ، سايلاملاردا ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلىتالمايدۇ، خەلق پارلامېنتى ياكى دۆلەت مەجلىسى خادىملىرىنى سايلاشقىمۇ قاتنىشالمايدۇ. تېخىمۇ ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى، مۇشۇ چەكلىمىلەرنىڭ ھەممىسى ئىسلام شەرىئىتى نامىدا يۈرگۈزۈلىدۇ.
  ئەمەلىيەتتە، ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە «مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللار بىر-بىرى بىلەن دوستتۇر. ئۇلار (كىشلەرنى) ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، نامازنى (تولۇق) ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ. ئەنە شۇلارغا ئاللاھ رەھىم قىلىدۇ» (سۈرە تەۋبە، 71-ئايەت) دەپ كۆرسەتكەن. بۇنىڭدىكى «ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش» بۇيرۇقى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي بۇرچنىڭ يادروسى بولۇپ، بىر مۇسۇلمان دۆلەتنىڭ تىنىچ ۋە مۇقىم مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ تۈپ كاپالىتىدۇر.«مۇناپىق ئەرلەر بىلەن مۇناپىق ئاياللار بىر- بىرىگە ئوخشايدۇ، ئۇلار يامانلىققا بۇيرۇيدۇ، ياخشىلىقتىن توسىدۇ، ئۇلار قوللىرىنى يۇمۇۋالىدۇ (يەنى بېخىللىق قىلىپ سەدىقە بەرمەيدۇ). ئۇلار ئاللاھنى ئۇنتۇدى، ئاللاھمۇ ئۇلارنى ئۇنتۇدى، شۈبھسىزكى مۇناپىقلار پاسىقلاردۇر.» (سۈرە تەۋبە 67-ئايەت) مۇناپىق ئاياللار مۇناپىق ئەرلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرىۋىلىپ، قىممەت قاراش ۋە ياخشىلىق-يامانلىق چۈشەنچىلىرىدە كىشىلەرنى ئازدۇرۇپ، (مۇناپىقلىق قىلمىشلىرى بىلەن ئۆزىگىلا ئەمەس) جەمئىيەتكىمۇ ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. ئەكسىچە، مۇئمىن ئاياللار مۇئمىن ئەرلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ (جەمئىيەتتە) ئادالەتنى بەرپا قىلىش، گۇناھ مەئسىيەتلەرنى توسۇش ۋە ياخشىلىققا بۇيرۇش مەسئۇلىتىنى بىللە ئۈستىگە ئالىدۇ.
  «قۇرئان كەرىم»دە ئاللاھ ئېنىق قىلىپ «پەرۋەردىگارى ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى:‹مەن سىلەردىن ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھەرقانداق بىر ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ ئەمىلىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن. سىلەر بىر-بىرىڭلاردىن تۆرەلگەن» (سۈرە ئال-ئىمران، 195-ئايەت) دەپ كۆرسەتكەن. بۇنىڭدىكى «سىلەر بىر-بىرىڭلاردىن تۆرەلگەن» دىگەن جۈملە ئەرلەر ئاياللاردىن، ئاياللارمۇ ئەرلەردىن ئايرىلالمايدۇ دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئەرلەر بولسا ئاياللار تېخىمۇ مۇكەممەل، ئاياللار بولسا ئەرلەر تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. بۇ ئاخىرقى ھىسابتا ئىنسانىيەتنىڭ مۇستەھكەم ئائىلە مۇناسىۋىتىنى كۈچلۈك ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
   يۇقىرىدىكى «سىلەر بىر-بىرىڭلاردىن تۆرەلگەن» دىگەن ئايەتتىن كىيىنلا «ھىجرەت قىلغانلار، يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغانلار، مىنىڭ يولۇمدا ئەزىيەت تارتقانلار، ئۇرۇشقا قاتناشقانلار ۋە مىنىڭ يولۇمدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئەلۋەتتە يوققا چىقىرىمەن، ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن» (سۈرە ئال-ئىمران، 195-ئايەت) دەپ كۆرسىتىلگەن.
بۇ ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان تارىخىي ھەقىقەت. بىز بەزى ساھابە ئاياللارنىڭ ئاللاھ يولىدا ھەبەشىستان ۋە مەدىنىگە ھىجرەت قىلغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ بۇ يولدا ئېغىر قىيىن-قىستاقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلىمىز. ئىسلام دىنىدىكى تۇنجى شېھىدمۇ ئايال (يەنى سۇمەييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا) بولۇپ، ئۇ يولدىشى بىلەن بىللە مۇشرىكلارنىڭ قىينىشىغا ئۇچراپ، ئېغىر ئازابلار زەربىسىدە جان ئۈزگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئاللاھ يولىدا جەڭگاھتا شېھىد بولغان ئايال   قەھرىمانلاردىن ئۇممۇ ئامىر نەسىبە بىنتى كەئبى قاتارلىقلارنىمۇ ساناپ بىرەلەيمىز.
   ۋەھالەنكى، بىز بۈگۈنكى كۈندە بەزىلەرنىڭ «نامەھرەم» دىگەننى باھانە قىلىپ، ئاياللارنى مەسچىتكە بېرىپ ناماز ئوقۇش، خۇتبىلەرنى ئاڭلاش ۋە (دىنىي) بىلىملەرنى ئۆگىنىشتىن توسۇۋاتقانلىقىنى بايقىدۇق. بۇ «ئاللاھنىڭ ئايال بەندىلىرىنى ئاللاھنىڭ مەسچىتلىرىگە كىرىشتىن توسماڭلار» دىگەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ دەۋرىدە ئايال ساھابىلەرنىڭ (يول تۈز ئەمەس، چىراغ يورۇقىمۇ بولمىغان شارائىتلاردىمۇ) مەسچىتكە چىقىپ جامائەت نامىزىغا قاتىنىشىشى، ھەتتا بامدات ۋە خۇپتەن نامازلىرىنىمۇ مەسچىتتە ئوقۇشىدەك تارىخىي پاكىتقا خىلاپ.
