دورىلار خەزىنىسى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بۇرنىدا مونچاق گۆش بار بىمارلار نېمە ئۈچۈن ئاسپىرىننى قەتئىي ئىشلەتمەسلىك لازىم؟

بۇرنىدا مونچاق گۆش بار بىمارلار نېمە ئۈچۈن ئاسپىرىننى قەتئىي ئىشلەتمەسلىك لازىم؟

ۋاقتى: 2016-08-14 ئاۋاتلىقى: 1234 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۇرنىدا مونچاق گۆش بار بىمارلار نېمە ئۈچۈن ئاسپىرىننى قەتئىي ئىشلەتمەسلىك لازىم؟
بۇرۇن مونچاق گۆشى بىر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك. ئۇ بۇرۇن بوشلۇقى ۋە بۇرۇن كاۋاكچىسىدىكى شىللىق پەردىسىنىڭ زىيادە سۇلۇق ئششىشى، ئاندىن ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرىدە تۆۋەنگە ساڭگىلىشىدىن شەكىللەنگەن مونەكچە بولۇپ، ھەقىقىي ئۆسمە ئەمەس. زىيادە سېزىمچان بۇرۇن ياللۇغى بىلەن بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغىدا كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇرۇن شىللىق پەردىسى زىيادە سۇلۇق ئىششىپ، توقۇلمىلار ئارسىدىكى بوشلۇق كۆرۈنەرلىك كېڭىيىدۇ ھەمدە ئارىلىققا سۇيۇقلۇق يىغىلىپ، بارغانسېرى تەرەققىيي قىلىپ، مونچاق گۆشكە ئايلىنىدۇ. يەنە سوزۇلما خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى ۋە بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى تەسىرىدىن پەيدا بولغان يىرىڭلىق ئاجرالمىلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت غىدىقىلىشى تۈپەيلى شىللىق پەردىدە ۋېنا ئەتراپى ياللۇغى ۋە لىمغا كانىلى ياللۇغى يۈز بېرىپ، ۋېنادىكى قان لىمغا سۇيۇقلۇقىنىڭ قايتىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، شىللىق پەردىنىڭ قېلىنلىشى ۋە سۇلۇق ئىشششى كۆرۈلۈپ، مونچاق گۆش شەكىللىنىدۇ. بۇرۇن ئېتىلىپ قېلىش، بۇرۇن بوشلۇقىدىكى ئاجرالمىلار كۆپىيىش، ئېغىزىنى ئېچىپ ئۇخلاش ۋە باش ئاغرىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. ئاسپىرىن پىروستاگلاندىن (PG) نىڭ بىرىكىشىنى تورمۇزلايدۇ ھەمدە لېئۇكوترىنېس (白三烯) ۋە باشقا لىپوكسىگېنازا مېتابولىزم ھاسىلاتلىرىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. بۇ ماددىلار كانايچە سىلىق مۇسكۇلىنى قىسقارتىپ، قان تومۇرنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى كۈچەيتىدۇ. بىمار ئاسپىرىننى ئىشلەتكەندىن كېيىن، بۇرۇن مونچاق گۆشىنى يوغىنىتىپ، بىمارنىڭ نەپەسلىنىشى قىيىنغا توختاش ئالامىتىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا، بۇرۇن مونچاق گۆش كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئاسپىرىننى قەتئىي ئىشلەتمەسلىكى لازىم. 

مەنبە: «بىخەتەر دورا ئىشلىتىش ھەققىدە سوئال-جاۋابلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
بايانات

دورىلار يانبىلوگىغا يوللانغان بارلىق مەزمۇنلار ئەڭ ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ماتېرىياللاردىن تەرجىمە قىلىش ۋە رەتلەش ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈم نەتىجىسى قىلىشقا بولمايدۇ! كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشىڭىز كېرەك! دورىلار ئۈندىدار سۇپىسىغا ئەگىشىۋېلىشنى ئونۇتماڭ، ئىزدەش نامى: dorilar

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى