دورىلار خەزىنىسى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلار ئىشلىتىشكە بولمايدىغان باكتېرىيىگە قارشى دورىلار قايسى؟

ھامىلىدارلار ئىشلىتىشكە بولمايدىغان باكتېرىيىگە قارشى دورىلار قايسى؟

ۋاقتى: 2016-08-16 ئاۋاتلىقى: 948 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تۆۋەندىكى باكتېرىيىگە قارشى دورىلارنى قەتئىي ئىشلەتمەسلىك ياكى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىش لازىم. چوقۇم ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىش لازىم.
⑴ پېنىتسىللىن (青霉素) : ھامىلىگە ئېغىر دەرىجىدە سېرىقلىق چۈشۈشنى، ئېغىر بولغاندا ھامىلىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
⑵ سترېپتومىتسىن (链霉素) : ھامىلىنىڭ تۇغما گاسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە سۆڭەكنىڭ يېتىلىشىنى غەيرىلەشتۈرۈۋېتىدۇ.
⑶ تېتراتسىكىلىن: چىش ئېمالىنىڭ تولۇق يېتىلمەسلىكىنى، تېتراتسىكلىنىلىق چىش (چىشى سارغىيىپ كېتىش) ، ھامىلە يۈرىكىنىڭ غەيرىيلىكى، تۇغما كاتاراكتا، ھامىلە مۈچىسىنىڭ قىسقا ياكى چولاق بولۇپ قېلىشى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قان ئېرىش خاراكتېرلىك سېرىقلىق چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەڭ ئېغىر بولغاندا، ھامىلىدە مېڭە يادرو خاراكتېرىلىك سېرىقلىق چۈشۈشنى، ھەتتا ھامىلىنىڭ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
⑷تېرامىتسىن، دوكسىتسىلىن: ھامىلە مۈچىلىرىنىڭ قىسقا ۋە غەيرىي بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
⑸خلورومىتسېتىن (氯霉素): يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قان ئايلىنىشنىڭ توسالغۇغا ئۇچىرىشنى، نەپەس ئىقتىدارىنىڭ تولۇق يېتىلمەسلىكىنى، بەدىننىڭ كۆكىرىپ كېتىشىنى، قورسىقىنىڭ كۆپۈشىنى (كۈل رەڭ بوۋاق يىغىندى ئالامىتى) كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر بۇ دورىنى ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىردە كۆپ مىقداردا ئىشلەتكەندە، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا قان پىلاستىنكىلىرى ئازىيىش كېسىلىنى، قايتا ئىشلىنىشى توسالغۇغا ئۇچراشلىق قان ئازلىق كېسىلىنى ياكى ھامىلىنىڭ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
⑹ كانامىتسىن: ھامىلىنىڭ تۇغما گاسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
⑺ ئېرىترومىتسىن: تۇغما كاتاراكتا، تۆت مۈچىنىڭ غەيرىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
⑻ گېنتامىتسىن: ھامىلىنىڭ قۇلىقىنى زەخىملەندۈرىدۇ، ھەتتا تۇغما بۆرەك قان تومۇرلىرى غەيرىلىكىنى ۋە كۆپ خالتىلىق بۆرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
⑼سۇلفانىلامىد  تۈرىدىكى دورىلار: ئاساسلىقى ئۇزۇن ئۈنۈملۈك سۇلفانىلامىد ۋە باكتېرىيىگە قارشى ئۈنۈمنى ئاشۇرغۇچى دورا كۆزدە تۇتۇلىدۇ. يۇقىرى بىلىرۇبىنلىق قان كېسىلى، مېڭە يادرو خاراكتېرلىك سېرىقلىق چۈشۈش ۋە غەيرىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
⑽ پولىمىكسىن E (多粘菌素E) ۋە ۋانكومىتسىن (万古霉素) : ھامىلىدارنىڭ دورا ئىشلىتىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، ئۇلاردا ئۆتكۈر بۆرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بوۋاقمۇ تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئۈچ يىل ئىچىدە نېرۋا-مۇسكۇل توسۇلۇشقا ئاسان  گىرىپتار بولىدۇ. ھەمدە ھەرىكىتى تەڭپۇڭسىزلىشىدۇ، بېشى قايىدۇ، دۆلىنىدۇ، شۇنداقلا ئېغىز ئەتراپىنىڭ سېزىمى بىنورماللىشىدۇ. ۋانكومىتسىن يەنە بوۋاقنىڭ ۋاقىتلىق ياكى مەڭگۈلۈك گاسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
⑾ رىفامپىن: ھامىلىنىڭ غەيرىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
⑿ زەمبۇرۇغقا قارشى تۇرغۇچى دورا ئامفوتېرىتىسىن B (两性霉素B)،گىرىزېئوفۇلۋىن (灰黄霉素)،نىستاتىن (制霉菌素) : ھامىلىدارنىڭ نېرۋا سىستېمىسى، قان ئىشلەش سىستېمىسى، جىگەر ۋە بۆرەك ئىقتىدارىغا ئېغىر دەرىجىدە ناچار تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. گرىزېئوفۇلۋىن يەنە بويىدىن ئاجراش، ھامىلە غەيرىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
⒀ ترىئامتېرىن (氨苯蝶啶) : ھامىلىدار ۋە تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ جىگەر ئىقتىدارىنى زەخىملەندۈرىدۇ. قان رايىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.

بايانات

دورىلار يانبىلوگىغا يوللانغان بارلىق مەزمۇنلار ئەڭ ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ماتېرىياللاردىن تەرجىمە قىلىش ۋە رەتلەش ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈم نەتىجىسى قىلىشقا بولمايدۇ! كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشىڭىز كېرەك! دورىلار ئۈندىدار سۇپىسىغا ئەگىشىۋېلىشنى ئونۇتماڭ، ئىزدەش نامى: dorilar

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى