جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشتا داۋاملىق كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان خاتا قاراشلار

ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشتا داۋاملىق كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان خاتا قاراشلار

ۋاقتى: 2016-10-03 ئاۋاتلىقى: 5055 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. ئاتالمىش ئەر-خوتۇنلارنىڭ جىنسىي تۇرمۇش ماسلىشىشچانلىقى
ئاتالمىش ئىككى پىشىپ يېتىلگەن كىشى ئوتتۇرىسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەت ئىناقلىقىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق بىرىنچى قەدىمى بولسا: قارشى تەرەپنىڭ ئۆزى ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلىنى ئېنىق تونۇشتۇر، ئاندىن ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىناق بولغان جىنسىي بەخىتنى قولغا كەلتۈرىدۇ .
2. ئادەتتە يۈز بەرگەن جىدەل-ماجرا جىنسىي ھەۋەسنى تۆۋەنلىتىدۇ 
ھەمراھلار مۇناسىۋەتى ناچار بولسا تەبىئىيلا جىنسىي تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ . بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئەگەر ئۆز-ئارا ھەل قىلغىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە بىرەر كەسپى ئادەمدىن ياردەم سوراش كېرەك ، بۇنداق بولغاندا زۆرۈر بولمىغان توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئىككى ئادەمنىڭ مۇھەببەتنىڭ خوراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى ۋاقىتتا مۇناسىۋەتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ . ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ھەر خىل توقۇنۇش ۋە ئازابلار ئىككى ئادەمنى باغلىۋالىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا قۇتۇلۇش ناھايىتى قىيىن . 
3. ئازابقا باغلىنىپ قالغان ھەمراھلار
مۇناسىۋەت ياخشىلاش سىلەرنىڭ ھازىرقى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپەڭلار. نۇرغۇن كىشىلەر مۇناسىۋەتكە قارىتا ئالىبۇرۇن ئۈمىدسىزلىنىپ بولىدۇ، ھەم مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنىڭ مۇھىملىقىغا سەل قارايدۇ. پەقەت ھەممە نىشاننى جىنسىي ئېھتىياج ھەل قىلىشقا قارىتىدۇ. بۇ خىل تۆگە قۇش پىسخىكىسى پەقەتلا مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرىدۇ ، جىنسىي ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە بولۇپ كېتىدۇ . 
4. ھەمراھىدىن قۇتۇلماقچى بولغانلار
ئەگەر ھەر ئىككىلى ئادەمنىڭ مۇناسىۋەتنى ئۆزگەرتىش  مەقسىتى بولسا ئۇنداقتا قارشى تەرەپكە پۇرسەت بېرىش كېرەك . شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ھەر كۈنى پەقەت  30 مىنۇت ئارام ئالىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا ھەممە توقۇنۇش ۋە ئازابنى بىر تەرەپكە قايرىپ ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ، قارشى تەرەپكە ئۆز-ئارا نەپەس ئالغۇدەك ۋاقىت بېرىپ مۇھەببەتنىڭ كىرىشى ئۈچۈن پۇرسەت بېرىڭ . مۇھەببەت بارا-بارا كۈچىنى كۆرسىتىپ جىنسىي تەبىئىيلا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ . 
5. جىنسىي ئېھتىياجى ماسلاشماسلىق 
ئېرى ئايالىنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنىڭ سوغۇقلىقىدىن ئاغرىنىش ، ئايالى ئېرىنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىدىن ئاغرىنىش بولسا ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان ئاغرىنىشنىلار . ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇنىڭغا قارشى بولغان ئىشلارمۇ بەزىدە يۈز بېرىدۇ . پەقەت جىنسىي ھەۋىسىنى كونتىرول قىلىش بولسا داۋاملىق ئاياللارنىڭ ئەڭ ئۇستا قابىلىيىتى ، ئەمما ئاياللار مەسىلىنى ئېرىنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرۈش ياكى كۆرمەسلىكىگە يۆتكەپ ناھايىتى ئاسانلا تەڭپۇڭسىزلىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن . 
كىمنىڭ جىنسىي ھەۋىسى ئارتۇق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ئۆز-ئارا ھاقارەتلەپ تەنقىدلەشتىن ساقلىنىشنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇشى كېرەك.
جىنسىي  ھەۋىسى كۈچلۈك بولغان تەرەپكە: 
ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى بىئارام قىلىشقا نىسبەتەن ، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان سىز ھەرگىزمۇ بۇنداق قىلىشنى خالىمايسىز . شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى پەقەت چەكسىز ئەسلەشكە تولغان تەجرىبە ئاندىن كىشىنى كېيىنكى قېتىمنىڭ بالدۇرراق كېلىشىگە تەقەززا قىلىدۇ . 
