جىنسى ساۋاتلار ( توي قىلمىغانلار كىرمەڭ)
ۋاقتى: 2016-06-28
ئاۋاتلىقى: 17027 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
كۆپىنچە كىشىەر جىنسى ساۋاتتىن خەۋەرسىز بولغاچقا ،جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىكى قائىدە قانۇنيەتلەرنى بىلمىگەنلكى ئۈچۈن ،جىنسى تەلەپكە قانالماسلىق ياكى ئۆز ئايالىنىڭ جىنىس تەلىپىنى قاندۇرالماسلىقتەك ئەھۋاللار مەۋجۇت . شۇ سەۋەبلىك ئائىلىدە جىدەل ماجىرا تۈگىمەيدۇ .ئىناق تۇرمۇش بۇزۇلۇپ ئاخىردا نىكاھتىن ئاجىرشىش ،ئەر كىشى روھى جەھەتتىن قاتتىق زەربىگە ئۇچىراش ،ھەتتا بىر ئۆمۈر سەرسانلىقتا ئۈتۈش بىرگە مالخۇلىيا ياكى ھەرخىل نېرۋا كېسەللىلىرىگە ئېلىپ بارىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ،ئۇيغۇر تىبابەت ھەۋەسكرلىرى ۋە كەسىپكارلىرىنىڭ جىنسى ساۋاتلارنى ئەرلەركېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغۇچى بىمارلارغا توغرا رەۋىشتە چۈشەندۈرىشى ،كەمسىتمەسلىكى ،ئۇلارغا روھى جەھەتتىن مەدەت بىرىشى كېرەك . بۇلۇپمۇ يېڭى توي قىلغانلا ،جىنىسى ساۋاتتىن خەۋىرى يوق كىشىلەر تۆۋەندىكىلەرنى بىلىشى بەكمۇ زۈرۈر.
ئالددى بىلەن جىنسى پائالىيەتنىڭ ئادەمنىڭ تەبىئى ئىقتىدارى ئىكەنلىكىنى چۈشىنش ،مۇۋاپىق شارائىتتا جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ،تەبىئى بۇلۇش ،جىددىيلەشمەسلىك كېرەك . ئارتۇقچە چارچىغاندا ،ئوي -پىكىرىنى يېغىپ مۇلاھىزە قىلىۋاتقاندا جىنسى تالاپ بەك كۈچلۈك بولمايدۇ.ئەگەر ئەر-ئايال ئۆز-ئارا بىر -بىرىنى چۈشەنمىسە ،بىر -بىرىگە كۈيۈنمىسە ،بىر تەرەپنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئىش كۆرسە ،قانائەتلىنىەرلىك نەتىجىگە ئىرىشكىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە . شۇڭا ، روھى ھالەتنىڭ ساغلام بۇلىشى جىنسى تۇرمۇشنىڭ نۇرمال ئۆتكۈزلىشىدكى مۇھىم ھالقا بۇلۇپ ھېسابلىندۇ.نىكاھلىنىش جىنسى تۇرمۇشنىڭ باشلىنشى بۇلۇپ ،مۇقەرەر ھالدا تۇنۇشۇش ۋە پىششىقلاش جەريانى بۇلىدۇ. شۇنى ئىتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى ،دسلەپتە ھەرخىل «ئوڭۇشسىزىقلار» يۈز بىرىدۇ. بۇ نۇمال ھادىسە ،ئۇنى ئاستا-ئاستا يەڭگىلى بۇلىدۇ . ھەرگىزمۇ تەشۋىشلەن،مەسلىك لازىم .بولمىسا روھى ھالەتتە جىدديىلىك شەكىللىنىپ ئىشلار تېخىمۇ <<ئوڭۇشسىز >> بۇلىدۇ.
توي كىچىسى ھەر ئىككى تەرەپتە تەشۋىشلىنىش روھى ھالىتى بۇلىشى مومكىن .يىگىت جىنسى تۇرمۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق بۇلۇش -بولماسلىقىدىن ،قارشى تەرەپكە ئازار كەلتۈرۈپ قويماسلىقىدىن ئەنسىرسە ،قىز جىنسى تۇرمۇشنىڭ قانداق ئازاپ ئېلىپ كىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ . بۇ خىل ئوي -پىكىرلەرنىڭ ھەممىسى جىنى تۇسالغۇ پەيدا قىلىدۇ..قىز -يىگىتەرنىڭ جىنسى بىلىمگە بولغان تۇنۇشى يىتەرلىك بولمىغاچقا ،تاسادىپىي كۈرۈلگەن << ئوڭۇشسىزلىقلار >> نى جىنسى تۇرمۇش مەغلۇبىيىتى دەپ قارايدۇياكى يىگىتلەر ئۆزلىرىنىڭ جىنسى ئىقتىدارنى ساغلام ئەمەس دەپ قاراپ ،ئىشەنچىسىنى يوقىتىىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ساغلام بولمىغان روھى -ھالەت شەكىللىندۇ.
