جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ 6 تۈرلۈك پايدىسى

جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ 6 تۈرلۈك پايدىسى

ۋاقتى: 2016-10-19 ئاۋاتلىقى: 5954 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. جىسمانىي، روھىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ: بەزى جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەيدىغانلار تاماكا چېكىپ، ھاراقنى كۆپ ئىچىپ، روھى چۈشكۈنلىشىش، قەلبىدە مەنىسىزلىك ھېس قىلىدۇ، جنسىي مۇھەببەت ئادەمنى ھۇزۇرلاندۇرۇپ، روھىي جەھەتتىن قانائەتلەندۈرۈپ، تۇرمۇشنى جانلاندۇرۇپ، ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.
2. ئۇيقۇسىزلىقنىڭ ئازابىدىن خالاس قىلىدۇ: جىنسىي ھەۋەسنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالمىغاندا ياكى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاندا، ئوڭايلا ئۇيقۇسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا شېرىن جىنسىي مۇھەببەت بولۇپ مۇڭدىشىپ ياتقاندا، ئىككى تەرەپ شېرىن ئۇخلاپ، ياخشى چۈش كۆرىدۇ.
3. كېسەل ئازابىنى يەڭگىللىتىدۇ: ئەگەر سىز ئاشقازان، دۈمبە نېرۋىلىرى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندا، ئاسپىرىننىڭ ئەلۋەتتە ئۈنۈمى بولىدۇ، لېكىن جىنسي مۇھەببەتنىڭ روھلاندۇرۇشى مېڭىگە تەسىر قىلىپ، بىر خىل(ئەندوفىن) دېگەن خىمىيىۋى ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىلىپ، نېرۋا ئاغرىشقا ئوخشاشلا ئۈنۈمى بولۇپ، يەنە ئەڭ ياخشى داۋالاش ئۇسۇلى دېيىشكە بولىدۇ.
4. تېرىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق: دانىخورەكلەر كىشىنى ئىنتايىن بىزار قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قان ئايلىنىشنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا يېمەك-ئىچمەكتە شېكەر، ماي، يۇقىرى ئاقسىللىق ئوزۇقلۇقلارنى تەڭشەشتىن باشقا، جىنسىي مۇھەببەتمۇ بولىدىغان تەدبىرلەرنىڭ بىرسى. جىنسىي روھلىنىش قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، ماددا ئالمىشىشنى تەڭشەپ، تېرىنى ياخشىلايدۇ.
5. جىنسىي مۇھەببەت جىددىيلىكنى بوشاشتۇرۇپ، روھنى ئۇرغۇتىدۇ: كەيپىياتنى كونترول قىلالمىغاندا، جىنسىي مۇھەببەت جىددىيلىكنى پەسەيتىدۇ؛ روھىي بېسىم ئادەمنى جىددىيلەشتۈرگەندە جىنسىي مۇھەببەتنىڭ ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە بوشاشتۇرۇش رولى بولىدۇ.
6. جىنسىي مۇھەببەت ماددا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، روھنى ئۇرغۇتىدۇ. شۇڭا، ئەر-خوتۇنلارنىڭ جىنسىي مۇھەببىتى ئەھمىيەت بېرىشكە ئەرزىيدۇ. نورمال، قانۇنىيەتلىك ئېلىپ بېرىلىدىغان جىنسىي تۇرمۇش جىسمانىي روھىي ساغلاملىققا كۆپ ياردەم بېرىدۇ.
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى