جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

جىنسىي تۇرمۇش تازىلىغى

جىنسىي تۇرمۇش تازىلىغى

ۋاقتى: 2016-10-31 ئاۋاتلىقى: 2470 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جىنسىي تۇرمۇش تازىلىغى شەخسى تازىلىق، جىنسىي ئەزالارنىڭ تازىلىقى،ھەيىز مەزگىلى،ھامىلدارلىق مەزگىلى ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى تۇرمۇش تازىلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يەردە ئاددىيلا شەخسىي تازىلىق ۋە جىنسىي ئەزالار پاكىزلىقى ھەققىدە توختىلىمىز...
شەخسى تازىلىق: شەخسىي تازىلىققا رىئايە قىلىش ئەر-خوتۇنلۇق جىنسىي تۇرمۇشنى ياخشى ئۆتكۇزۇشنىڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن بىرى. ھەر قېتىم جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۇزۇشتىن بورۇن ئەڭ ياخشىىسى يۇز-كۆز،ئېغىز،پۇت-قول،قولتۇق قاتارلىقلارنى پاكىز يۇيۇپ سۇرتۇش لازىم. چۇنكى ئېغىز پۇراپ قالسا ياكى پۇتلار سېسىق پراپ تۇرسا بەزى ئەرلەرنىڭ قولتۇقى زىيادە پۇراپ تۇرسا ئەلۋەتتە جىنسىي ئالاقىنىڭ كۆڭۇللۇك ئۆتكۇزىشىگە تەسىر يەتكۇزىدۇ. ئەگەر شەرت-شارائىتى بولسا يىلمان سۇ بىلەن يۇيۇنۇپ ئاندىن جىنسىي ئالاقە قىلىشسا ھەر ئىككى تەرەپ يېنىكلىك ۋە راھەت ھىس قىلىشىدۇ. بولسا يۇيۇنغاندىن كېيىن چېكە-پىشانە،بويۇن،كۆكرەك،قولتۇق قاتارلىق ئورۇنلارغا ئازراق ئەتىر چېچىش كېرەك.ئاندىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلسا تېخىمۇ كۆڭۇللۇك بولىدۇ.
جىنسىي ئەزالىرىنى پاكىز ساقلاش
جىنسىي ئەزالارنىڭ پاكىزلىقى-شەخسى تازىلىقنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. جىنسىي تۇرمۇشقا تەسىر يېتىش ۋە كېسەللىكلەردىن ساقلىنىش ئۇچۇن جىنسىي ئەزالارنى دائىم پاكىز ساقلاش لازىم.
ئەرلەردىن ئۇرۇقدان خالتىسىدا ناھايىتى كۆپ ئۇرۇقلار بولۇپ ئۇنىڭ ئارىلىرىدا كىر نەرسىلەر ناھايىتى ئاسان ساقلىنىپ قېلىپ سىرىتقى قىنسىي ئەزالاردىكى مىكروبلارنى يۇقۇملىنىشى ئوڭايلا كېلىپ چىقىدۇ. ئەرلەر جىنسىي ئەزالىرىدىكى كىر، مىكروبلار ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە زىيان كەلتۇرۇپلا قالماستىن يەنە جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق ئاياللار جىنسىي ئەزالىرىغا يۇقۇپ ئاياللاردا سىرىتقى جىنسى ئەزالاردا، جىنسىي يولىدا بالىياتقۇدا ياللۇغلىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشىدۇ. شۇڭلاشقا ئەرلەرمۇ يېرىق، ئۇرۇقدان خالتىسى،زەكەرلەرنى دائىملىق يۇيۇپ پاكىز تۇتۇشى، جىنسىي ئالاقە ئۆتكۇزۇشتىن بۇرۇن جەزمەن پاكىز يۇيىۋىتىش لازىم.
ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزالىرىنىڭ ئاناتومىيلىك ۋە فىزىئولوگىيلىك ئالاھىدىلىكلىرى ئۇلارنىڭ ئەزالىرى تازىلىقىنىڭ،پاكىزلىقىنىڭ تېخىمۇ مۇھىملىقىنى بەلەىلىگەن،ئاياللارنىڭ سىرىتقى جىنسىي ئەزالىرىدا پۇرۇلمىلەر كۆپ ھەرخىل شىلىمشىق ئاجراتمىلارنى چىقىرىدىغان بەزلەرمۇ كۆپ، ئاناتومىيلىك ئالاھىدىلىك ۋە نەملىكى،ھاراىتى قاتارلىقلار بۇ يەردە مىكروبلارنى ئۆسۇپ كۆپىيشى ئۇچۇن ئىنتايىن پايدىلىق. ئۇنىڭدىن باشقا جىنسىي يول،سۇيدۇك يولى، مەقئەتلەرنىڭ ئۆز ئارا ئارىلىقى ناھايىتى يېقىن بولۇپ، بۇ كىچىك مۇھىتنىڭ پاكىزلىقى تېخىمۇ ناچار، شۇڭلاشقا ئاياللار سىرىتقى جىنسىي ئەزالىرىنى كۇنىگە ئاز بولغاندا بىر قېتىم يۇيۇپ تۇرىشى، جىنسىي ئالاقە قىلىشتىن بۇرۇن بىر قېتىم پاكىز يۇيۇۋىتىشى،جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن يۇيۇنۇشتىن ئىبارەت ياخشى ئەنئەنىۋىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشلىرى لازىم. شۇنىڭدىلا سۈيدۇك ئاجرىتىپ چىقىرىش سېستىمىسى ۋە سىرىتقى جىنسىي ئەزالاردا يۇقۇملىنىش يۇز بېرىشتىن ساقلىنىش مۇمكىن.يۇيۇنغان ۋاقىتتا جىنسىي يول ئىچىنى يۇيۇشقا بولمايدۇ. چۇنكى جىنسىي يول ئىچىنىڭ ئۆزىنى-ئۆزى پاكىزلاش ئىقتىدارى بار.
 
جىنسىيەتكە ئائىت تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار جىنسىيەت (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) ئۈندىدار سۇپىسىدا!
Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى