2011-يىللىق «بويتاقلار 2.14 بايرىمى تاكتىكىسى»
ئەسلى مەنىسى جەھەتتىن ئېيتقاندان «ئاتالمىش 2.14 بايرىمى» ئۆتكۈزۈش توغرا بولمىسىمۇ، يەنىلا بىر قىسىم كىشىلىرىمىز بۇ بايرام ئۈچۈن پايپىتەك بولىۋاتىدۇ. جۈپى بارلارغۇ بايرىمى بىلەن ئۆتىۋەرسە، بويتاقلارمۇ ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىۋەرسە بولاتتى. ئەمما جاھاندىكى ئىشلارغا باھانە تاپقىلى بولمايدۇ. بەزى ئىشلارنى ئويلاپ يەتكىلىمۇ بولمايدۇ.
بۇ يىلللىق 2.14 بايرىمىدا قايسى ئىشنىڭ ئەڭ غۇلغۇلا قوزغىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ سىز چوقۇم خىيالىڭىزغا كەلتۈرۈپ باقمىغان. ئەمىسە قۇلاق سېلىڭ. بۇ قىزىقارلىق غەلىتە ئىشلار تور دۇنياسىدا ئېقىپ بىر بولدى. سىز خەۋەرسىز قالسىڭىز قاندق بولىدۇ؟
2011-يىللىق «بويتاقلار 2.14 بايرىمى تاكتىكىسى»:
1. مېھمانخانىلارغا تېلىفۇن قىلىپ ياتاقلارنى زاكاز قىلىپ تۈگىتىۋىتىپ، ئاشىق-مەشۇقلارنى سىرتتا سوغۇقتا قالدۇرۇش.
2. كۇچىدا كىتىپ بارغان ئاشىق-مەشۇقلاردىن ئوغۇلنىڭ يۈزىگە بىر شاپىلاق سېلىپ، يىغلىغانچە كىتىپ قېلىش.(قىزلار ئۈچۈن)
3. كىنوغانىنىڭ تاق نومۇرلۇق ئورۇنلارنىڭ بىلەتلىرىنى سېتىۋېلىپ، ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ ئارىسىغا قىسىلىۋېلىش.
4. كىچىك بالىدىن بىرنى يىتىلەپ، كۇچىمۇ-كۇچا يۈرۈپ يالغاندىن دادا(ئانا) تونۇتۇش.
5. كۇچىغا چىقىپ گۈل سېتىش، ئاشىق-مەشۇقلارنى كۆرگەن ھامان «ئانىڭىزغا بىر تال گۈل سوۋغا قىلمامسىز؟ » دېيىش.
6. ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يەپ بولۇپ، مېڭىش ئالدىدا باشقىلارنىڭ ئوغۇل دوستىنى كۆرسىتىپ «ئالدىنقى يولدىشىم تۆلەيدۇ» دەپ قۇيۇپ چىقىپ كىتىش.
7. مودا بولىۋاتقان QQ قاتارلىق ئاممىۋىي تور بەتلەردە، ئاشىق مەشۇقلارنىڭ بېتىگە كىرىپ «ئالدىنقى نۆۋەتلىك يولدىشىم، قانداق ئەھۋالىڭىز؟» ياكى «بالامنىڭ ئانىسى، قانداق ئەھۋالىڭىز؟» دېگەندەك سۆز قالدۇرۇش.
…
ئالامەت تاكتىكىلاركەن بۇ …
بۇلارنى ئويلاپ تاپقانلارغا قول قويدۇم جۇمۇ …
{:7_211:}
ئېلاۋە: توردىن خەنزۇچىسىنى كۆرۈپ تەرجىمە قىلىپ قويدۇم.
كىيىنكى: FaceBook ھەققىدىكى فىلىم – ئىجتىمائىي ئالاقە تورى(The Social Network)
2011/02/14 23:12:45
مەن نۇرقۇتكامنىڭ يېڭى يازمىسىنى ماراپلا تۇرىمەنمۇ نېمە؟ ھا..ھا..ھا…. بۇمۇ قىزىقارلىق، ياخشى تېمىكەن، رەھمەت سىزگە.
2011/02/14 23:15:09
لېكىن مېنىڭ سالاھىيىتىم توشمايدىكەن، يەنە بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئويلانساممۇ بولغۇدەك.
2011/02/15 23:55:35
مىكرو بلوگ ھەققىدە بىر-ئىككى ئىغىز سۆزلەپ بەرسىڭىز بولاتتى، مەن eot تونۇتالماي بوزەك بوپ كەتتىم بۇ گۇيغا
2011/02/16 08:01:47
قايسىسى؟ تورغا ئائىت نەرسىلەرنى مۇنبەردە دېيىشەيلى.
2011/02/17 15:16:08
ھە… يادىمدا يوق
2011/02/20 02:49:32
بويتاق ۋاقىتلىرىمىزدا بىزمۇ شۇنداقتۇق
2011/02/28 09:31:43
مەندىن ئۆتە شەرەفسىز گۇيلارمۇ نېمە؟