ئەر-خوتۇنلارنىڭ جىنسىي ئەزاسى ھەققىدە
ۋاقتى: 2016-03-03
ئاۋاتلىقى: 15397 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئاللاھ مۇشۇ ئىككى جىنىسنى ياراتقان چاغدا شۇنداق ھېكمەت بىلەن يارىتىپكەنكى، ئادەملەرنىڭ بوي ئېگىزلىكى ۋە جىنسىي ئەزاسىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىدە پەرق بولغىنى بىلەن جىما قىلىشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىغا سايماننىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە پەپەشنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئانچە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىمايدىكەن. بۇنىڭ ساغلام بولۇشى ۋە ئىككىسىنىڭ مۇھەببىتى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىكەن.
ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچىدە ئايال كىشىنىڭ جىنسىي ئازاسىنىڭ ئىلاستىكىلىقى ئەڭ يۇقىرىمىش.
ئۇنىڭ تۈزۈلۈشىگە قارايدىغانلا بولساق، ئۇنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىمايدۇ. سايماننىڭ ئۇزۇن بولۇشى ياكى دىيامېتىرىمۇ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىمايدۇ. ئايال كىشىنىڭ بوي ئېگىزىلىكى قانچىلىك بولسۇن، ئەر كىشىنىڭ بوي ئېگىزلىكى قانچىلىك بولسۇن، ئەر كىشىنىڭ سايمىنى قاتقان چاغدىكى ئۇزۇنلۇقى 10-16 سانتىمېتىر بولغانلىرىنىڭ ھەممىسى نورمال بەدەنلىك ئايللارنىڭ ھەممىسىگە لايىق كېلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتتىكى يۇقىرى پەللىسىگە يېتەرلىك بولىدۇ. چۈنكى، ئېسىمىزدە بولسۇن، ئايال كىشىنىڭ جىنسىي ئالاقىدە يۇقىرى ھۇزۇر ئېلىشىدا مۇھەببەتلىك ئىپادە خېلىلا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
سايمان قانچە توم بولسا، قانچە ئۇزۇن بولسا ئايال كىشىگە شۇنچە ياخشى دېيىش ھەرگىز توغرا قاراش ئەمەس. ئايال كىشىنىڭ جىنسىي ئازاسىنىڭ ئىچى ئۇنچە ئۇزۇن ئەمەس. شۇڭا، سايمان بەك ئۇزۇن بولسا، تولۇق كىرىپ بولالماي، يېرىمى سىرتىدا قالىدۇ، بەك ئىتتىرسە ئايال كىشىنىڭكىنى ئاغرىتىشى مۇمكىن. ھەم بەك تېرەلسە مەنى بالدۇر چىقىپ كېتىپ، ئوقى تۈگىسە چاتاق بولىدۇ. بۇنى ئاز دەپ، تولۇق ئىچكىرىگە كىرگۈزەلمىسە ئەرنىڭ جىنسىي ئالاقىدىكى ئىنتىلىدىغان، تۆۋى بىلەن تەڭ كىرگۈزۈپ ئايال كىشىىنىڭ بەدىنىگە تولۇق چاپلىشىپ ئالدىغان ھوزۇرغا تەسىرى ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن. بەك توم بولسا، ئايال كىشىنىڭكىدە قىسىلىپ ئازراقلا سۈركەلسە مەنى چىقىپ كېتىدىغان ئىشلار بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئايال كىشىگە لازىملىقى ئاغرىتىش ئەمەس. ھەم ئايال كىشىنىڭ بەرىبىر ئۇزاقتا كېلىدۇ.
دېمەكچى بولغىنىم، سايمان بەك ئۇزۇن ۋە بەك توم بولسا، سەل قولايسىزلىق كەلتۈرۈشى مۇمكىن. ئەكسىچە، سەل كىچىكرەك بولغىنى سۈركۈلۈشى بەك چىڭ بولمىغانلىقتىن جەڭنى ئۇزاققا سوزۇپ ئايال كىشىنىڭكىنى يۇقىرى پەللىسىگە چىقىرىشقا پايدىلىق بولىدۇ. شۇڭا، دەيمەن، ئۇزۇنلۇقى 10-16 سانتىمېتىر، توملۇقى دىيامېىتىر 3-4 سانتىمىېتىر بولغىنى ئەڭ نورمال ھېسابلىنىشى مۇمكىن.
سايمان بەك ئۇزۇن ۋە بەك توملارمۇ ئىمكانقەدەر ئايال كىشىنىڭكىنى كەلتۈرۈشكە قول بىلەن (تۇتۇپ سىلاپ) خىزمەت ئىشلەپ، ئۇنىڭكىنى خېلى بىر پەللىگە ئاپىرىپ ئاندىن سايماننى سالمىسا، ئۇنىڭكىنى ئاغرىتىشى مۇمكىن.
ھېچ بىر مۇقەددىسىمى يوقلا، ئۇدۇل ئاپىرىپ ئايالنىڭكىگە كىرىگۈزىۋالغان بىلەن، ئۇ پەقەت ئاغرىقنى سېزىدۇ. نەچچە سۈركىسىڭىز سىزنىڭ ئوقىڭىز تۈگەيدۇ. ئايال كىشى، بولۇپمۇ يېڭى توي قىلغان ئايال كىشىلەر جىنسىي ئالاقىنىڭ نېمىلكىنى تېتىپ باقمىغاچقا، باشلىنىشىدىن باشلاپ مۇشۇنداق داۋام قىلىۋەرسە، ئەر دېگەن مۇشۇ چېغىۋا، جىنسىي مۇناسىۋەت دېگەن مۇشۇ چېغىۋا دەپ كېتىۋېرىدۇ. جىنسىي سۇسلۇق بولىدۇ. كېلىشەلمىدۇق دەپ ئاجرىشىدىغان ئىشلار نىڭ تولىسىدا مۇشۇ جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ھۇزۇرىنى كۆرمەي، بۇنىڭ نېمىلىكىنى ياخشى بىلەي ئاجرىشىپ كېتىدىغان كۆپ بولۇشى مۇمكىن. سىرتتىن قارىغاندا، ھەر ئىككىسى ياخشىدەك كۆرۈنىدۇ. بۇ جەھەتتىكى ئىشىنى خەققە دېگىلى بولمايدۇ. ئەخلاق ياكى مىجەزدە كېلىشەلمىدۇق دېگەنلەرنىڭمۇ بەلكىم تۇرمۇشىدا مۇشۇ جىنسىي ھۇزۇرىنى ياخشى تېتىمىغانلىقى ھەسسە قوشقان بولۇشى مۇمكىن.
ئاخىرىدا قايتا تەكىتلەيدىغىنىم، چوقۇم ئايال كىشىنىڭكىنى يۇقىرى پەللىسىگىچە چىقىرىشنى ئەر كىشىلەر ئېسىڭلاردا بولسۇن. شۇ چاغدىلا ھەر ئىككىڭلار داۋاملىق مۇھەببەتنىڭ شېرىن تەمىنى تېتىپ ياشايسىلەر.
يۇقىرىدىكى بۇ مەزمۇن ساغلام ھالەتتىكى ئەر-ئاياللارغا توغرا كېلىشى مۇمكىن. يەنە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەر-خۇتۇنلارغا توغرا كەلسە، بەزى ئەر-خوتۇنلارغا ئانچە ماس كېلىپ كەتمەسلىكىمۇ مۇمكىن. پايدىلىق دەپ قارىغان تەرەپلىرى بولسا قوبۇل قىلىپ، بىر تەرەپلىمىلىك سىزگە توغرا كەلمىگۈدەك بولسا، مۇشۇنداق ئەھۋالمۇ باركەن دەپ بىلىپ قالسىڭىزلا بولىدۇ.
مەنمۇ پەقەت بىر خوتۇن بىلەنلا ئۆتۈپ كېتىۋاتىمەن. باشقا ئەر-ۋە باشقا ئاياللارنىڭكىنى كۆرۈپ باقمىغاچقا، ھەم ئۇلار بىلەن توي قىلىپ جىما قىلىپ باقمىغاچقا، ئەملىي ئەھۋالغا چۈشمەيدىغان تەرەپلىرى بولۇشى مۇمكىن. خاتا سۆزلەپ قويغان بولسام ئەپۇ قىلىڭلار.