جىنسىي ھەۋىسى تۆۋەنرەك بولغان تەرەپكە : 
ھەرگىزمۇ بىر قىسىم غەلىتە باھانىلەر تېپىپ قارشى تەرەپنىڭ كۆزىنى بويىماڭ ، ئېنىق قىلىپ بۈگۈن مەيلىڭىزنىڭ يوقلىقىنى ئېيتىڭ ، ئەمما قارشى تەرەپكە بىر مۇمكىن بولغان ۋاقىتنى ئېيتىپ بېرىپ قارشى تەرەپنىڭ چەكسىز ئۈمىدسىزلىنىش تۇيغۇسىغا تولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ . شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا قارشى تەرەپنىڭ بۇ مەزگىلدە جىنسىي ھەۋىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى تەلەپ قىلىپ ، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئىشلارنى قىلىڭ ، مەسىلەن ، ئۇۋۇلاش ، سىيلاش قاتارلىق سىزنىڭ جىنسىي ھەۋىسىڭىزنىڭ قوزغىلىشىغا ياردىمى بولغان ھەرىكەتلەرنى قىلىڭ ، شۇنىسى ئېسىڭىزدە بولسۇنكى جىنسىيمۇ يېقىنلىقنى ئاشۇرىدىغان ئۇسۇللارنىڭ بىرى . 
6. جىنسىي  تۇرمۇشتا چارچاش
ئەگەر توي قىلغىنىغا 10 يىل بولغان  بولسىمۇ يەنىلا ئاشۇ ئۆلچەملەشكەن نەچچە خىل ئۇسۇل بولسا ھەرقانداق ئادەمنىڭ قىزىقىشى ئازلاپ كېتىدۇ . «فورمۇلالاشقا جىنسىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇش »تا ئاياللار پەقەت ئېرىنىڭ تېخنىكىسىنىڭ قالاقلىقىدىن ، پەقەت ئىسپېرما قويۇپ بېرىشكىلا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنىدىن ئاغرىنىدۇ ؛ «فورمۇلالاشقا تاقابىل تۇرۇش » تا كونا قائىدە يوسۇنلارغا ئېسلىۋېلىپ يېڭىلىقنى سىناپ باقمايدىغان ئايالغا چىداپ بولالمايدۇ . باشقىلارنىڭ شۇنچە يېقىنلىقىغا ھەۋەس قىلىشنىڭ ئورنى يوق ،  ئۆز-ئارا ئوچۇق-يورۇق بولۇشنى سىناپ باقسا يېڭى بىر ئوت يالقۇنى پەيدا بولىدۇ . 
زېرىكىشلىك ئايالىغا : 
باشقىلاردىن ياردەم سورىغاندىن كۆرە ئۆزىدىن ياردەم سورىغانلىق ياخشى ، ئۇنىڭ قېلىپلاشقان ئادىتىدىن زىرىككەن بولسا ئۇنداقتا ئۆزى يېڭى ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدۇ ، تەشەببۇسكارلىق رولىنى ئويناپ مۇھىتنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، كەيپىياتنى كونتىرول قىلسىڭىز سىزنىڭ جىنسىي تۇرمۇشىڭىزغا يېڭىلىققا تولىدۇ ، ناھايىتى ئاز ساندىكى ئەرلەر بۇنىڭدىن رازى بولمايدۇ . 
ئامالسىز ئېرىگە : 
ئايالىڭىز ياردەملىشىپ بەرمىسە ئۇنى زورلاش ناھايىتى قىيىن . ھەرگىز بەل قويىۋەتمەڭ ، «مۇھەببەتنى يېڭى باشتىن كەچۈرۈش » كىتابىدىن بىر قانچىنى سېتىۋېلىپ ئۇنىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرسىڭىز ئۇنىڭغا يېڭىچە ئىدىيە قوشۇلىدۇ . ئەگەر پۈتۈنلەي پىكىر ئالماشتۇرۇش مۇمكىن بولمىسا ئۇنداقتا ئۇنىڭ قەلبىدە بىر قىسىم سىرى ئېچىلمىغان سىر بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ ، بۇنىڭغا قارىتا مۇتەخەسسىسلەرنى تېپىپ سۈرۈشتە قىلىپ بېقىڭ . 