يۇقىردا شەرھلەپ ئۆتكەندەك ،ئەر -ئاياللارنىڭ جىنسى ھېسياتىنىڭ قوزغىلىشى ۋە جىنسى ھەركەتنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى جەھەتتە زور پەرىقلەر بۇلىدۇ. ۋاقىت جەھەتتىنمۇ نىسبەتەن زور پەرىق بۇلىدۇ.ئەگەر بۇ مەسىلىدە چۈشەنچە ئىنىق بولمىسا ، ئوبدان ماسلىشالماي ئىختىلاپ يۈز بىرىپ ،ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ئادەتتە ئەرلەرنىڭ جىنىسى ھەۋىسى جىنسى ئەزالىرى ئارقىلىق ئىپادىلىندۇ.ئۇلارنىڭ ھەۋىسى كۈچلۈكرەك بۇلۇپ ،تىز قوزغىلىپ تىز يانىدۇ.پۈتۈن جەريان پەقەت 1-2 مىنۇتلا بۇلىدۇ.ئاياللارنىڭ جىنسى ھەۋىسىنىڭ ئىپادىلىنىشى نىسبەتەن مۇرەككەپ بۇلۇپ ،ئادەتتە ئۆزىگە خاس ،پاسسىپ ،ئاستا بۇلىدۇ. بەزى پىسخولوگىيەلىك ئامىللار ۋە سىرتقى ئامىللارنىڭ تەسىرگە ئوڭايلا ئۇچىرايدۇ.ئادەتتە كۆڭۈل ياساشنى ،سىيلاشنى تەلەپ قىلىدۇ.يىتەرلىك ھاياجانلانغاندىن كىيىن جىنسى تەلەپ شەكىللنىدۇ. بۇنىڭغا كىتىدىغان ۋاقتىمۇ ئۇزۇنراق بۇلىدۇ.
توي كىچىسى ئەر تەرەپ قوپاللىق قىلماي ،يىقىملىق سۆزلەر بىلەن ئايالىنىڭ كۆڭلىنى ياسىسا ،سىيلاش ئارقىلىق كۆڭلىنى ئىزھار قىلسا ،ئايال تەرەپتە قورقۇش كەيپىياتى تۈگەپ يولدىشىنىڭ تەلىپنى قۇبۇل قىلىدۇ. ئايال تەرەپ ئاكىتپ ماسلىشىپ ئەردىكى جىدديلىشىش كەيپىياتىنى يوقتىش لازىم . جىنسى ئالاقە قىلغاندا ئەر تەرەپ ئىمكانقەدەر ئۆزىنى تۇتۇۋالسا ،ئايال تەرپ ئىمكانقەدەر ماسلىشىپ بەرسىلا ،ئورتاق قانائەت ھاسىل قىلغىلى بۇلىدۇ . مەنىي قۇيۇپ بەرگەندىن كىيىن ،ئەر تەرەپ ئاسانال ھارغىنلىق ھىس قىلىدۇ ،جىنسى ھېسياتنىڭ پەسىيشىمۇ تىزىراق بۇلىدۇ،ئايال تەرەپ جنسى ھېسياتنىڭ پسىيىشى ئاستىراق بۇلىدۇ .شۇڭا ،ئايال تەرەپنىڭ كەيپىياتى ئەسلىگە كىلىپ بولغىچە ساقلاش لازىم . شۇنداقلا ئاياللارنىڭ جىنسى ھەۋىسىنىڭ قوزغىلىشى ھەيىز دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ . ئادەتتە ھەيىز دەۋرىنىڭ ئالدى -كەينىدىكى بىر نەچچە كۈن ۋە تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدە جىنسى ھەۋىسى كۈچلۈك بۇلىدۇ. ئەر بولغۇچى ئايالىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىنى چۇقۇم بىلىشى ،ۋاقىت خاتالىقى سادىر قىلماسلىقى لازىم .
جىنس تۇرمۇشتا تازلىققا ئەھمىيەت بىرىش زۈرۈر .بولمىسا كېسەل پەيدا بۇلۇپ ،جىنسى تۇرمۇشقا تەسىر يىتىدۇ.
يۇقىرقىلارنى يېغىنچاقلىغاندا ،قىز -يىگىتلەر نىكاھلىنىشتىن بۇرۇن دوختۇرخانىغا بېرىپ سالامەتلىك تەكشۈرتسە ياكى مەسلىھەت سوراپ ئاندىن نىكاھلانسا تۇرمۇشى تېخىمۇ كۆڭۈللۈك بۇلىدۇ.
جىنسىيەتكە ئائىت تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار جىنسىيەت (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) ئۈندىدار سۇپىسىدا!
Tags: