ئابلىمىت ئابدۇللا 1957-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى قومۇل شەھىرىنىڭ پالۋانتۇر يېزىسى، دۆربەجىن غولئېرىق كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1965-يىلى 8-ئايغىچە ئائىلە تەربىيىەسىدە بولغان. 1965-يىلى 8-ئايدا پالۋانتۇر يېزا دۆربەجىن مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن. ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» باشلىنىپ كېتىپ، تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ دەرسلىرىنى ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگەن ۋە 1978-يىلى 3-ئايغىچە يېزىدا ئىشلىگەن. ئابلىمىت ئابدۇللا 1978-يىلى 3-ئايدىن 1981-يىلى 1-ئايغىچە ئۈرۈمچى تۆمۈريول تېخنىكا مەكتىپىنىڭ، ئىچىدىن يانىدىغان دىگاتېل كەسپىدە ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى قومۇل پاراۋۇز ئۇچاستىكىسىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. ئۇ 1983-يىلى 9-ئايدا ئۈرۈمچى تۆمۈريول ج خ ئىدارىسى قومۇل ج خ باشقارمىسىغا يۆتكىلىپ، ھازىرغا قەدەر مەزكۇر باشقارمىدا ئىشلەپ كەلمەكتە. ئۇ، 1992-يىلى 3-ئايدىن 1993-يىلى 3-ئايغىچە بىر يىل ئىزدىنىپ، 1123 ئادەمنىڭ ئىسمى چۈشۈرۈلگەن يەتتە ئەۋلاتتىن تەركىب تاپقان «ئابدۇگۈلى ئاخۇن» ناملىق ئائىلە نەسەبنامىسىنى تۈزۈپ چىققان. 1992-يىلى 4-ئايدىن 1995-يىلى 10-ئايغىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ، خەنزۇ تىلى تەرجىمانلىق كەسپىگە ئىمتىھان بېرىپ، ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرسىنىڭ دېپلومىغا ئېرىشكەن. ئابلىمىت ئابدۇللا 1995-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ يېزىقچىلىققا كىرىشىپ، ھازىرغا قەدەر «قاسىم پالۋان»، «دۆربەجىن ۋە ئۇ جايدىكى مەھەللىلەرنىڭ نامى»، «قومۇل دىيارىدىن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان ئەزىمەتلەر»، «تارىخىي قوشاقلار چىنلىققا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك».«يولۋاس ھەققىدە ئاڭلىغان-بىلگەنلىرىم ناملىق كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن»...قاتارلىق 40 پارچىدىن ئارتۇق تارىخىي تېمىدا يېزىلغان ماقالىلىرىنىڭ 30 پاچىدىن ئارتۇقى «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى»، «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى»، «قومۇل ئەدەبىياتى»، «تەقدىرداش»، «قومۇل شەھىرىنىڭ تارىخ ماتىرىياللىرى»، «قومۇل گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ «1931-يىلى 5-ئايدىكى قاسىم پالۋان قوماندانلىق قىلغان قارامۇقچا جېڭى توغرىسىدىكى بەزى خاتا مەلۇماتلارغا ئىزاھات» ناملىق ماقالىسى، خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، سىياسىي كېڭەش قومۇل ۋىلايەتلىك خىزمەت كومېتىتى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «قومۇل تارىخ ماتىرىياللىرى» نىڭ 4-قىسىمىغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇ، 2003-يىلى 6-ئايدىن 2006-يىلى 5-ئايغىچە ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 5-كورپۇس (مىللىي ئارمىيە) 3-باتالىئونىنىڭ قومۇل-تۇرپان ۋىلايىتىدىكى ئىككى يىللىق كۈرەش پائالىيەتلىرىنى ئاساسى مەزمۇن قىلىپ يازغان «سالام 3-باتالىيون» ناملىق تەزكىرە خاراكتىرلىك كىتابى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئۇ يەنە سىياسىي كېڭەش قومۇل شەھەرلىك 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى تەرىپىدىن «قومۇل شەھرىنىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» نىڭ ئالاھىدە يازغۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلىندى. ئۇ، ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، قومۇل ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
ئابلىمىت ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ باغداش تورىغا يوللىغان يازمىلىرى :
1.خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئاديۇتانت (فۇگۇەن) تى يۈنۈس موللام
./thread-23405-1-1.html
2.ئىز رومانىدىكى نىياز دېھقاننىڭ ھايات-پائالىيەتلىرى
./thread-23425-1-1.html
3.خوجنىيازھاجى فۇگۈەنى تېمىسىدىكى ئىنكاسلارغا جاۋاپ
./thread-23815-1-1.html
4.نىياز دېھقان (نىياز پالۋان) توغرىسىدىكى يېڭى ئەھۋاللار
./thread-24224-1-1.html
5.قومۇل دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ يېتەكچىلىرىنىڭ بىرى-قاسىم پالۋان
./thread-25333-1-1.html
6.قومۇل تارىخىدىكى ئاكا-ئۇكا پالۋانلار
./thread-25334-1-1.html
|