ئانتىبىئوتىك دورىلارنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشنىڭ پىرىنسىپى نېمە؟
ۋاقتى: 2016-08-11
ئاۋاتلىقى: 719 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئانتىبىئوتىك دورىلارنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشنىڭ پىرىنسىپى مۇنداق: يۇقۇملىنىشنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش، ئەڭ ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىنى قوغلىشىش؛ بۇ خىلدىكى دورىلارنىڭ ناچار تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئازايتىش؛ دورا مىقدارىنىڭ مۇۋاپىق بولغان-بولمىغانلىقىغا ۋە داۋالاش كۇرسىغا دىققەت قىلىش، دورىغا چىدامچان باكتېرىيە توپىغا بولغان تەسىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلىش؛ مىكرو جانلىقلارنىڭ دورىغا بولغان سېزىمچانلىق تەجىرىبىسى ئارقىلىق، دورىنى شۇ خىل باكتېرىيىگە ماس ھالدا تەڭشەپ ئىشلىتىش ۋە دورا بېرىش يولىنى توغرا بېكىتىپ، ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىش لازىم.