تۇغۇتلۇق ئاياللار ئاسپىرىن ئىشلەتكەندە نېمە ئۈچۈن ئېھتىيات قىلىش كېرەك؟
ۋاقتى: 2016-08-20
ئاۋاتلىقى: 918 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
تۇغۇتلۇق ئاياللار ئاسپىرىن ئىشلەتكەندە نېمە ئۈچۈن ئېھتىيات قىلىش كېرەك؟
ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان قىزىتما ياندۇرۇش دورىسى ئاسپىرىننى ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئىشلەتكەندە ھامىلىنىڭ غەيرىي بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرىلايدۇ؛ ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە ئىشلەتكەندە، ئاسانلا ھامىلىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ يېنىك بولۇشى ۋە جىگىرىنىڭ زەخىملىنىشىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئىشلەتكەندە، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قان ئېرىش كېسىلى ۋە قاناش مايىللىقىنى پەيدا قىلىدۇ.
مەنبە: «بىخەتەر دورا ئىشلىتىش ھەققىدە سوئال-جاۋابلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.