جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا ئەر كىشى نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا ئەر كىشى نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-08-18 ئاۋاتلىقى: 6996 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۇ تېمىدا ئاساسلىق دېمەكچى بولغان گەپلىرىم، جىنسىي تۇرمۇشتا قانداق قىلىپ ئەر-خوتۇن ھەر ئىككىسىلى قانائەت تاپىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك جىنسىي ئالاقە قىلالايدۇ؟ دېگەن مەسىلىنى چۆرىدەپ شۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى سۆزلەپ بەرمەكچى، ھەم، شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ساۋات-ساۋاقلارنى دەپ بەرمەكچى. مەنمۇ بىر ئەر بولۇش سۈپىتىم بىلەن 16 يىللىق ئەر-خوتۇنلۇق ئەمەلىيەت ۋە ئىگىلىگەن بىلىملەر بار. ھەم ھېس قىلغان ھېكمەتلەر بار.
مۇسۇلمان كىشىلار ئاڭلىغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسسالام ئەرلەرگە جىما توغرىلىق تەلىم بەرگەندە، توخۇدەك بىردەمدىلا ئىشنى پۈتتۈرۈپ ئاياقلاشتۇرماسلىق توغرىسىدا كەلگەن بىر ھەدىس بار. بۇنى كۆپ كىشىلەر تېگىدىن چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن. نېمىشقا خۇرازنى تەمسىل قىلىدۇ؟ دېگەندە، ھەممەيلەن بىلىدۇ، خوراز مېكىياننىڭ ئۈستىگە چىققاندىن باشلاپ مىنۇت ۋاقىت ئۆتمەيلا ئىشنى تۆگىتىدۇ. ئەرلەر جىما قىلغاندا شۇنداق تېز ئىشنى پۈتتۈرسە، كېسىپ ئېتىمەنكى مۇتلەق كۆپ ئايال زاتى بۇ قېتىملىق جىنسىي ئالاقىدىن ھېچ بىر ھوزۇر ئالالمايدۇ، ئۇ تېخى تەييارلىق باسقۇچىغىمۇ كىرمىگەن ھالەتتە سىز ئوقنى ئېتىپ تۈگەتسىڭىز ئۇ پەقەت ئاغرىقنى ھېس قىلىشتىن باشقا يەنە نېمىنى ھېس قىلماقچىدى؟
خوش، ئەمدى قانداق قىلىپ ئەر-ئايال ھەر ئىككىلىسى بۇ قېتىملىق جىنسىي ئالاقىنىڭ ھۇزۇرىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ كۆرىدۇ؟ نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟ دېگەننى دېيىشتىن ئاۋۋال، ئەر بىلەن ئايالنىڭ بۇ جەھەتتىكى پەرقىنى ئەسكەرتىپ قوياي:
ئەر كىشىنىڭ زەكىرىنىڭ قېتىشى ئۈچۈن ناھايىتى قىسقا ۋاقىت كېتىدۇ. قارىشى تەرەپنىڭ جىنسىي قوزغاتقۇچى يەرلىرىنى خىيال قىلىپ، كۆڭلىدە جىنسىي ئالاقىنى ئويلىسىمۇ، ياكى قول بىلەن تۇتۇپ سىلاپ قويسىمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتەلەيدۇ. بۇنىڭغا 1-2 مىنۇتمۇ ۋاقىت كەتمەسلىكى مۇمكىن، ئىش قىلىپ نېرۋىنىڭ كۈچى بىلەن شۇ يەرگە قاننى نىختاپ ئاپىرىپ، ئەسلى يۇمشاق تۇرغان نەرسىنى خۇددى ئىچىدە سۆڭىكى باردەك قاتۇرىۋېتىدۇ. خىيال باشقا يەرگە بۇرالسا، ياكى ئوقى تۈگىگەندە يۇمشاپ ئەسلىگە قايتىسشىمۇ تېز بولىدۇ. بۇنىڭغىمۇ قىسقا ۋاقىت كېتىدۇ. 
ئەمما ئەرلەر ئايال كىشىنى بۇنداق ئويلىۋالماڭلار. ئۇلارنىڭ جىنسىي ئەزاسى سىزنىڭ سايمىنىڭىزنى قارشى ئالغۇدەك دەرىجىگە كېلىشى ئۈچۈن خېلى خىزمەت ئىشلىشىڭىز كېرەك. ئاندىن ئۇ يەر سىزنى رەسمىي قارشى ئالغاندا، ئۇ يەرگە كىرىپ سۈركۈلۈپ خېلى ۋاقىتتىن كېيىن ئايال كىشى يۇقىرى پەللىسىگە قاراپ ماڭىدۇ. بۇنىڭغا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 15 مىنۇت كېتىشى ھەتتا يېرىم سائەت، بىر سائەت ۋاقىت كېتىدىغان ئەھۋاللار بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، ئەر كىشى پەقەت ھاڭگىلاردەك ئۆزىنىڭكىنى قاندۇرىۋېلىش ئۈچۈنلا ھەرىكەت قىلماي، جۈپتىڭىزنىڭكىنى يۇقىرى پەللىسىگە چىقىرىپ ئۇنى چوڭقۇر يۈرىكىدىن رازى قىلىۋېتىدىغان دەرىجىگىچە ئاپىرىشنى نىشان قىلىشنى ھەرگىز ئۇنتۇماسلىقى لازىم. ئايال كىشىنىڭكىنى كەلتۈرىۋېتىپ، ئاندىن شۇ پۇرسەتتە ئۆزىڭىزنىڭكىنىمۇ كەلتۈرۋالسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى بۇ كەمگىچە سىزمۇ ئاران قالغانسىز؟ ئايال كىشىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە بولۇپ كەتكەندە، يەنە دەرھال يېنىپ چۈشمەي، ساقلاپ، ئۇ مۇشۇ قېتىملىق ئالاقىدىن رازى بولغاندا، ئاندىن يېنىپ چۈشسىڭىز بولىدۇ. يەنى، ئايال كىشىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە خېلى داۋام قىلىدۇ، سەل ئالدىرىمايراق ئەسلىگە قايتىدۇ. مۇشۇنداق پەرقلەرنى بىلەيلى. 
ئەمدى، بىر قېتىملىق جىمانىڭ غەلىبىلىك (ئەر-خوتۇن ھەر ئىككىسى يۇقىرى پەللىسىگە چىقىش) بولۇشنىڭ گېپىنى قىلاي.
ئەر كىشى جىما قىلىشتىن ئىلگىرى چوقۇم تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. تەييارلىق خىزمىتى دېسەم، ئۆزىڭىزنىڭكىنى قوپتۇرۇپ ئەكىلىشنىڭ گېپىمىكىن دېمەڭ جۇمۇ!
خوتۇنىڭىزنى ئوت ئالدۇرۇش خىزمىتىڭىزنى دېمەكچىمەن. ئايال كىشىنىڭ ھېسسىياتى ئويغىنىپ، سىزنىڭ ئۇنىڭ مۇھىم يېرىگە تېگىش قىلىشىڭىز ئۈچۈن، ئاۋۋال ئۇنىڭغا مۇھەببەتنى تىل ۋە بەدەنلىرىڭىز بىلەن چوقۇم ياخشى ئىپادىلەڭ. ئۇنىڭ كۆكرىكى، بوينى قۇلاقلىرى، ئىككى يوتىسى، جىنسىي ئەزاسىنىڭ ئەتراپى، بولۇپمۇ جىنسىي ئەزاسىنىڭ يۇقىرى قىسىمىدىكى كىچىك دۇمباق بىر يەر ۋە جىنسىي ئەزاسىنىڭ كالپۇكلىرىنىڭ سېزىمى يۇقىرى بولۇپ، ئۇ يەرلەرنى ئاۋۋال قولىڭىزنىڭ يۇمشىقى (تىرناقنى پاكىز ئېلىڭ، ئۇ يەرلەرنى تاتىلاپ يۈرمەڭ يەنە!) بىلەن سىلاپ، يەنە چىن مۇھەببىتىڭىزنى ئىپادىلەپ ئۇنىڭ ئېغىزىغا چىن كۆڭلىڭىز بىلەن سۆيسىڭىز ئۇنىڭ ھېسسىياتى ئويغىنىدۇ. ئۇنىڭ دۈمبە قىسىملىرى، قوللىرىمۇ، يەنى سىز مۇھەببەتنى ياخشى ئىپادىلەپ سىلاپ سۆيسىڭىز ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ھەممىلا يېرى دېگۈدەك جىنسىي سەزگۈگە ئىگە بولغان بولىدۇ. مانا مۇشۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇنىڭ جىسنىي ئەزاسى سىزنىڭكىگە تەقەززا بولغاندا، ئاندىن ئۇ يەرگە تېگىش قىلىشقا باشلىسىڭىز بولىدۇ. لېكىن ئۇ يەرگە ئالدىراپ كېتىپ ئۆزىڭىزنىڭ بالدۇر كېلىپ كېتىشىدىن چوقۇم ساقلىنىڭ!
شۇڭا، ئاۋۋال قولىڭىز بىلەن ۋە ئۇنى سۆيۈش بىلەن ئۇنى خېلى بىر يەرگە ئاپىرىۋېلىڭ. 
ئىككىنچى قەدەمدە، ئۇنىڭ جىنسىي يولىغا كىرگەندىمۇ ھاڭگىدەك بولۇپ كەتمەي، داۋاملىق مۇھەببتىڭىزنى ئىپادىلەپ سۆيۈش بىلەن بىرگە سەل ئاستىراق ھەرىكەت قىلىڭ. ئەگەر سىزنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىپ كېتىشكە ئالدىراۋاتقان بولسا، ئايال كىشى تېخى بۇنىڭغا يىراق بولغان بولسا، ئاكتىپچانلىقنى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەرسىڭىزمۇ ياخشى بولىدۇ. 
چۈنكى، جىنسىي ئالاقىدە قايسى تەرەپ ھەرىكەتلىرىدە ئاكتىپ ئورۇندا بولسا، شۇنىڭ بالدۇر يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشىغا پايدىلىق. ئايال كىشى ئاكتىپ ئورۇندا بولۇشى ئۈچۈن، ئەر كىشى ئاستىدا ياتسا بولىدۇ. ئايال كىشى ئۆزىنىڭ جىنسىي ئەزاسىنىڭ قەيىرى قانداق سۈركەلسە، ھۇزۇرى ياخشى بولدىغانلىقىنى ئۆزى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ. شۇڭا، سايماننى ئۇنىڭ ئوينىشىغا قۇيۇپ بەرسىڭىز، ئۇ ئۈستىدە تۇرۇپ، سىزنى سۆيۈپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭكىنى ئىچىگە قاپلاپ ھەرىكەت قىلسا، ئۇنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشىغا پايدىلىق.
ئەر كىشى ئاستىدا، ئايال كىشى ئۈستىدە بولغاندا، ئەر كىشى مەنىنىڭ بالدۇر چىقىپ كېتىشىنى كونترول قىلىشىغىمۇ پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئايال كىشىنىڭ ئىككى تېقىملىرىنى ۋە باشقا يەرلىرى سىلاپ بەرسە، ئايال كىشىنىڭ بوينىنىڭ كەينى تەرىپىنى ۋە باشلىرىنى چاچلىرىنى سىلاپ بەرسە ئايال كىشىنىڭ ھۇزۇرى يۇقىرىغا چىقىشىغا ياردىمى بولىدۇ.
يەنە، ئايال كىشىنىڭ ھېسسىياتى كېلىپ، جىنسىي ئەزاسى سىلىقلىنىپ بولغاندا، ئايال كىشى ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ يانچە ياتسا، ئەر كىشى ئۇنىڭ كەينى تەرىپىدىن قۇچاقلاپ، ئارقا تەرىپىدىن (ئۆز جايىغا جۇمۇ!) كىرگۈزۈپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئايال كىشىنىڭ ئىككى كۆكسىنى سىلاپ بەرسىمۇ ھۇزۇرى كۈچلۈك بولىدۇ. ئەر كىشىمۇ كەينى تەرەپتە ياتىدىغان بولغاچقا كۆپ كۈچ سەرپ بولمايدىغان بولغاچقا، مەنىنىڭ بالدۇر چىقىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى، كونترول قىلىپ، ئايال كىشىنى رەسمىي ئوت ئالدۇرغىلى بولىدۇ. بىر قېتىملىق جىمادا، پەقەت ئايالنىڭ ئۈستى تەرىپىدىن كېلىدىغان بىر خىل شەكىلدىلا تۇرىۋالماي، ئىككى پۇتىنى يۇقىرىسىغا قىلىپ تۇرۇپ بەرگەندە (بۇ چاغدا بەك قاتلاپ كۈچەپ بېسىشتىن ساقلىنىش لازىم، بولمىسا ئايال كىشىنىڭ بەل قىسمى زەخملىنىشى مۇمكىن) ھەرىكەت قىلسىمۇ بولىدۇ، كەينى تەرەپتىن كىرگۈزۈپ ھەرىكەت قىلىسمۇ بولىدۇ، ئىككىيلەن قارىشىپ، ئەر كىشى پۇتىنى سۇنۇپ ئولتۇرۇپ بەرسە ئايال كىشى ئۈستىدە تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىسىمۇ بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق بىر قېتىملىق جىنسىي ئالاقىدە ئايال كىشىگىمۇ ئاكتىپلىق ھالىتىنى بېرىش لازىم. 
بۇ دېگەن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھۇزۇر ئالىدىغان مۇناسىۋەت بولۇپ، بىر-بىرىدىن ھېچ ئىزا تارتىدىغان ئىش يوق. 
مانا مۇشۇنداق ئۇسۇللار بىلەن بىر قېتىملىق جىنسىي ئالاقىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىپ ئايال كىشىگە ھۇزۇر بەخش ئەتكەندە، ئۇمۇ ئەرگە ياخشى ھۇزۇر بەخش ئېتىدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئەر كىشى بۇ جەرياننى ياخشى ئىگىلەپ تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، بىر ئاماللار بىلەن ئايال كىشىنىڭكىنى كەلتۈرۋېتىشى كېرەك، ئاندىن شۇ ۋاقىتقا ئۇلاپلا قاتتىق ھەرىكەت قىلىپ سۈركەپ ئەرمۇ ئۆزىڭىزكىنى كەلتۈرىۋالسا بولىدۇ. ياكى ئايال كىشى ئۈستى تەرەپتە چېغىدا كەلتۈرىۋالسا، ئاندىن ئەر كىشىمۇ ئۆرۈلۈپ ئۇنى ئاستىغا بېسىپ نەچچە سۈركەپلا كەلتۈرىۋالسا، شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككى تەرەپ بۇ قېتىمقى جىمادا تەڭ ھۇزۇر ئالغان بولىدۇ.
ئايال كىشىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىپ بولۇپ بوشىغاندا ئەر كىشى ۋاقىتنى يەنە سوزۇپ سۈركەت ھەرىكەت قىلىۋەرسە، ئايال كىشىنىڭ جىنسىي ئەزاسى قاماپ ئاغرىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئايال كىشىنىڭ پەللىسىگە چىقىشىغا ئۇلاپلا ۋاقىتنى ئۇزاققا سوزماي ئەر قىشىمۇ ئۆزىنىڭكىنى قاندۇرۋالسا بولىدۇ.
شۇنداق قىلىپ ھەر ئىككىڭلار رازى بولىسىلەر.
ئەر كىشىلەر ئادەتتە، ئۆزىمىزنىڭ قانغاندا، بوشاپ بۇ ئىش تۈگىدى دەپ ئۇيلايدىكەنمىز. لېكىن ئايال كىشى ئۈچۈن تېخى ئالدىراپ تۈگىمەيدىكەن. يەنە داۋاملىق شېرىن-شېكەر گەپلەرنى قىلىپ ئۇنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ، قۇچاقلاپ ياتسىڭىز ئايال كىشى تېخىمۇ راھەت ھېس قىلىشى مۇمكىن. ئىشنى تۈگىتىپلا تەتۈر ئۆرۈلۈپ يېتىۋالسىڭىز نارازى بولۇشى مۇمكىن.
جىمادىن كېيىن بارلىق سۇيۇقلۇقنى ئايال كىشىگە تۆكۈپ بەرگەندىن كېيىن ئۇنى ۋاقتىدا ئادالىمىسا بولمايدۇ، شۇڭا، ئايال كىشى ئۈچۈن ئىش باشلاشتىن بۇرۇنلا پاكىزە تازىلىق قەغىزى ياكى شۇنىڭدەك نەرسە تەييار قىلغان بولۇشى لازىم. ئىشتىن كېيىن سەل توختاپ ئەر كىشىمۇ شۇ يېرىنى يىلمان سۇ بىلەن پاكىزە يۇيۇشى لازىم. ئاندىن ئۇخلىسا بولىدۇ. ياكى ئۇخلاشتىن بۇرۇن گاچ-گۇچ غۇسلى قىلىۋېتىپ ياتىسمۇ بولىدۇ. 
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى