دورىلار خەزىنىسى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

نېمىشقا قالايمىقان دورا ئىشلىتىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەكس تەسرى جەمئىيەتنىڭ "ئىجتىمائىي ئاپىتى" بولۇپ قالدى دەيمىز

نېمىشقا قالايمىقان دورا ئىشلىتىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەكس تەسرى جەمئىيەتنىڭ "ئىجتىمائىي ئاپىتى" بولۇپ قالدى دەيمىز

ۋاقتى: 2016-10-02 ئاۋاتلىقى: 920 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

نېمىشقا قالايمىقان دورا ئىشلىتىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەكس تەسرى جەمئىيەتنىڭ "ئىجتىمائىي ئاپىتى" بولۇپ قالدى دەيمىز؟

دورىنىڭ ئەكس تەسىرى دوختۇرلار كۆڭۈل بۆلىدىغان كلىنكىلىق تېما بولۇپلا قالماي، يەنە كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي مەسىلە. بەزىلەر بۇنى جەمئىيەتنىڭ "ئىجتىمائىي ئاپىتى" دەپ ئاتاپ، ئاممىنىڭ دىققىتى ۋە ھوشيارلىقىنى قوزغىماقچى بولدى. ئۇنداقتا، بۇ خىل "ئىجتىمائىي ئاپەت"نىڭ يۈز بېرىش ئەھۋالى قانداق؟ نوپۇزلۇق داۋالاش تارماقلىرىدىن كەلگەن ستاتىستىكا ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تارقىلىشچان كېسەل ئىلمىي تەكشۈرۈش ماتېرىيالىغا قاراپ باقايلى:
●خەلقئارالىق نوپۇزلۇق مېدىتسىنا ئورگىنى_____دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى(WHO) مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: "پۈتۈن دۇنيادا 1/3 بىمار دورا ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولمىغانلىقتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ"، "پۈتۈن دۇنيادا 1/7 كېسەل بولۇپ ئۆلگەنلەرنىڭ كېسەل سەۋەبى ئەسلىدىلا بار بولغان كېسەل ئەمەس، بەلكى نامۇۋاپىق دورا ئىشلىتىش".
●ئامېرىكىنىڭ ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە: ھەر يىلى تەخمىنەن 157 مىڭ ئادەم دورىنىڭ ئەكس تەسىرى سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىدىكەن، بۇ سان يۈرەك كېسىلى، راك ۋە سەكتىدىن كېيىنكى ئۆلۈش سەۋەبلىرى تەرتىپى ئىچىدە 4-ئورۇندا تۇرىدىكەن.
●مۆلچەرلىنىشىچە، دۆلىتىمىزدىكى نامۇۋاپىق دورا ئىشلىتىدىغانلار پۈتۈن دورا ئىشلىتىدىغانلارنىڭ %26~%11نى ئىگەللەيدىكەن؛ ھەر يىلى پەقەت دورىنىڭ ئەكس تەسىرى سەۋەبلىكلا دوختۇرخانىدا يېتىپ قالىدىغان بىمارلار 250 مىڭغا يېتىدىكەن.
●ئاساسىي قاتلامدا كېسەل كۆرسەتكەن 160 بىمارنىڭ ماتېرىيالىدا، 100 ئادەم يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە دوختۇرغا كۆرۈنۈپ دورا يازغۇزمايلا ئانتىبىئوتىكلارنى ئىچكەن بولۇپ، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان قىزىتما ۋە زۇكام سەۋەبلىك ئانتىبىئوتىكنى ئىشلەتكەن قېتىم سانى 81، %40نى ئىگەللەيدىكەن.
●يېزىدا تەكشۈرۈشكە قاتناشقان 701 ئىچى سۈرگەن بىمارنىڭ ئىچىدە، %91.7ى ئۈچەي ياللۇغى ياكى ئاشقازان ئۈچەي ياللۇغى بولۇپ، ئوتتۇرىچە دورا ئىشلىتىش سانى 3 خىل، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر پارچە رېتسىپ 2~1 خىل ئانتىبىئوتىكنى ئىشلەتكەن ئىكەن. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، %21.6 ئىچى سۈرگەن بىمار ۋىناغا ئوكۇل سېلىشنى قوللىنىدىغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە %70 ئىچى سۈرگەن بىمار ئانتىبىئوتىكقا موھتاج بولمايدىكەن.
ئوقۇرمەن بۇرادەر، بۇنىڭغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشىڭىز كېرەك، چۈنكى ئاغرىپ قالمايدىغان، دورا ئىشلەتمەيدىغان ھېچكىم يوق، ئەگەر قالايمىقان دورا ئىشلەتسە، كىم بىلىدۇ دورىنىڭ زىيىنى سىز ياكى ئائىلىڭىزدىكىلەرگىمۇ بولامدۇ، ئاڭلاپلا بولدى قىلماي، بۇ زېرىكىشلىق سانلارغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەستايىدىل ئويلىنىپ، ئىلمىي دورا ئىشلىتىش ئېڭى يېتىلدۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش ئېڭىڭىزنى كۈچەيتىڭ. چۈنكى يۇقىرىدىكى ھەربىر گۇرۇپ سان ئىچىدە كېسەل ئازابىدىن ئىڭراش، ھەتتا ھاياتنىڭ ئاخىرلىشىشى بار.

بايانات

دورىلار يانبىلوگىغا يوللانغان بارلىق مەزمۇنلار ئەڭ ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ماتېرىياللاردىن تەرجىمە قىلىش ۋە رەتلەش ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈم نەتىجىسى قىلىشقا بولمايدۇ! كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشىڭىز كېرەك! دورىلار ئۈندىدار سۇپىسىغا ئەگىشىۋېلىشنى ئونۇتماڭ، ئىزدەش نامى: dorilar

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى