سېرىق شەھۋانىي بويۇم ۋە شەھۋانىي موھىتنىڭ ياشلارغا قانداق زىيىنى بار
ۋاقتى: 2016-09-02
ئاۋاتلىقى: 3463 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم 80خالتا بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى، ياشلارنىڭ دوستى بىرزات ئەپەندىم ، بۇ بلوگدا سېرىق مەزمۇن ھەم شۇنداق كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەنلىگى ھەققىدە كۆپ مەزمۇنلار بار ئىكەن. سوراپ باقسام سىرىق مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆپ كۆرۈشنىڭ زادى قانداق زىيىنى بار؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز؟!!!
جاۋاپ: ئىلگىركى مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردا بايان ئەتكىنىمىزدەك سېرىق مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆپ كۆرۈش ھەم شۇ خىل موھىتتا ئۇزۇن ۋاقىت ياشاش ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام تەن، ساغلام پىسخىك ساپا بىلەن ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئاز بولمىغان سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. بالاغەتكە يەتكەندىن كىيىن ئۇزۇن ۋاقىت <<سېرىق>> موھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا ھەتتا سېرىق مەزمۇندىكى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈشكە خۇمار بولۇپ قىلىش دەرىجىسىگە بىرىپ يەتسە رېئال تۇرمۇشتا جىنسىي شەھۋەت سۇس بولۇش (ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان بولماسلىق ) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۈرەك ، مېڭە، بۆرەك قاتارلىق ئاساسلىق ئەزالارنى ئاجىزلىتىدۇ. چىرايىنى سېرىق، نۇرسىز قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا ئانانىزىمغا ئوخشاش ياشلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىغا زىيانلىق بولغان يامان ئادەتلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ. پىسخىك جەھەتتە ئىرادىسىز، كەيپىياتى بوشاڭ، چۈشكۈن قاتارلىق پاسسىپ كەيپىياتلارنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەسلىدە 60 ياشتىن ئاشقان ئەرلەردە يۈز بىرىدىغان مەزى بېزى كېسەللىكلىرىنىڭ بارغانسىرى ياشلىشىپ 15-16 ياشتىكى ئۆسمۈرلەردىن باشلاپ كۆرۈلىشى ھەم مەزى بېزى ياللۇقى، جىنسىي ئاجىزلىق دېگەندەك تېمىلارنىڭ جەمئىيەتتە قىززىق نۇقتا بولۇپ قىلىشىنىڭ بىر تەرپىدە مانا شۇ سېرىق مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆپ كۆرۈش ، سېرىق موھىتتا يۈرۈشلەر تۇرۇپتۇ. بالاغەتكە يەتكەن ھەر قانداق بىر ئەركەك زاتىدا شەھۋەت قوزغالغان ۋاقىتتا نېرىپلار جىددىي ھالەتكە ئۆتۈپ ئەرلىك ئەزالارغا قان تولىدۇ، مەنى خالتىسى ئىتىپ چىقىرىشقا تەييار بولۇپ مەنى ئاقىدىغان ئىرىقچىلار تولىدۇ. شەھۋەت بىسىققاندىن كىيىن ئارقىغا يانىدۇ. سېرىق مەزمۇندىكى كۆرۈنۈشلەر ۋە سېرىق موھىت - قىزلار بىلەن تولا قول تۇتۇشۇش، سۆيۈشۈش، سېلىشىش ، ئىشقى-مۇھەببەت پاراڭلىرىنى قىلىشىش دېگەندەك ئىشلار سەۋەبىدىن يۇقۇردا ئېيتىلغان ئەرلىك ئەزالارغا قان تولۇش يەنە بوشاش ئەھۋاللىرى تەكرار داۋام قىلغاندا دوۋساق، ئۇرۇقدان چىڭقىلىپ، بىئارام بولۇپ بەزى بىر بىنۇرماللىقلار كۆرىلىدۇ. ئېغىرلىرىدا مەزى بېزى، ئۇرۇقدان ياللۇغلىنىش، مەنى ئېقىپ كېتىش دېگەندەك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرىلىشى مومكىن.
شۇڭا مەملىكىتىمىزدە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ توردا ھەم پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسىدا سېرىق-شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرگە قارشى تازىلاش ھەركەتلىرى پات-پات بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ.
تور بېتىمىزدە «سېرىق مەزمۇن ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ھامىلە بولۇشى» دېگەن تېمىمۇ يوللانغان. كۆرۈپ باقايسىز! تامام
----بىرزات
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ, ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﯘﭘﯩﺴﻰ (ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﻧﺎﻣﻰ: jinsiyatcn)ﻏﺎ bz ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﯘﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯔ.
«ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺗﯧﭙﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﺯﻣﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﯘﭘﯩﺴﯩﻐﺎ x018 ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯔ!
Tags: