كۇينولول تۈرىدىكى دورىلار نەچچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ؟
ۋاقتى: 2016-08-17
ئاۋاتلىقى: 743 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
دورىنىڭ ئىجاد قىلىنىش ۋاقتىنىڭ ئىلگىرى-كېينلىك تەرتىپى ۋە باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ ئۈچ ئەۋلادقا بۆلۈنىدۇ.
1-ئەۋلاد: كۆپ ساندىكى گىرام مەنپىي باكتېرىيەگە قارشى تۇرالايدۇ. ئەمما يېشىل يىرىڭلىق تاياقچە باكتېرىيەسىگە قارشى تۇرالمايدۇ. ئاساسلىقى سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ. ۋەكىل خاراكتېرلىك دورىلاردىن نافتىرىدىن كىسلاتاسى(萘啶酸) بولۇپ، بۇ دورىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى بولمىغاچقا ھازىر ئىشلىتىلمەيدۇ.
2-ئەۋلاد: باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇشى كەڭ دائىرىلىك بولۇپ، گىرام مەنپىي باكتېرىيەسى، گىرام مۇسبەت باكتېرىيەسىگە نىسبەتەن بەلگىلىك رولى بار. ۋەكىل خاراكتېرلىك دورىلاردىن پىپېمىدىك كىسلاتاسى (吡哌酸) قاتارلىقلار بار.
3-ئەۋلاد: بۇ تۈردىكى دورىلارنىڭ مولېكۇلاسىغا فتورئاتومى كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، باكتېرىيەگە قارشى ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن بولۇپ، ئۈزۈمسىمان شار باكتېرىيەسى، گىرام مەنپىي باكتېرىيىسنى ئۆلتۈرۈش رولى يەنىمۇ ئاشۇرۇلغان. شۇڭا، ئېغىر دەرىجدىكى پۈتۈن بەدەنلىك يۇقۇملىنىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ.دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورىلاردىن TV-100(氟嗪酸) ، فۇلمارك (氟啶酸) ، سىپروفلوكساتسىن (环丙沙星)، ئوفلوكساتسىن (氧氟沙星) ، روفلوكساتسىن (芦氟沙星) ، لېۋوفلوكساتسىن (左氧氟沙星) ، گاتىفلوكساتسىن (加替沙星) قاتارلىقلار بار.
مەنبە: «بىخەتەر دورا ئىشلىتىش ھەققىدە سوئال-جاۋابلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.