كۆپ ئىشلىنىدىغان قايسى دورىلار دورا خۇسۇسىيەتلىك جىگەر زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
ۋاقتى: 2016-08-14
ئاۋاتلىقى: 925 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
1) ئانتىبىيوتىك بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، مەلۇماتتا ئىسپاتلىنىشىچە، ئانتىبىيوتىك كەلتۈرۈپ چىقارغان دورا خۇسۇسىيەتلىك جىگەر ياللۇغى ئومۇمىي دورا خۇسۇسىيەتلىك جىگەر ياللۇغىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئېرىترومىتسىن، تېتراسىكلىن، سېرفالوسپورا ئامىنوبېنىز قاتارلىقلارنىڭ جىگەرگە بولغان زىيىنى بىر قەدەر كۆپ كۆرىلىدۇ.
2) قىزىتمىنى ياندۇرۇپ ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، تەخمىنەن %19~5ئىگىلەيدۇ. ئەگەر پۇرې شىتوڭنى نورمال مىقداردىن ئارتۇق ئىستېمال قىلسا جىگەر دەرھال قاتتىق زىيانغا ئۇچرايدۇ. ئاپتور بۇرۇن بىر ياشانغان ئەرنىڭ پۇرې شىتوڭ بىلەن مۇرەككەپ رېتسېپلىق دورىنى نورمال مىقداردىن ئارتۇق ئىستېمال قىلغانلىق سەۋەبلىك جىگىرىنىڭ قاتتىق زەخىمگە ئۇچرىغانلىقىنى ئۇچراتقانىدى، نەتىجىدە بىر ئاي جىددىي قۇتقۇزۇش ئارقىلىق خەتەردىن قۇتقۇزۇپ قىلىنغان. بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئاسپىرىن قاتارلىقلارمۇ بار.
3) ئۇنىڭدىن قالسا تۇبېركۇليۇزغا قارشى تۇرىدىغان دورىلار، بۇنىڭ ئىچىدە ئىزونىئازىدنى ئىستېمال قىلغان بىمارلارنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن %10~20 تىدە ترانسئامىنازاسى ئۆرلەپ كېتىش، ئاز بىر قىسىم كىشىلەردە سېرىق چۈشۈش ئەھۋاللىرى كۆرىلىدۇ.
4) تۇبېركۇليۇزغا قارشى تۇرىدىغان دورىلاردىن قالسىلا نېرۋا سىستېمىسىغا، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا ئىشلىنىدىغان دورىلار ۋە ھورمۇن قاتارلىقلار. نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرى دورىلىرى ئىچىدە دىفېنىل گىدانتوئىن بىلەن فېنوباربىتالنىڭ جىگەرگە بولغان زىيىنى ئەڭ ئېغىر بولۇپ، جىگەر توقۇلمىلىرىنىڭ ئۆلۈشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈش نىسبىتى %40گە يىتىدۇ.