دورىنىڭ زەھەرلەش رېئاكسىيەسى دېگەن نېمە؟
ۋاقتى: 2016-08-10
ئاۋاتلىقى: 738 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
دورىنىڭ زەھەرلەش رېئاكسىيەسى مەلۇم خىل دورىنىڭ ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ياكى توقۇلملاردىكى پاتولوگىيىلىك ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە بىمارنىڭ بەدەن ساپاسى جەھەتتىكى پەرق ،پاتولوگىيلىك ھالەت ياكى باشقا دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشتىن، بەدەننىڭ سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش تۈپەيلى يۈز بېرىدۇ. تەسىرى كۈچلۈكرەك، داۋالاش مىقدارى بىلەن زەھەرلەش مىقدارى يېقىنلىشىدىغان دورىلار ئاسانلا زھەرلەش رېئاكسىيەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارى ياخشى ئەمەس قىزلار ۋە بالىلاردا زەھەرلىنىش رېئاكسىيىسى ئاسان يۈز بېرىدۇ. بىر قىسىم كىشلەرنىڭ دورىغا بولغان زىيادە سەزگۈرلۈكى ياكى جىگەر، بۆرەك، ئىقتىدارى نورمال بولماسلىق سەۋەبىدىن دائىمىي داۋالاش مىقدارى دائىرسىدە دورا ئىشلەتسە، باشقىلارغا نورمال مىقداردىن ئاشۇرۇپ ئىشلەتكەندە، يۈز بېرىدىغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.