ئەسكەرتىش : 
ھەرگىز بىر قىسىم شەھۋانىي فىلىملەرنى ئۆگىنىش ماتېرىيالى قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۈگەنمەڭ ، ياكى بىر مۇنچە ھەۋەس بويۇملىرىنى ئۇنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئېلىپ بەرمەڭ . سىز ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن يېڭى جىنسىي تەدبىرنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلمىگەن ۋاقىتتا ، قاراملارچە ئۇنى جىنسىي ئىپادىلەش جەھەتتە تېخىمۇ زور ئۆزگىرىش قىلىشىنى تەلەپ قىلماڭ ، بۇنداق بولغاندا يامان تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن . 
7. جىنسىي قاتنىشىشچانلىقى تۆۋەن بولۇش 
قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ماسلىشىپ قىلىدۇ ، ئەمما ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ئۇنىڭ كۆڭلى تالادىكى بىر ئىشقا مەركەزلەشكەن بولۇپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش قىلچە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ . ئەڭ ناچار كىشىلەر يەنە تېخى بىر تەرەپتىن تېلېۋىزور كۆرىدۇ، يەنە بەزى كىشىلەر ئىشنى پۈتتۈرۈپ بولۇپلا ئۇخلاپ قالىدۇ ، يۇيۇنغىلى قوپىدۇ ، ياكى يەنە بېرىپ كومپيۇتېرنى قۇچاقلاپ ئولتۇرىدۇ ، ھېسسىياتى ناھايىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ھەمراھى يالغۇز رولغا چىقىدۇ ، ھەم ھېسسىياتىغا سوغۇق سۇ سېپىدۇ . 
كۆڭلى بىر يەردە بولمىغانلارغا :
ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ  نېمە سەۋەب سىزنىڭ مۇھەببەتنى ئۇنتۇپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن ھۇزۇرلىنىشىڭىزغا توسالغۇ كۆرسىتىدۇ؟ ئەگەر ھەمراھىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا ئۇنداقتا ئۇنىڭ بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ بېقىڭ ، ھەمراھڭىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسا ئۇنداقتا ئۇنى چۈشىنىپ بېقىپ قارشى تەرەپنىڭ غەلىتە ئوڭۇشسىزلىققا تولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ . جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتە پۈتۈپ زېھىنى بىلەن قاتنىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىڭ ، چۈنكى قاتنىشىش بولسا ئەڭ تەبىئىي ئەڭ گۈزەل بولغان ھېسسىياتنى ئىلگىرى سۈرگۈچىدۇر . 
ئەپسۇسلىنارلىق يالغۇز ئورۇنلىغۇچىغا : 
ھەرگىز ئاچچىقلىماڭ ھەم ئالدىراپ ئەيىبلىمەڭ ، بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەندە ، ئۇنىڭدىن ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن بۇنىڭدىن ھۇزۇرلانماسلىقنىڭ سەۋەبىنى سوراڭ . چىن كۆڭلىدىن پىكىر ئالماشتۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم ، مۇۋاپىق ھەم تەپسىلىي قىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ ئۈمىدىنى ئېيتىڭ . ھەرگىزمۇ تومتاقلا قىلىپ «سىز ماڭغا كۆڭۈل بۆلمەيسىز »دىمەڭ . تەپسىلىي قىلىپ «جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ، يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن ئەگەر بىز ناھايىتى يېقىن قۇچاقلاشساق مەن ناھايىتى يېقىنلىق قىلىمەن »دەپ ئېيتىڭ . بەزى ۋاقىتلاردا قارشى تەرەپ پەقەت باشقىلارنىڭ ئەسكەرتىپ قويۇشىغا مۇھتاج ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قارشى تەرەپنىمۇ ئۆزىنىڭ ئۈمىدىنى ئېيتىشقا ئىلھاملاندۇرۇڭ . ئىككىلى ئادەمنىڭ ئېھتىياجى كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشسە يېقىنلىقى ئېشىپ مۇھەببىتىمۇ ناھايىتى ئاشىدۇ. 
8. كۆڭلىدە يېقىنلىق يوق ، رومانتىكلىق ئىقتىدارى كەمچىل بولۇش 
يېڭى دەۋرىدىكى كىشىلەرنىڭ جىنسىي قارىشى بىر قەدەر ئوچۇق-يورۇق ، شۇڭا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىكى يېقىنچىلىقتىن ياخشى ھۇزۇرلىنىشى كېرەك . ئەمما خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېغىر بولۇشى ، ئۇچرىشىش ۋاقتىنىڭ ئاز بولۇشى ، ئەركىن- بولىدىغان ۋاقىت چەكلىك ، خىزمەت ،تۇرمۇش ،مەسئۇلىيەت ، بېسىمنىڭ باغلىقى ئاستىدا ياشاۋاتقان زامانىۋى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىر يىلدا نەچچە قېتىم كېلىدىغان ئارام ئېلىشتىن پايدىلىنىپ يېقىن ھەم رومانتىك بولىدۇ . 
سىلەر ئۇچرىشىش ۋاقىتى ۋە سۈپىتى جەھەتتە ئەگەر ياخشىلاش ئېلىپ بارمساڭلار ئۇنداقتا سىلەرنىڭ مۇناسىۋەتىڭلارغا ئاستا-ئاستا  تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىڭلارمۇ ؟ ئەمەلىيەتتە يېقىنلىقنى ساقلاشقا ئۇنچىۋالا كۆپ ۋاقىت ۋە قۇۋۋەت كەتمەيدۇ ، پەقەت ئىككى ئادەمنىڭ ئۆز-ئارا يېقىنلىقنى ياخشىلاش  ئورتاق قارىشى بولسىلا ئۇنداقتا ياخشىلاش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ . تۆۋەندە ئىككى خىل ئۇسۇل بېرىلدى ، سىلەرگە ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن . 
ھەر كۈنى يېقىن بولۇش ۋاقىتنى بېكىتىش : سىلەر ئىككى ئادەمنىڭ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش ۋاقىتىغا ئاساسەن ، ئەڭ مۇۋاپىق بولغان يېقىن بولۇش ۋاقىتىنى تېپىپ چىقىپ 10 مىنۇتتىن 1 سائەتكىچە ئېلىپ بارساڭلار بولىدۇ . بۇ ۋاقىتتا كۆڭۈلدىكى بارىلىق ئىشلارنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ ھەممە دىققىتىنى ھەمراھنىڭ بەدىنىگە مەركەزلەشتۇرۇش كېرەك . ئىككى ئادەم ئوخشاش ۋاقىت ئىشلىتىپ ئىككى ئادەم ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ ، مەسىلەن ئۆز-ئارا ئۇۋۇلاپ قويۇش ، بۈگۈنكى كەيپىياتنى ھەمبەھىرلەش ، قارشى تەرەپنى ماختاپ ئىلھاملاندۇرۇش ، ئۆز-ئارا بەدەن سوزۇش ھەرىكىتىنى قىلىش ، بىللە يۇيۇنۇش قاتارلىق . ئىككىڭلار يېڭىچە ئۇسۇلنى تېپىپ چىقساڭلار تېخىمۇ ياخشى . 
ئەڭ ياخشىسى تېلېۋىزور كۆرمەڭ ، ھەم بۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ بەزى ئىشلاردىن نارازى بولماڭ ، چوقۇم ئىككى ئادەمنىڭ خۇشال بولۇشنى پىرىنسىپ قىلىڭ . سىزنىڭ نارازى بولۇشىڭىز ئۈچۈن يەنە 23 سائەت ۋاقىتىڭىز بار ، شۇڭا بۇ قىسقىغىنە ۋاقىتنى نارازى بولۇش بىلەن بۇلغىماڭ ، بولمىسا سىز بۇ نەچچە مىنۇت يېقىن ئۆتۈشتىنمۇ مەھرۇم قالىسىز . 
بۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىققا سەل قارىماڭ ، ھەر كۈنى 10 مىنۇت قىلىپ بەرسىڭىز يېقىنلىق ئاشىدۇ ، 20 مىنۇت بولسا مۇھەببەتكە قايتا ئوت تۇتىشىدۇ ، 30 مىنۇت بولسا يىرتىلىش خەۋپىگە ئۇچرىغان مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ . 
ئەركىن-ئازادە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ۋاقىتنى كېلىشىش : ھەر ھەپتىدە ياكى ھەر ئىككى ھەپتىدە ئىككى ئادەم ناھايىتى ئەركىن-ئازادە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدىغان ۋاقىتنى كېلىشىش ، كەم دىگەندە يېرىم كۈن ، ئەڭ ياخشىسى ھەپتە ئاخىرىدىكى بىر كېچە ئارام ئېلىپ روھىي ۋە جىسمانىي ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولغاندا ئەركىن-ئازادە ئاستا-ئاستا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە بولىدۇ . ئىككى ئادەم بۇ پۈتۈشۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كەيپىيات ، مۇھىت جەھەتتە ناھايىتى ياخشى تەييارلىق قىلىشى كېرەك . ھەمراھى بىلەن جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى بىرلىشىپ كەتكەن بىر قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئېلىپ كەلگەن ئەركىن-ئازادىلىك ، قانائەتلىنىش ۋە خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەن ئېنىرگىيە بېسىمىنى تېخىمۇ يوقىتىدۇ .  

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى