جىنسىيەت جەھەتتىكى داۋالاش ھەرگىز «مەخپىيەتنىڭ ئاشكارىلىنىشى» ئەمەس
ۋاقتى: 2016-11-04
ئاۋاتلىقى: 2547 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
جىنسىيەت جەھەتتىكى داۋالاش ئەمەلىيەتتە روھى داۋالاشنىڭ بىر تۈرى، ئۇنىڭ داۋالاشتىكى مۇھىم نۇقتىسى پەقەت سىز ۋە ھەمراھىڭىزنىڭ جىنسىيەت مەسىلىلىرىگىلا قارىتىلىدۇ. فرېئۇد ئېقىمىدىكى بىر روھىي ئانالىزىچى شۇنداق دېگەن: بۇ خىل داۋالاش سىزنىڭ كىچىك ۋاقتىڭىزدىكى مەسىلىلەرنى ئاشكارلىمايدۇ. دەرۋەقە ، بەزى مىساللاردىكى مەسىلىلەر ھەقىقەتەن بىمارنىڭ كىچىك چېغىدىكى كۆڭۈلسىز كەچۈرمىشلەردىن كېلىپ چىققان.
جىنسىيەت جەھەتتىكى داۋالاش جەريانى ئادەتتە قىسقا بولىدۇ، ھەرگىز مەڭگۈ توختىماي داۋام قىلىۋەرمەيدۇ. بۇ جىنسىيەت جەھەتتىكى داۋالاش خۇشاللىنارلىق بىر ئىش ، ئەلۋەتتە. بىر جىنسىي كېسەللىكلەر دوختۇرىنىڭ ئېيتىشچە ، ئەگەر جىنسىي كېسەللىكلەر داۋالىتىش ئۈچۈن، ئۇنى ئىزدەپ كېلىدىغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ نىكاھ تۇرمۇشى كۆڭۈللۈك ۋە نورمال بولسا، داۋالاش مۇددىتى سەككىز ھەپتىدىن 12 ھەپتىگىچە بولدىكەن.
بەزى دوختۇرلارنىڭ قارىشىچە، جىنسىيەت جەھەتتىكى داۋالاش دەرسىگە تېخىمۇ ئۇزاق ۋاقىت سەرپ قىلىش كېرەك ئىكەن. جىنسىيەت جەھەتتىكى داۋالاش دەرسى ھېچقانداق ئەمەلىي جىنسىي پائالىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، ھېچبولمىغاندا، دوختۇرنىڭ ئىشخانىسىدا جىنسىي پائالىيەت يۈز بەرمەيدۇ.جىنسىيەت جەھەتتىكى داۋالاش دەرسنىڭ مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى ھەر ھەپتىدە دوختۇر بىلەن سۆھبەتلىشىش، ئاندىن ئۆيگە قايتىپ ئائىلىدە مەشغۇلات قىلىشتىن ئىبارەت. ئائىلىدىكى مەشغۇلات كۆز قاراش ۋە مەقسەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتەك ئاددىي ئەقلىي پائالىيەتلەر ھەمدە كىتاپ ئوقۇشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئەر-خوتۇنلارنىڭ ھېچقانداق بېسىم بولمىغان شارائىتتا، بەھۇزۇر ئۆتكۈزىدىغان جىنسىي تۇرمۇشتىن لەززەتلىنىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ھېسسىياتنى مەركەزلەشتۈرۈش ھەرىكىتى ياكى «ماشىنا»نى توختىتىش ۋە قوزغاش ماھارەتلىرى مەنىي بالدۇر كېتىش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان ماھارەتلەرنىڭ ھەممىسى ئائىلىدىكى مەشىقلەر بولۇپ ئىنتايىن مەخپىي بولىدۇ. شۇڭا، دوختۇرنىڭ ئالدىدا ئادەمنى ئوسال قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا توغرا كېلەرمۇ دەپ ئەندىشە قىلىشىڭىز ھاجەتسىز.