ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى خۇسۇسىيەتلىك بۆرەك كېسىلىدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟
ۋاقتى: 2016-08-17
ئاۋاتلىقى: 1646 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئائىلىدە مۇداپىئەلىنىشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان بىر نەچچە خىل ئۇسۇللار
1) قىزىتمىنى ياندۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتىش دورىلىرىنى ئىشلىتىشتە ئىشلىتىش دائىرىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش، پەرز تۇتىدىغان ئەھۋاللاردا قەتئىي ئىشلەتمەسلىك كېرەك. كېسەلنى تېز ساقايتىمەن دەپ خالىغانچە مىقدارىنى كۆپەيتمەسلىك ياكى ۋاقىتنى ئۇزارتماسلىق كېرەك.
2) ئېغىر دەرىجىدە جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارى نورمال يېتىلمىگەن بىمارلار (جىگەر قېتىش، ئېغىر بولغان جىگەر ياللۇغى، ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك جامى-بۆرەك ياللۇغى، بۆرەك يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى، دىيابېت كېسىلى ئاخىرقى باسقۇچىدىكى بىمارلار) قىزىتمىنى ياندۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتىش دورىلىرىنى ئىشلىتىشى چەكلىنىدۇ.
3) قىزىتمىنى ياندۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتىش دورىلىرىنى ئىستېمال قىلغان كىشىلەر قايناقسۇنى كۆپرەك ئىچىپ بېرىشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا سۈيدۈكنى سۇيۇقلاشتۇرۇپ دورىنىڭ بۆرەك نەيچىلىرىدىكى قويۇقلۇقىنى چۈشۈرۈپ، بۆرەك نەيچىلىرىنىڭ زەھەرلىنىپ قېلىشىنى ئازايتىپ، كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
4) قىزىتمىنى ياندۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتىش دورىلىرىنى ئىستېمال قىلىۋاتقان كىشىلەردە يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ئالامەتلەر كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنىشى كېرەك.