مەن ئىلگىرى ھىندىستان، پاكىستان ۋە باشقا جايلارغا بېرىپ نۇتۇق سۆزلىگەن چېغىمدا ھىچقاچان بىرەر ئايالنىڭ كېلىپ مىنىڭ سۆزۈمنى تىڭشىغانلىقىنى كۆرمىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن ھەيران بولۇپ يەرلىك كىشىلەردىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىسام، ئۇلار «بىزنىڭ مەزھىبىمىز بۇنىڭغا يول قويمايدۇ» دىيىشتى. مەن ئېيتتىمكى:« ئاياللار مەكتەپ-ئۇنىۋېرستېتلارغا بارالايدۇ، شەھەر-بازارلارنى ئايلىنالايدۇ، خىزمەت ۋە ھاياھەتكە بارالايدۇ يۇ، نىمىشقا مەسچىتكىلا بارسا بولمايدۇ؟»
   ئايال خىرىستىئانلار چېركاۋغا بارالايدۇ، ئايال يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ ئىبادەتخانىلىرىغا بارالايدۇ، راھىبەلەرمۇ بۇتخانىلارغا بارالايدۇ، ئەمما مۇسۇلمان ئايال نىمە ئۈچۈن ئۆز رەببىنىڭ ئۆيىگە ـــــــ مەسچىتكە بارالمايدۇ؟
(مىنىڭچە) ئۇلار تايانغان ئەشۇ مەزھەب ئىماملىرى بۈگۈنكىدەك مۇرەككەپ جەمئىيەت ئەھۋالىنى كۆرگەن بولسا، چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ پەتىۋالىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئاياللارنىڭ مەسچىتكە بېرىپ بىلىم ئېلىشىغا، ئەقىدىسىنى كۈچەيتىشىگە، فىقھى ئەھكاملارنى ئۆگىنىشىگە ۋە باشقا مۇسۇلمان ھەمشىرىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا يول قويغان بولاتتى.
  بەزى مۇسۇلمانلار ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ياكى ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا قارىشىنى قاتتىق چەكلەيدۇ. ئۇلار (بۇ ئىشىدا) پۈتۈن ئالىملار ئاجىز ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن تۆۋەندىكى ھەدىسنى دەلىل قىلىشىدۇ. «(ئابدۇللاھ ئىبنى) ئۇممۇ مەكتۇم پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، پەيغەمبىرىمىز ئۆزىنىڭ ئاياللىرىغا ‹ئۆزۈڭلارنى يۆگىۋىلىڭلار!› دېدى. ئاياللىرى ‹ئۇ دىگەن ئەما، بىزنى كۆرمەيدىغان ھەم تونۇمايدىغان تۇرسا؟› دېگىنىدە، پەيغەمبىرىمىز ‹ئۇ سىلەرنى كۆرمىگەن بىلەن سىلەر ئۇنى كۆرىسىلەر ئەمەسمۇ؟› دېدى.» (ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.)
ئۇلار يەنە مۇنۇ ھەدىسنىمۇ دەلىل قىلىشىدۇ،ھالبۇكى بۇ ھەدىس ئالىملارنىڭ نەزىرىدە تېخىمۇ ئاجىزدۇر. «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى قىزى فاتىمە (ر.ئە)دىن سورىدى:‹ئاياللار قىلىشى ئەڭ زۆرۈر ئىش قايسى؟› فاتىمە (ر.ئە) ئېيتتى:‹ھىچقانداق يات ئەرگە قارىماسلىق ۋە ئۆزىنى كۆرسەتمەسلىك› دېدى. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىزىنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ قويۇپ ‹يەنە پەرزەنىتلەرنى ئوبدان تەربىيلەش ۋە (بۇنى) ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش› دېدى.»
بۇ ئىككى ھەدىس «سەھىھەيىن» (ئىككى سەھىھ كىتاب)دىكى ئەر-ئاياللارنىڭ مەسچىتتە ئۆز-ئارا كۆرۈشۈشى، ناماز ئوقۇشى، دىنىي تەلىم ئېلىشى، شۇنداقلا ھېيت-بايرام، توي ۋە جەڭ قاتارلىق باشقا سورۇنلارغا (بېرىشى) ھەققىدىكى ھەدىسلەرگە زىتتۇر.
   ئىشەنچلىك ھەدىستە كەلتۈرۈلۈشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايالى ئائىشەنىڭ ھەبەشلىكلەرنىڭ مەسچىتتە ئۆتكۈزگەن ئېلىشىش ئويۇنىنى كۆرۈشىگە يول قويغان، تاكى ئۇ كۆرۈپ تۈگىتىپ «مەن ئەمدى پۇخادىن چىقتىم!» دىگەن.
يەنە بىر ئىشەنلىك ھەدىستە مۇنداق كەلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام فاتىمە بىتى قەيىس (ر.ئە)نى ئىددەت مەزگىلىنى ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇمنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈشكە بۇيرۇپ «ئۇ ئەما، سىزنى كۆرەلمەيدۇ، لىكىن سىز ئۇنىڭ يېنىدا يەنىلا كىيىملىرىڭىزنى تۈزەڭ» دىگەن.
ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، نۇرغۇن مۇسۇلمانلار مۇشۇنداق ئىشەنچلىك ھەدىسلەرگە دىققەت قىلماي، «سىلەر ئاياللارغا خەت يېزىشنى ئۆگەتمەڭلار»، «سىلەر ئۇلار بىلەن كېڭىشىڭلار لىكىن سۆزىنى ئالماڭلار» دىگەندەك زەئىپ ياكى يالغان ھەدىسلەرگە تەپتارتماي جاھىللىق بىلەن ئېسىلىۋالىدۇ.
ئاياللارغا تەلەپنى (زىيادە) قاتتىق قويىدىغان بەزى كىشىلەر «ئاياللارنىڭ يۈزى ۋە قوللىرىمۇ ئەۋرەت، چوقۇم يېپىشى كىرەك» دىگەن پىكىرنى تەشەببۇس قىلىپلا قالماي، يەنە «ئاياللارنىڭ ئاۋازىمۇ ئەۋرەت، شۇڭا ئۇلارنىڭ يات ئەرلەر بىلەن سۆزلىشىشىگە بولمايدۇ، يات ئەرلەرنىڭ ئۇلارغا گەپ قىلىشىغىمۇ بولمايدۇ» دىيىشىدۇ.
   بۇ گەپلەرنىڭ قۇرئان ۋە ھەدىستىن ھىچقانداق ئاساسى يوقتۇر. بىز «قۇرئان كەرىم»دە ئۆتمۈشتىكى ئۈممەتلەر ۋە پەيغەمبەرلەرنى تىلغا ئېلىپ، ئەرلەر ۋە ئاياللار بىر-بىرى بىلەن كۆرۈشسە تامامەن بولىدىغانلىقى، بۇنىڭ يوللۇق ۋە توغرا ئىكەنلىكى ھەققىدە چۈشەندۈرگەنلىكىنى، باشقا داڭلىق قانۇنلاردىمۇ مۇشۇنداق بەلگىلەنگەنلىكىنى بىلىمىز. مەسىلەن، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مەديەندە ئىككى قىزدىن سوئال سورىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ جاۋاب بەرگەنلىكى، شۇنداقلا ئارىدىن بىر قىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم سۆزلەشكەنلىكى قاتارلىقلار «قۇرئان كەرىم» سۈرە قەسەستە بايان قىلىنغان.
زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ۋە بۈۋى مەريەم ئوتتۇرىسىدىكى دېئالوگمۇ (بۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرىدىغان بولۇپ)، ئەينى ۋاقىتتا زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام تېخى ئۇنىڭ چوڭ ھاممىسىنىڭ ئېرى بولۇپ، ئۇنىڭغا يات ھىسابلىناتتى. (سۈرە ئال-ئىمراندا بايان قىلىنغاندەك)
  بۇندىن باشقا سەبەئى دۆلىتى ئايال پادىشاھىنىڭ ئۆز ئەمىرلىرىنىڭ پىكىرىنى ئالغان، ئۇلارنىڭ جاۋاب بەرگەن شۇنداقلا سۇلەيمان ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەن جەريانلىرىمۇ بار. (سۈرە نەمل)
   بۇ مەسىلىدە (يەنى ئەر-ئاياللارنىڭ ئۆز-ئارا كۆرۈشۈش مەسىلىسىدە) چەكلىنىدىغىنى پەقەت ئاياللارنىڭ نازلىق ئاھاڭدا سۆز قىلىپ ئەرلەرنى (مەقسەتلىك) قېزىقتۇرۇشىدۇر، بولۇپمۇ كۆڭلىدە بۇزۇق نىيىتى بار ياكى شەھۋەت تۇيغۇسىدا خۇدىنى يوقاتقان ئەرلەر ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە پەيغەمبەر ئاياللىرىغا بۇ ھەقتە بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ:«ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! سىلەر باشقا ئاياللارنىڭ ھېچبىرىگە ئوخشىمايسىلەر. سىلەر (يات ئەرلەرگە سۆز قىلغاندا) نازاكەت بىلەن سۆز قىلماڭلار. (بۇنداق قىلساڭلار) دىلىدا نىفاق بار ئادەم (سىلەرگە قارىتا) تەمەدە بولۇپ قالىدۇ، (گۇماندىن خالى) ياخشى سۆزنى سۆزلەڭلار.» (سۈرە ئەھزاب، 32-ئايەت)
   گەرچە پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىغا قويۇلىدىغان تەلەپ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان دەرىجىدە قاتتىق بولسىمۇ، «قۇرئان كەرىم» ئۇلارنى ياخشى سۆزلەرنى قىلىشتىن توسمىدى، پەقەت كۆڭلىدە نىفاق بار كىشىلەرنى يامان خىيالغا باشلاپ قويماسلىق ئۈچۈن نازاكەت بىلەن سۆز قىلىشتىن توستى.
مۇئمىنلەرنىڭ ئانىلىرى ھىسابلانغان پەيغەمبەر ئاياللىرى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ ساھابە ۋە تابىئىنلار بىلەن سۆزلىشىۋىرەتتى، ئۇلارغا ھەدىس ئۆگىتەتتى، ئۇلارنىڭ سورىغان باشقا سوئاللىرىغا جاۋاب بېرەتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىنى ھىچكىم ئەيىپلىمەيتتى.(بۇ «ئاياللارنىڭ ئاۋازى ئەۋرەت» دىگۈچىلەرگە قارىتا ئېيتىلغان ــــــــ ت)
  بۈگۈن بەزى جايلاردا مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ ئايالى، ئانىسى ياكى ھەدە-سىڭىللىرىنىڭ ئىسىمىنى تىلغا ئېلىشتىن نۇمۇس قىلىدىغان ۋە بۇنى توغرا ئەمەس دەپ قارايدىغان، ئاياللىرى تىلغا ئېلىنسا پەقەت «ئېرىنى كۈتۈش، بالا بېقىش، ۋە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش»قىلا باغلاپ قويىدىغان (يەنى شۇنداق قارايدىغان) غەلىتە ئەھۋاللار ئۇچرايدۇ. ئۇلار بۇ ھەقتە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۆز ئاياللىرىنىڭ ئىسىمىنى تىلغا ئېلىشتىن (ۋە ئۇلارنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىشتىن) قىلچە خىجالەت ھېس قىلمايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتتە ئېتىكاپتا ئولتۇراتتى، ئىككى ساھابە ئۇنىڭ يېنىدىن تىزلا يۈگۈرۈپ ئۆتۈپ كەتتى. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا «ئاستىراق مېڭىڭلار! سەفىييەنى ئويغىتىۋەتمەڭلار!» دېدى.
ئاياللارغا زىيادە قاتتىقلىق قىلىش ۋە ئېغىر تەلەپ قويۇشنىڭ شەكىللىرى خىلمۇخىل بولۇپ، بىز بۇ ھەقتە مۇشۇنچىلىك توختىلىمىز.
  بۇنىڭ قارىشىسىدىكى يەنە بىر رادىكاللىق «ئىختىيارىغا بېرىش» ۋە لېبىرالىزىم (ئىدىيىسى) تەرەپدارلىرىنىڭ «پۈتۈنلەي قويۇۋىتىش» قىلمىشلىرى بولۇپ، ئۇلار ھەممە تەرەپلەردە پۈتۈنلەي غەربنى دوراشنى ۋە غەربلىكلەرنىڭ ئىدىيىسىگە مۇستەھكەم ئەگىشىپ (شۇلارنىڭ كەينىدىن)  مېڭىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. خۇددى پەيغەمبىرىمىز ھەدىستە ئېيتقاندەك «ئۇلار كىلەنىڭ ئۇۋىسىغا كىرسىمۇ، كەينىدىن بىللە كىرىدۇ.» (مۇسلىم، 2669-ھەدىس)
ئەرەبلەر «كىلەنىڭ ئۇۋىسى» دىگەن سۆزنى بەكمۇ تار، ئەگرى-توقاي ۋە سېسىق-پۇراق قاپلاپ كەتكەن (ئۆڭكۈردەك) مۇھىتنى تەسۋىرلىگەندە ئىشلىتىدۇ. غەربلىكلەر «كىلەنىڭ ئۇۋىسى»غا كىرسە، بىزنىڭ ئارىمىزدىنمۇ شۇلارغا ئەگىشىپ بىللە كىرىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر چىقىدۇ. چۈنكى بىزنىڭ كۆپ قىسىم ئادەملىرىمىز ئاللىبۇرۇن ئۆزىنىڭ تۈپ مىللىي خاراكتېرىنى يوقاتتى، ئۇلار قارىغۇلارچە ئەگىشىپ مېڭىشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ.
  بىز بۈگۈن مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ (بارغانسىرى) غەرب ئاياللىرىنى دوراپ، ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئاتا قىلغان تەبىئىيىتى(本性)گە قارىشى ھالدا، ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى تەبىئىي فىزىئولوگىيىلىك پەرقلەرنى ئېتىراپ قىلمايۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز.ئەسلىدە، بۇلار (مەقسەتسىز) مۇنداقلا يارىتىلىپ قالغان بولماستىن، بەلكى ئاللاھنىڭ (ئۆزى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان) ھېكمەتلىرى مۇجەسسەم ئىدى. ئەمما، ئاياللىرىمىز بارا-بارا ئىبلىسنىڭ قېزىقتۇرۇشىغا ئەگىشىپ كەتتى، ئاللاھنىڭ ئەسلى ياراتمىشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدىغان ئەھۋاللارمۇ تەدرىجىي كۆپەيدى، ئەرلەر ئايالچە، ئاياللار ئەرەنچە ياسىنىپ كوچىغا چىقىشتى. ھالبۇكى، پەيغەمبىرىمىز بۇنداق كىشىلەرگە لەنەت قىلغان ئىدى.
   پەيغەمبىرىمىز ھەدىستە (بۇ خىل ئەھۋالنى) ئەيىپلەپ مۇنداق دەيدۇ:«بەدەنلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان كىيىم ياكى ئالا-بۇلىماچ كىيىم كىيىۋالغان ۋە باشلىرىنى خۇراسان تۆگىسىنىڭ لوكىسىدەك ئىرغىتىدىغان ئاياللار جەننەتكە كىرەلمەيدۇ ۋە جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ. ھالبۇكى جەننەتنىڭ خۇش پۇراقلىرى تۈمەن چاقىرىم يىراقلىقتىمۇ پۇراپ تۇرىدۇ.» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
  ئاياللارغا زىيادە قاتتىق تەلەپ قويىدىغانلار ئۇلارنىڭ كۆزىدىن باشقا ھەرقانداق يېرىنىڭ ئوچۇق قىلىشىنى قاتتىق چەكلىگەن، ھەتتا بەزىلەر كۆزنىڭ ئوچۇق قىلىشىنىمۇ ھارامغا چىقارغان ۋە ئۇلارنى ھىچنىمىنى كۆرەلمەيدىغان قىلىپ قارا ئابايىغا ئوراپ قويغان بولسا، غەرب مەدەنىيىتىگە چوقۇنىدىغان جەمئىيەتتە ئاياللارنىڭ نىپىزلىكىدىن بەدىنى بىلىنىپ تۇرىدىغان دەرىجىدىكى كىيىملەرنى «مودا» دەپ كىيىۋاتقانلىقىنى، يۈزى ۋە قوللىرىلا ئەمەس، بەزىلەرنىڭ بىلەكلىرى، كۆكسىلىرى، ھەتتا پاقالچاقلىرىغىچە ئوچۇق كىيىملەرنى كىيىۋالغانلىقىنى بايقايمىز. بۇ خىل جەمئىيەتتە ئاياللار كىيىمنى ئەۋرەتنى يېپىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن كىيىدۇ. ئۇلارنىڭ تەلپۈنۈشىمۇ غەربنىڭ زامانىۋىي كىيىم-كېچەك قاراشلىرى بولغانلىقتىن، كىيگەن كىيىملىرىدە (مەقسەت) بەدەننى يېپىپ تۇرۇش بولماستىن، بەلكى ئەرلەرنى قىزىقتۇرۇش ۋە غىدىقلاش ئۈچۈن بولىدۇ. بۇ ئىسلام دىنى كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرغان ئاپەت بولۇپ، مەنبەسى دەل غەربنىڭ ئاياللىرى ۋە بىزنىڭ ئاياللىرىمىز ئارىسىدىكى دورامچىلار ئىنتىلىۋاتقان ئەشۇ غىدىقلاش ۋە قېزىقتۇرۇشتۇر.
بۈگۈنكى كۈندە، بىز ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەردىكى ئاياللارنىڭ ئاشكارا ھالدا ئىسلام شەرىئىتىنى (قوبۇل قىلىشنى) رەت قىلىدىغانلىقىنى، يەنە بەزىلەرنىڭ يوشۇرۇن ھالدا ئىسلام شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ ئەسلى مەقسىتىنى بۇرمىلاپ، ئۇنى غەربنىڭ قىممەت قاراش ۋە ئەنئەنىلىرىگە ماس كېلىدىغان قىلىپ «تەڭشەش»كە ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز.
ئۇلارنىڭ بەزىسى تالاقنى رەت قىلىدۇ؛ بەزىسى كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا ئائىت بەلگىلىمىلەرنى رەت قىلىدۇ؛ بەزىسى دۆلەتتىكى ئەرلەرنىڭ يېتەكچىلىك ئورنى (主导地位) ۋە ھوقۇقلىرىنى رەت قىلىدۇ؛ بەزىسى ئەر كىشىنىڭ ئايالغا مەھرى ھەققى بېرىش تۈزۈمىگە رەت قىلىدۇ؛ يەنە بەزىسى بولسا «قۇرئان كەرىم»دىكى مىراس تەقسىماتلىرىنى رەت قىلىدۇ، بۇ خىل كىشىلەر پۈتۈنلەي غەرب ئەلمانىزىم ئىدىيىسىنىڭ ئەسىرلىرىگە ئايلىنىپ كەتتى. بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدە (ئەلھەمدۇلىللاھ!) ئۇلار يەنىلا ئاز سانلىق ۋە ئانچە مۇھىم ئەمەس بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تەسىرى ۋە ئاۋازىنى چوڭايتىۋىتىش يەنىلا سەلبىي نەتىجە پەيدا قىلىدۇ.
ناۋادا بۇ ئاياللار ئۆز تونۇشىنى تۈزەپ ۋە ئەقىدىسىنى رۇسلاپ، ئىسلامنىڭ مۆتىدىل ھۆكۈملىرىدە چىڭ تۇرۇپ، رەڭگارەڭ ئازدۇرغۇچى چۈشەنچىلەرنى تاشلىغان بولسا ئىدى، بىز ئۇلارنى چىن سەمىمىيىتىمىز بىلەن قارىشى ئالغان ۋە توغرا يولنى تېپىۋىلىشىغا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياردەم قىلغان بولاتتۇق.
ھالبۇكى، بىز بۇ جەھەتتە بەزى شۇم خەۋەرلەرنى ئاڭلىدۇق: بىر-ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا قاھىرەدە ئېچىلغان ئاياللار (مەسىلىسى) يېغىنىدا، يېغىنغا قاتقان ئەر-ئاياللار بىردەك ھالدا ئىسلامدىكى ئاياللارنى تالاق قىلىش ۋە (ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئايالنىڭ) ئىددەت تۇتۇشى ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەرنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان، ۋە (ئۇنىڭ ئورنىغا) دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈتسە بولىدىغانلىقى ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىشقان.
بۇ ئەزھەر ئۇنىۋېرستېتىدا كۆرۈلگەن ئۇچىغا چىققان قاپ-يۈرەكلەرچە قىلمىش! چۈنكى ئىددەت تۇتۇش ھەققىدىكى ھۆكۈم ھەرگىزمۇ فىقھى ئالىملىرى ئىجتىھات قىلىپ چىقىرىۋالغان ھۆكۈم بولماستىن، بەلكى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەينەن ھۆكۈمىدۇر. بۇ «قۇرئان كەرىم» سۈرە بەقەرە ۋە سۈرە تەلاقنىڭ روشەن ئايەتلىرى بەلگىلىگەن، ھەر مەزھەبنىڭ ئالىملىرى ئورتاق پىكىرگە كەلگەن، مۇسۇلمانلارمۇ قىلچە خىلاپلىق قىلماي ئون تۆت ئەسىردىن بىرى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ كەلگەن ھۆكۈمدۇر.
شۇنداقتىمۇ ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇنكى، بۇ خىل قۇتراتقۇچى غەلىتە ئاۋازلار مىسىردا جىق ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتالمىدى، قوللىشىغىمۇ ئېرىشەلمىدى. ئۇلارنىڭ دەۋالىرى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش مىزانىغىمۇ تەسىر كۆرسىتەلمىدى. ئەمما غۇلغۇلا قوزغىغىنى شۇ بولدىكى، ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان بەزى يېڭى «ئىجتىھات»لار تۆت فىقھى مەزھەبنىڭ كۆز قاراشلىرىدىنمۇ ھالقىپ كەتكەنىدى. مەسىلەن «قىز ئۆزىنىڭ يولدىشىنى ياقتۇرمىسا، لىكىن ئۆزىنىڭ ئۆچمەنلىكىنى ئاشكارا ئىپادىلىيەلمىسە، ئۇ ھالدا ئۇ (ئۆزىگە بېرىلگەن) مەھرى ھەققىنى يولدىشىغا ئەسلىدىكىسى بويىچە تولۇق قايتۇرۇپ بەرسە، يولدىشى ئۇنىڭ تالىقىنى شەرتسىز قوبۇل قىلىشى كىرەك» دىگەندەك. بۇ خىل «تەڭشەش»لەر ئەسلىدە ئىسلام شەرىئىتىنىڭ رامكىسى ئىچىدە، ئىجمائ ۋە قىياس قاتارلىقلار ئۇسۇللارغا ئاساسلىنىپ ئېلىپ بېرىلىشى كىرەك ئىدى.
بىزنىڭ رەسمىي ئەيىپلەيدىغىنىمىز بۈگۈنكى كۈندە مەراكەشتە ئېلىپ بېرىلغان «ئاياللارنى تەرەققىياتقا ئېلىپ كىرىش ھەققىدىكى رايون خاراكتېرلىك پىلان»غا ئوخشاش يېڭىچە پىلانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان بەس-مۇنازىرىلەردۇر. تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئۇلارنىڭ بۇ پىلانلىرى يەرلىكلەرنىڭ ئەمەس، ئەرەبلەرنىڭمۇ ئەمەس، ئىسلامنىڭ تېخىمۇ ئەمەس، ئەكسىچە يەرلىكلەرنىڭ تۈزۈمى ۋە ئۇلارنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپتۇر. ئۇلارنىڭ بۇ خىل «پىلان»لارنى تۈزۈشتىكى تۈپ مەقسىتى، نىشانى، ئىدىيىسى ۋە روھى ھەممىسى پۈتۈنلەي غەربلەشكەن، نىيىتى پەقەت بىزنىمۇ شۇلارغا ئوخشاش «ئەر-ئاياللارنىڭ تولۇق باراۋەرلىكى»نى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان تەبىئىيىتى ۋە قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلىش ۋە ئىككى جىنىس ئارىسىدىكى پەرقلىق ئالاھىدىلىكلەرنى تامامەن يوقىتىشقا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەتتۇر.
ئۇلار بۇ پىلانلارنى تۈزۈشتە تايانغىنىمۇ ئىسلام قانۇنى ئەمەس، بەلكى 1994-يىلىدىكى «قاھىرە نوپۇس ئىشلىرى يېغىنى» ۋە 1995-يىلىدىكى «بېيجىڭ ئاياللار قۇرۇلتىيى» قاتارلىق يېغىنلارنىڭ ئاساسىي روھىدۇر. بۇ ئىككى يېغىننىڭ كۆپىنچە مەزمۇنىنى ئەرەبلەر، ھەتتا پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى قوبۇل قىلالمايدۇ. مەسىلەن: ئاللاھ كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا شەرتلىك ھالدا رۇخسەت بەرگەن بولسا، ئۇلار تولۇق ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولدى؛ ئاياللارنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئېرىنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىشى مەسىلىدە، ئۇلار غەرب جەمئىيىتىدە كەڭ تارقالغان ئادەت بويىچە ئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭ مىراسىنىڭ يېرىمىنى ئېلىشىنى تەشەببۇس قىلدى؛ نىكاھتىن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كىيىن سوتچى ھۆكۈم چىقارمىسا، ئاياللارنىڭ ئىددەت تۇتماسلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ باشقا مىراس مەسىلىلىرىدە ئەر-ئاياللارنىڭ ئالىدىغان ئۈلۈشىنىڭ پۈتۈنلەي باراۋەر بولۇشىنى تەرغىب قىلدى.
مەراكەشتىكى ئۆلۈمالار، دىنىي ئورگانلار، ئىسلامىي جامائەتلەر، ۋە كەڭ خەلق ئاممىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىغا بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان، ئىسلام شەرىئىتى ۋە ئەخلاقىي نىزاملارغا مۇخالىپ بولغان بۇ ئازغۇن پىلان ۋە ئۇنى تۈزگۈچىلەرگە بەس-بەستە قارىشى تۇردى. كىشىلەرنىڭ تەبىئىيىتىگە خىلاپ، ئىسلام شەرىئىتىگە قارىشى، قانۇنشۇناسلار ۋە كەڭ خەلق قوبۇل قىلالمايدىغان نەرسىلەرنى ئۇلارغا زورلاپ تېڭىش غەرىزىدىكى بۇ بىمەنە پىلان ئاخىرىدا تەبىئىيلا مەغلۇب بولدى. «تاپالماس چۈنكى باتىللىق ھەقىقىي شانۇ-شۆھرەتنى.»
ۋەھالەنكى، بۇ ھەرگىزمۇ «ئىشىكنى چىڭ تاقىۋىلىپ» بېكىنمىچىلىك قىلىش ياكى ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىدىكى ئادىللىق پىرىنسىپىنى قايرىپ قويۇش ئەمەس، بەلكى كەڭ شەرىئەت رامكىسى ئىچىدە ھەر قايسى مەزھەب ۋە فىقھى پىرىنسىپلىرىنىڭ (ئۆزىگە خاس) تەڭشەش مېخانىزىملىرىغا ئاساسلىنىپ، ئىماملارنىڭ بىرلىككە كەلگەن تەشەببۇسلىرىدا چىڭ تۇرغان ھالدا (مۇۋاپىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىش)، ۋە بىرەر كونا قاراشقا پۇختا ئېسىلىۋىلىپ، باشقا يېڭىچە پىكىرلەرنى قارىقويۇق چەتكە قېقىشتىن ساقلىنىش دىمەكتۇر.
ئەپسۇس، مۇسۇلمان ئاياللىرى توغرىسىدىكى بۇ بىر قاتار مەسىلىلەر زىيادە قويۇۋىتىش ۋە زىيادە بوغۇۋىلىشتىن ئىبارەت ئىككى رادىكاللىق ئارىسىدا بۈگۈنگىچە مۇشۇنداق تاشلىنىپ قالدى.      
   
سەككىزىنچى: مىللىي ئەخلاق تەربىيىسى جەھەتتىكى مەغلۇبىيەتلەر


  بىز ئەسلىدە ئىنسانلار مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئەڭ ياخشى ئۈممەت ئىدۇق، ئەمما بىز كىيىنچە بۇ (ئەڭ ياخشى ئۈممەتلىك) بۇرچىمىزنى يوقىتىپ قويدۇق. شۇندىن كىيىن روھسىزلىق ۋە قالاقلىقنىڭ قارا تۇمانلىرى بىزنى بارغانسىرى ئورىۋالدى. بۇرمىلانغان ۋە چۈشكۈنلەشكەن قىممەت ئۆلچەملىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، تېخىمۇ ھالسىزلىشىشقا باشلىدۇق. كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى باسىدىغان، بايلار ۋە ھوقۇقدارلارغا باش ئېگىپ خۇشامەت قىلىدىغان، يوقسۇللارغا پىخسىقلىق قىلىدىغان، باشقىلارنىڭ مۈلكىگە تاجاۋۇز قىلىدىغان ئەھۋاللار (بىزدە) ئۈزۈلمەي كۆرۈلۈپ تۇردى. بۇ جەرياندا ئاياللارنى خارلاندى، جامائەت ئەخلاقى كۆزگە ئېلىنمىدى، تەقدىرچىلىك ئىدىيىسى ۋە (راھىبلارچە) ياشايدىغانلار كۆپەيدى، ناچار ئادەت ۋە بۇزۇق قىلمىشلار كۈنسىرى ئەۋج ئالدى، ئازايمىدى.
  بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز (بۈگۈنكى كۈنگىچە) ئەشۇ چېكىنىش ۋە قالاقلىق ئەسىرلىرىدىن قالغان چۈشكۈن قىممەت قاراشلىرى بىلەن بولۇپ كەتتى، بىز ھەم بەزى نەرسىلەر ھەققىدە (تالىشىۋىرىپ) بۇرۇنقىدىنمۇ ماغزاپ قىلىۋەتتۇق. بىزگە (ئەسلىدە) ناتونۇش بولغان نەرسىلەر بولسا بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەربىر قاتلاملىرىغىچە سېڭىپ كىردى ۋە بىزنىڭ ئومۇمى قىممەت سېستىمىمىز (价值体系)نى بۇلغاپ، ھايات مۇساپىمىز (生活进程)گە بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلدى. ماتېرىيالىزىم (ئىدىيىسى)، مەنپەئەتپەرەسلىك ۋە شەخسىيەتچىلىكنىڭ ئەۋج ئېلىشى، مەست قىلغۇچى نەرسىلەر ۋە پاھىشىۋازلىقنىڭ ئەدەپ كېتىشى، ھايا ۋە ئىپپەت تۇيغۇلىرىنىڭ يوقۇلۇشى قاتارلىقلار بۇنىڭ مىسالىدۇر.
  زەھەرلىك بۇيۇملار بەزى ئەتكەسچىلەرنىڭ قولى ئارقىلىق ياشلار ئارىسىدا تارقالغاندىن كىيىن، بۇمۇ ئادەتتىكىچە ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. زەھەرلىك بۇيۇملارنى ئېلىپ ساتىدىغانلار بۇ ئارقىلىق زور كېرىم مەنبەسىگىمۇ ئىگە بولدى، پۇل ئۇلارغا كۈچ ۋە ھوقۇق ئاتا قىلدى، ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پارلامېنىت ئەزاسى بولۇپمۇ سايلاندى. بەزىلەر پۇلغا ئەمەل سېتىۋالدى، يەنە بەزىلەر پارا ئارقىلىق ھوقۇقدارلارنىڭ ئاستىدا يەنە بىر (كۆرۈنمەس) ھوقۇق تورى ھاسىل قىلدى، ئۇلارنىڭ پارىسىنى ئالغان ئەمەلدارلار بولسا ئۇلارنى قانات ئاستىغا ئالىدىغان ۋە كىشىلەرگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىدىغان بولدى.
پاھىشىۋازلىقمۇ بارغانسىرى ئەۋج ئېلىپ، جەمئىيەتتىكى چوڭ بىر ئاپەت مەنبەسىگە ئايلاندى. شۇنى كېرىم مەنبەسى قىلىۋالغان ئادەملەرنىڭ نەزىرىدە تاپىدىغان پۇلدىن باشقا ھىچنىمە يوق، ئەخلاق، قانۇن دىگەنلەر ئۇلارنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايدۇ. ماددىي پايدىغا ئېرىشىش جەريانىدا، بارچە قىممەت قاراشلار يەر بىلەن يەكسان بولىدۇ.
  زورلۇق كۈچ بىلەن ئۆكتەملىك قىلىدىغان قارا نىيەت (گۇرۇھلار) بىر مەھەل ئەدەپ كەتتى،جەمئىيەتتە ئۆلۈم-يېتىم (ۋەقەلىرى) ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇردى. رادىكال دىنىي تەشكىلاتلارمۇ قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇراتتى. بىز بۇلاڭچىلىق ۋەقەلىرىنىڭمۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۆپىيىپ كەتكەنلىكىگە، ھەتتا كوچىدا كېتىپ بارغان مۇسۇلمان ئايالنىڭمۇ مال-مۈلكىنىڭ بۇلانغانلىقى ۋە باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقدەك قەبىھ ۋەقەلەرگە شاھىت بولدۇق. (ئۇششاق ئىشلار ئۈچۈن) بالىلار ئاتا-ئانىسىنى، ياشلار ياشانغانلارنى، چوڭلار بالىلارنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان نۇرغۇن قورقۇنچلۇق ۋەقەلەر ھەم بېشىمىزدىن ئۆتتى.
  بىز غەربلىكلەرنى دورىغان چېغىمىزدا ئۇلارنىڭ ئۈمىدسىزلىك ۋە تەركىدۇنيالىق چۈشەنچىلىرىگە تولغان ئىپلاس قىلمىشلىرىنى ئۆگەندۇق يۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئېلغار پەن-تېخنىكا بىلىملىرى، ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ۋە تەشكىللەش تەجرىبىلىرى، ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش روھى قاتارلىقلاردىن ئۆگەنمىدۇق. ئارىمىزنى شەخسىيەتچىلىك، ئالدامچىلىق، ساختىپەزلىك، مۇناپىقلىق، پارىخورلۇق ۋە مۇتتەھەملىك قاتارلىق خىلمۇ-خىل رەزىللىكلەر قاپلىدى. شائىر شەۋقىي «ئەخلاق ــــــــ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىدۇر» دىگەنىدى. ئۇ يەنە بىر كۇپلېت شېئىرىدا مۇنداق يازغان؛
گۈزەل ئەخلاق ئۇل تېشىدۇر ئىززەتنىڭ،
ياخشى خۇلق يېتىشتۈرگەن مىللەتنىڭ.
نىچۈك بىلسۇن پەزىلەتسىز مەخلۇقلار،
پەرقى نەدە خارلىق بىرلە ھۆرمەتنىڭ؟


   بىز غەربلىكلەرنىڭ خىزمەتنى قىزغىن سۆيۈش، ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش روھىدىن ئۆگەنمىدۇق. بۇ دەل ئۇلارنىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە سانائەت تەرەققىياتىدا دۇنيانى بويسۇندۇرالىشىنىڭ سەۋەبى ئىدى. ياپونلۇقلار بۇ جەھەتتە ئۇلار بىلەن رېقابەتلىشىپمۇ كۆپ ئىلگىرىلەپ كەتتى. بىز بولساق ئۇلارنىڭ ئەكسىچە يول تۇتتۇق، ئەھۋالىمىز ھەم ئۆزىمىزگە ئايان.
يېقىنقى يىللاردىن بىرى، مەن ئەرەب دۆلەتلىرىدىن بىرىدە ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋاقتى توغرىسىدا تەخمىنىي سىتاتسېتكا ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە خىزمەت ۋاقتىنىڭ كۈنىگە يېرىم سائەت ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. ئويلاپ قالدىمكى: ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ، ئۆز ئۆمرىنى بىكارغا ئۆتكۈزىدىغان مىللەت قانداقمۇ تەرەققىي قىلالىسۇن؟ ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە «ئۇلار كەتكەندىن كىيىن (ئۇلارنىڭ) ئورنىنى باسقان ئورۇنباسارلار نامازنى تەرك ئەتتى، نەپسى-خاھىشلىرىغا ئەگەشتى. ئۇلار گۇمراھلىقىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ» (سۈرە مەريەم، 19-ئايەت) دىگەنىدى.
  ئەدەپ-ئەخلاق ھەرگىزمۇ رەسمىيەت ئۈچۈن مۇنداقلا تەكىتلەپ قويىدىغان نەرسە بولماستىن، بەلكى بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتى ۋە ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىم كاپالىتىدۇر. ناۋادا ھاياتتا ئەخلاقىي مىزان بولمىسا، ھەممە ماددىي مەنپەئەتنىلا چىقىش قىلسا، ئۇ ھالدا خۇددى ھاراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىككە  ئوخشاش، بايلىق تەمەسى ۋە ماددىي قېزىقىشمۇ ئادەمنى مەست قىلىپ، ئەقىلنى نابۇت قىلىدۇ. جەمئىيەتتە ئومۇمنىڭ مال-مۈلكىنى ئىسراپ قىلىش، بۇزۇقچىلىقلارنىڭ نورمال كەسىپ دەپ قارىلىشى، دۆلەتلەر ئارا ئىشپىيونلۇقنىڭ ئەۋج ئېلىشى، شەھۋەت ۋە پۇلنىڭ قېزىقتۇرۇشى بىلەن دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش قاتارلىق خىلمۇخىل ناچارلىقلار توختىماي كۆپىيىدۇ. بۇنداق مۇھىتتا ياشاشمۇ ئىنتايىن ئازابلىق بولىدۇكى، ئىنسانغا ئۆلۈم ھاياتتىن ئەۋزەل بىلىنىدۇ. تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:«ھاكىملار سىلەرنىڭ ئەڭ ئاقكۆڭۈل ئادىمىڭلاردىن، بايلار ئەڭ مەرد ئادىمىڭلاردىن بولغان، ئىشلىرىڭلار كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىنغان چاغدا سىلەر ئۈچۈن زىمىننىڭ ئۈستىدىن زىمىننىڭ قوينىدىن ياخشىراقتۇر؛ ناۋادا ھاكىملىرىڭلار سىلەرنىڭ ئەڭ ناچىرىڭلار، بايلىرىڭلار سىلەرنىڭ ئەڭ بېخىلىڭلار بولغان، ئىشلىرىڭلار ئاياللارغا قاراشلىق بوپقالغان بولسا، ئۇ چاغدا زىمىننىڭ قوينى سىلەر ئۈچۈن زىمىننىڭ ئۈستىدىن ياخشىراقتۇر.»
  ھەدىستىكى «ئىشلىرىڭلار ئاياللارغا قاراشلىق بوپقالغان» دىگەن سۆز باشتىكى «ئىشلىرىڭلار كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىنغان» دىگەن سۆزگە نىسبەتەن ئېيتىلغان بولۇپ، ئايال ھوقۇقدارلار پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ ھاكىمىيەت باشقۇرىدىغان مۇستەبىت ۋە دېكتاتورا ھاكىمىيەت شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ «قۇرئان كەرىم»دىكى زۇلەيخانىڭ يۈسۈفكە ئېيتقان مۇنۇ سۆزىدە ئايان بولىدۇ:«مەن ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدىم، لېكىن ئۇ ئۆزىنى چىڭ ساقلىدى. ئەگەر ئۇ يەنىلا بۇيرۇقۇمنى قىلمىسا چوقۇم زىندانغا تاشلىندۇ، چوقۇم خار ئادەم بولۇپ قالىدۇ.» (سۈرە يۈسۈف، 32-ئايەت) زۇلەيخا ئاخىرى ئۇنىڭغا قىلغان تەھدىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇنى زىندانغا تاشلىدى.
    تۇرمۇش تەجرىبىلىرىمىز بىزگە شۇنى ئېيتىپ بەردىكى: ئەدەپ-ئەخلاق ئۇرۇقى پەقەت ئىسلامنىڭ تۇپرىقى ۋە ئىماننىڭ ھاۋاسىدا ئۆسۈپ يېتىلەلەيدۇ. كىشىلەرنىڭ كاللىسىنى ماتېرىيالىزىم، مەنپەئەتپەرەسلىك ۋە ئىنكارچىلىق (虚无主义) ئىدىيىلىرى قاپلاپ كەتكەن ۋاقىتتا بولسا، ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي قىممەت قاراشلىرىنى تۈزەش ۋە جەمئىيەتتە ئاممىۋىي ئەخلاق كەيپىياتى بەرپا قىلىش بەسىي مۈشكۈلدۇر.
ئەنگىلىيىدىكى بەزى مېنىستېرلارنىڭ «چاۋىسىنى چىتقا يايىدىغان» ئىقتىسادقا ئائىت بىر قېتىملىق دېلونى سوتلاپ بولغاندىن كىيىن، ئاخىرقى ھۆكۈم چىقىرىدىغان ۋاقىتتا، سوتچى (ئۆز خاتىرىسىگە) مۇنۇلارنى  يېزىپ قالدۇرغان:«قانۇن بولمىسا، بىر مىللەت مۇقىم بولالمايدۇ؛ ئەخلاق بولمىسا، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىنمايدۇ؛ ئېتىقاد بولمىسا، كۆپ قىسىم كىشىلەر ئەخلاقنى قوبۇل قىلمايدۇ.»




ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
      ئوسلو: نورۋىگىيىنىڭ پايتەختى بولۇپ، 1993-يىلى 8-ئايدا ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى رابىن ۋە پەلەستىن ئازاتلىق تەشكىلاتى رەھبىرى ئەرافات ئۇ جايدا مەشھۇر «ئوسلو كېلىشىمى»نى ئىمزالىغان.





              تەرجىمىنىڭ pdf نۇسخىسى: http://pan.baidu.com/s/1kV2Gc
                      ئەسلى كىتابنىڭ توردىن سېتىۋىلىش ئادېرىسى:http://item.taobao.com/item.htm? ... &id=16957856145


9

تېما

0

دوست

2795

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11043
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 512
تۆھپە : 500
توردىكى ۋاقتى: 152
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-22
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمە ت  قېرىندىشىم. بۇ ماقالىنى پۇتۇن دۇنيادىكى ھەربىر ئەر-ئايال مۇسۇلمان ئوقۇپ چىقىشقا تىگىشلىك ماقالىكەن.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

10

تېما

0

دوست

4287

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   76.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9848
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 675
تۆھپە : 853
توردىكى ۋاقتى: 284
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-23
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ چوڭقۇر، ئەتراپلىق ۋە قايىل قىلارلىق ماقالىكەن، ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر، قېرىندىشىم، ئاللا قولىڭىزغا دەرت بەرمىگەي! ھەممە مىللەت ۋە قەۋىم دەل مۇشۇ ئەسەردە يورۇتۇپ بېرىلگەن ئىلغار ئىدىيە ئاساسىدا ئۆزىنى ئوپىراتسىيە قىلىپ، ئىللەتلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ چىقىپ، ئۇنى تۈگىتىشكە جۈرئەت قىلالىسىلا بىرلىك-ئىتتىپاقلىنى مۇستەھكەملەپ، تەرەقىييات يولىدا نۇسرەت قازىنىپ، جاھاندا باشقىلار خالىغانچە بوزەك قىلالمايدىغان كۈچلۈك ئورۇنغا ئېرىشەلەيدۇ.

2

تېما

2

دوست

1963

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   96.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8381
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 131
تۆھپە : 502
توردىكى ۋاقتى: 155
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-23
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە كۆپتىن - كۆپ تەشەككۈر ، بۇ ئالىمنىڭ « ئىسلامدا ھالال ۋە  ھارام » دېگەن كىتابى بەك ئېسىل كىتاب ، مىنىڭ بۇ ئالىمغا بولغان ھۆرمىتىممۇ بەك چوڭقۇر .
مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسىز قېلىشى 20- ئەسىردىكى چوڭ مەغلۇبىيەتلەرنىڭ بىرى ، مۇستاپا كامال توغرىسىدىكى مۇنازىرە ھەرگىز ئايىغى چىقماس مۇنازىرە لىكىن شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى 20- ئەسىر كىشىلەرنىڭ كاللىسى مىللەتچىلىك ۋە دۆلەتچىلىك ئىددىيەلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەن ئەسىر ، مۇستاپا كامال خەلىپىلىكنى بىكار قىلماي ئۆزىنى خەلىپە دەپ جاكارلىغان بولسا مىسىر ، سەئۇدى ، ئىران ، ئىراق ، سۈرىيە ، ئالجىريە .....قاتارلىقلارنىڭ خەلىپە ئەمىرىگە بويسۇنۇشى ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ئىشقۇ ؟  مۇستاپا كامال ئۆلۈپ شۇنچە يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ بىزنىڭ ھېلى ھەم خەلىپىمىز يوق ، ئەجبا بۇنىمۇ مۇستاپا كامالغا دۆڭگەمدۇق ؟

0

تېما

2

دوست

939

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   87.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19286
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 294
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-24
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aqturk يوللىغان ۋاقتى  2013-11-20 17:19
ئەجرىڭىزگە كۆپتىن - كۆپ تەشەككۈر ، بۇ ئالىمنىڭ « ئىسلام ...

ھەئە، سۆزىڭىز توغرا. مۇستاپا كامال پەقەت بىر شاخ. مۇسۇلمانلار يىلتىزىدىن باشلاپ چېرىشكە باشلىغاندىن كىيىن، قايتا ئەسلىگە كېلىشكە ئامال بولماي قالدى.

0

تېما

0

دوست

97

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   32.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22928
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-22
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئېگىسى ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. ساقلىۋالاي

0

تېما

0

دوست

401

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   50.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17988
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-21
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوسمانىيلارنىڭ يىمىرىلىشىنى مۇستاپا كامالغا ئارتىپ قۇيۇش بىر چىدىمدسلىق،،،مۇستاپا كامال ئەينى ۋاقىتتا غەرىب بىلەن بىرلەشمەيمۇ ئامالى يوقتى،،،بولمىسا سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلىنىپ قالاتتى،،،

0

تېما

2

دوست

939

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   87.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19286
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 294
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-24
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ROCK يوللىغان ۋاقتى  2013-11-20 21:37
ئوسمانىيلارنىڭ يىمىرىلىشىنى مۇستاپا كامالغا ئارتىپ ق ...

توغرا، تېكسىتتىمۇ «......بىر ئادەمنىڭ قولى ئارقىلىق........» دىيىلىپتۇ.

0

تېما

31

دوست

3661

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1012
تۆھپە : 790
توردىكى ۋاقتى: 106
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-24
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىلگىرىمۇ دىگەن ئىدىم، ۋە ھازىرمۇ شۇنداق دەيمەنكى: بىزگە نىسبەتەن ئىلىم-پەن بىلىملىرىنىڭ ئۆزى ئېتىقاد، ئېتىقادنىڭ ئۆزى ئىلىم-پەندۇر.
   چۈنكى بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئىگىلەشنىڭ ئۆزى بىر ئىبادەتتۇر. بۇ بىلىم ئېتىقادنى يۈكسەلدۈرۈشكە ۋە تۇرمۇشىمىزنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولغان بارلىق بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

tتوغرا گەپ قىپتۇ .لىكىن بۈگۈنكى مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ،روناق تاپقۇزۇش ئۈچۈن بۈگۈنكىدەك ھەقتە ،ھىدايەتتە بىرلىككە كەلمىگەن خەلىقنى ئەمدى قىلىچ ئاستىدا مەجبۇرى بىرلىككە كەلتۈرمەكتىن باشقا ئامال يوق.
قالدىسىنى ئاللاھ ئىگىمىز ئۆزى بىلگۈچى ۋە بىزگە قىيىن بولغىنى ئىگىمىز ئۈچۈن ئاساندۇر

0

تېما

31

دوست

3661

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1012
تۆھپە : 790
توردىكى ۋاقتى: 106
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-24
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ROCK يوللىغان ۋاقتى  2013-11-20 21:37
ئوسمانىيلارنىڭ يىمىرىلىشىنى مۇستاپا كامالغا ئارتىپ ق ...

مۇستاپا كامالنى ئۇ بۇ دىيىشكە قوشولمايمەن.بوپتۇ ،مۇستاپا كامالغۇ خاتا قىلغان بولسۇن،ئەمما نىمىشقا مىللىتى ،دىنى ئوخشاش بولغان 300 مىلىيون ئەرەبتىن،شۈنچە ئەرەپ دۆلىتىدىن تۈركىيەچىلىك بولالىغىنىدىن قايسىسى بار ؟
دىمەككى مۇستاپا كامال خاتا قىلمىغان بەلكى ئەڭ توغرىسىنى قىلغان بولىشى مومكىن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )